كىنو ھەققىدە نېمىلەرنى دېدى؟

ئەلكۈيى
2021-03-18
来源:

640-24.gif640-59.png



شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم تەشۋىقات بۆلۈمى تەشكىللەپ پىلانلىغان، ئاپتونوم رايونلۇق مەدەنىيەت ۋە ساياھەت نازارىتى قوللىغان، تىيانشان كىنو ئىستۇدىيەسى ئىشلىگەن ناخشا-ئۇسسۇللۇق كىنو «قاناتلانغان ناخشا ساداسى» (歌声的翅膀) مۇشۇ ئاينىڭ 28-كۈنى پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا قويۇلىدۇ.

«قاناتلانغان ناخشا ساداسى»دا ئوخشاش بولمىغان ئۈچ مىللەتتىن بولغان ياشنىڭ مۇزىكا ئارزۇسىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالى، چۆل-باياۋان، ئوتلاق، يېزا-كەنتلەرگە بېرىپ، ھەر مىللەت ئاممىسىنىڭ مول ناخشا-ئۇسسۇل بايلىقىدىن، قىزغىن تۇرمۇشىدىن ئىجادىيەت ئىلھامى ئېلىپ ۋە ماتېرىيال توپلاپ، ئاخىرىدا مۇزىكا ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرغانلىقىدەك تەسىرلىك ھېكايە بايان قىلىنغان.

تىيانشان كىنو ئىستۇدىيەسى ئىشلىگەن بۇ «يەرلىك» ناخشا-ئۇسسۇل كىنوسى بىر قېتىملىق پۈتۈنلەي يېڭى سىناق ھېسابلىنىدۇ. «قاناتلانغان ناخشا ساداسى» ناخشا-ئۇسسۇللارنىڭ يەرلىك ئالاھىدىلىكىنى ساقلاپ قالغان، نۇرغۇن ناخشا-ئۇسسۇل ئامىللىرىنى مۇجەسسەملىگەن بولۇپ، سەككىز ئىجادىي ناخشا، تۆت گۇرۇپپا چوڭ ھەجىملىك ناخشا-ئۇسسۇل، ئىككى مۇزىكىلىق دراممىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەمدە چوڭ ئېكرانلىق كۆرۈنۈش ئارقىلىق سەككىز مىللەتنىڭ مىللىي ئۆرپ-ئادىتى نامايان قىلىنغان.

بۇ كىنونىڭ رېژىسسورى ئابدۇكېرىم ئابلىز مۇنداق دېدى: «بۇ كىنونى 2019-يىلى 5-ئايدا سۈرەتكە ئېلىشنى باشلىغان، فىلىم ئىشلەش گۇرۇپپىمىز ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ تارباغاتاي، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى، بورتالا، ئىلى، سانجى، قەشقەر، ئۈرۈمچى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ سۈرەتكە ئالدى. بىز ئىككى يېرىم ئايدا 20 مىڭ كىلومېتىردىن ئارتۇق يول يۈرۈپ، يەتتە ۋىلايەت، ئوبلاستنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتۈپ، 17 چوڭ كۆرۈنۈشنى سۈرەتكە ئالدۇق. شىنجاڭدىكى قارلىق تاغ، مۇز چوققا، ئېدىرلىق، ئوتلاق، چۆل-باياۋان، قۇملۇق، ئېگىزلىك، كۆل قاتارلىق گۈزەل مەنزىرىلەر بۇ كىنودا نامايان بولىدۇ».

ئابدۇكېرىم ئابلىزنىڭ ئاشكارىلىشىچە، بۇ كىنو پۈتۈنلەي ناخشا-ئۇسسۇل شەكلىدە ئىشلەنگەن بولۇپ، ھەر مىللەت ناخشا-ئۇسسۇللىرى تولۇق سۈرەتلىنىپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ مەدەنىيەت ئەنئەنىسى ۋە ھەر مىللەت خەلقىنىڭ بەختلىك، گۈزەل تۇرمۇشى نامايان قىلىنغان.

ئىجادىيەت كوللېكتىپى بۇ كىنودا «يېڭى» بولۇشنى قولغا كەلتۈرۈپ، تاماشىبىنلارغا ناخشا-ئۇسسۇلدىن تارتىپ شەكىل، مەزمۇنىغىچە ھەممىسىنى يېڭى ھالەتتە ھېس قىلدۇرۇشنى نىشان قىلغان. «قاناتلانغان ناخشا ئاۋازى»غا كۆپلىگەن مىللەتلەرنىڭ مۇزىكىسى ۋە ئۇسسۇلى، شۇنداقلا زامانىۋىي، مودا ئامىللار يۇغۇرۇلغان بولۇپ، خەلقئارالاشقان ناخشا-ئۇسسۇل كىنوسى دېيىشكە بولىدۇ.

ئابدۇكېرىم ئابلىز يەنە مۇنداق دېدى: «كىنونىڭ يارقىن نۇقتىلىرى ناھايىتى كۆپ، مەسىلەن: تۈمەنلىگەن ئاتلارنىڭ چېپىشى، كۆپچىلىكنىڭ ئۇسسۇلدا سىنىشىشى... بۇ كىنونى سۈرەتكە ئېلىش جەريانىدا قىيىنچىلىقلار ئاز بولمىدى، مەسىلەن بىرلا ۋاقىتتا 10 مىڭدىن ئارتۇق ئاتنى سۈرەتكە ئالغاندا تەشكىللەش ناھايىتى قىيىن بولىدۇ، ئەمما جەرياننىڭ قانچىلىك جاپالىق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، بۇ گۈزەل ھېكايە، يارقىن مەنزىرە چوڭ ئېكراندا نامايان بولغاندا بۇ «جاپا»لارنىڭ ئەرزىيدىغانلىقىنى ھېس قىلىمىز».

ئىگىلىنىشىچە، بۇ كىنونىڭ باش رېژىسسورى گاۋ خۇاڭگاڭ (高黄刚) بولۇپ، ئابدۇكېرىم ئابلىز (阿不都克力木·阿不力孜) رېژىسسورلۇق، يەن گاۋشەن (严高山) دوستانە رېژىسسورلۇق قىلغان، لى مۇشى (李牧时)، گاۋ چى (高琦) سېنارىيەسىنى يازغان، دوڭ يىڭدا (董颖达) مۇزىكىسىنى ئىشلىگەن، شيا ۋاڭ (夏望)، جاڭ يىڭبىڭ (张颖冰)، ئۈمىد (玉米提)، جياڭ يىخاۋ (ئايقېن 江依昊) قاتارلىقلار باش رول ئالغان، ليۇ جىبىڭ (刘之冰)، لو گاڭ (罗钢)، نىغمەت (尼格买提)، سىچىنگېرېل (斯琴格日乐)، لى يىرۇ (李宜儒)، قازىكەن قالىي (哈孜肯·哈里) قاتارلىقلار دوستانە رولغا چىققان. ئۇنىڭدىن باشقا، خۇاڭ چىشەن (黄绮珊)، تاسقىن تابىسخان (塔斯肯·塔比斯汗)، ئالاي ھايدارخان (阿来·阿依达尔汗)، سۈي زىگې (崔子格)، جۈ خوڭچۇەن (鞠红川) قاتارلىق ناخشىچىلار كىنودىكى ناخشىلارنى ئېيتقان.


تۈگىدى.png


监制:麦麦提江

审稿:阿米娜

稿子:乃扎尔

制作:张伟