ۋولۋو زادى قانداق ماركا؟

ئەلكۈيى
2021-03-17
来源:تېڭشۈن

640-24.gif640-59.png



ۋولۋو بىخەتەرلىك تاسمىسىنى ئۆزىنىڭ ماركىسىغا LOGO قىلغان ئاپتوموبىل كارخانىسى. ۋولۋو دۇنيا خەلقى ئېتىراپ قىلغان ئەڭ بىخەتەر ۋە ھەشەمەتلىك ئاپتوموبىل ماركىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن ئۆزىنىڭ سېتىش ئىدىيەسىنى بىخەتەرلىك بىلەن باغلاپ، «بىخەتەر ۋە مۇھىت ئ‍اسرىسا ھەشەمەتلىك بولىدۇ» دېگەن تەشۋىقات شوئارىنى ئوتتۇرىغا قويغان. ئۇنداقتا، ۋولۋو ئاپتوموبىل بىخەتەرلىكى ساھەسىدە زادى قانداق بىلىمگە ئىگە؟ قانچىلىك ئەۋزەللىككە ئىگە؟

شەھەر بىخەتەرلىك سىستېمىسى Ctiy Safety

يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، كىشىلەرنىڭ بىخەتەرلىككە تەدرىجىي ئەھمىيەت بېرىشىگە ئەگىشىپ، ۋولۋو بىخەتەرلىك چەكلىمىسىنى ئاپتوموبىلدىكى يولۇچىلار بىلەنلا چەكلەپ قالماستىن، يەنە سىرتتىكى ئاپتوموبىللارغا، ھەتتا يول يۈزىدىكى پىيادىلەرگىچە ئۇزارتتى. City Safety شەھەر بىخەتەرلىك سىستېمىسى بىخەتەرلىك ئۈچۈن بارلىققا كەلگەن، بۈگۈنكى كۈندە سىستېمىسىنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ ئۈچىنچى ئەۋلادقا كۆتۈردى ۋە مۇناسىۋەتلىك تېخىنىكىسىنىڭ توغرىلىق دەرىجىسى زور دەرىجىدە ئاشتى. بىخەتەرلىك ئىقتىدارى كۆرۈنمەس رايوننى كۆزىتىش، تەشەببۇسكارلىق بىلەن تورمۇزلاش، ئاپتوموبىل يول ئ‍ارلىقىنى ساقلاش، ماسلىشىپ چارلاش قاتارلىق كۆپ خىل ئاپتوموبىل ھەيدەشكە ئالاقىدار ياردەمچى تۈرلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، تاسادىپىي ئەھۋالغا يولۇققاندا شوپۇرنىڭ ئىنكاسى ۋاقتىدا بولماسلىق سەۋەبىدىن كېلىپ چىقىدىغان قاتناش بىخەتەرلىك ھادىسىسىنى ئازايتىدۇ.

دىققەت قىلىشقا تېگىشلىكى شۇكى، باشقا ماركىلارنىڭ مۇتلەق كۆپ قىسمى پەقەت ئەڭ يۇقىرى سەپلىمىلىك ئاپتوموبىل تىپى ياكى تاللاپ قاچىلاش شەكلىدە مەۋجۇت بولۇپ تۇرىدۇ، ئ‍ەمما ۋولۋو ئاپتوموبىللىرىغا بىخەتەرلىك سىستېمىسىنىڭ ھەممىسى ئۆلچەملىك سەپلەنگەن بولۇپ، ۋولۋو جەمەتىدىكى ئەڭ ئەرزان ئاپتوموبىل تىپىنى سېتىۋالغان تەقدىردىمۇ، CitySafety شەھەر بىخەتەرلىك سىستېمىسىدىن بەھرىمەن بولالايدۇ. بۇنىڭدىن شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، خەۋپسىزلىك ئومۇمىيىتىدىن قارىغاندا ۋولۋو ئېسىل-تۆۋەن دەپ ئايرىماي، ھەممە ئادەم باراۋەر دېگەن نىيەتتە بىخەتەرلىكنى ئ‍ەڭ يۇقىرى ئورۇنغا قويغان.

مۇستەھكەم ئاپتوموبىل گەۋدىسى قۇرۇلمىسى

تەشەببۇسكارلىق بىلەن قوغدىنىش سىستېمىسى بىر خىل ياردەمچى ۋاستە بولۇپ، رېئاللىقتىكى بەزى ھادىسىلەردىن پۈتۈنلەي ساقلانغىلى بولمايدۇ، شۇڭا سوقۇلۇش يۈز بەرگەندە پاسسىپ بىخەتەرلىكمۇ ئىنتايىن مۇھىم. ھاۋا خالتىسىدىن باشقا، ئاپتوموبىل گەۋدىسى رامكىسىنىڭ كۈچلۈكلۈكى بىزنىڭ بىخەتەرلىكىمىزنى قوغدايدىغان ئەڭ ئاخىرقى مۇداپىيە لىنىيەسى ھېسابلىنىدۇ. بىز ئادەتتە توردا A تۈۋرۈكنىڭ ئېگىلىپ كېتىش ياكى ئۈزۈلۈپ كېتىش ئەھۋالىنى كۆرىمىز، بۇ سەۋەپ دەل ماتېرىيال ئىشلىتىش سىجىللىقى يېتەرلىك بولماسلىقتىن كېلىپ چىققان، ئەگەر كۈچلۈكلۈك دەرىجىسى يېتەرلىك بولمىسا، ئالدىنقى رەتتىكى يولۇچىلارنىڭ پۇت بوشلۇقىنىڭ قىسىلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. دۆلەت ئىچىدە بازىرى ئەڭ ئىتتىك بولغان ئوتتۇرا تىپتىكى SUV ۋولۋو XC60نى مىسالغا ئالساق، تولغىنىش مومېنتىغا قارشى تۇرۇش كۈچى، ئادەتتە چىدامچانلىقى يۇقىرى پولاتقا قارىغاندا تۆت بەش ھەسسە يۇقىرى. تېخىمۇ مۇھىمى، بۇ ماتېرىيالنىڭ پۈتۈن ئاپتوموبىل جازىسىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى %40كە يېقىنلاشقان، ۋولۋو XC60 يەر شارىدىكى ئەڭ بىخەتەر ئاپتوموبىل دېگەن نامغا ئېرىشكەن.

بىخەتەرلىك پەقەت ھادىسە بىلەنلا چەكلىنىپ قالمايدۇ

ۋولۋونىڭ ھەشەمەتچىلىكى ۋە بىخەتەرلىكلىكىدىن باشقا يەنە مۇھىت ئاسراشچانلىقىمۇ داڭلىقتۇر. ۋولۋو ئاپتوموبىل ئىچى بېزەكچىلىكىدە زەھەرلىك گاز ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتمەسلىكى ئ‍ۈچۈن، ئ‍اپتوموبىل ئىچىنىڭ بېزەك ماتېرىيالى ئۆلچىمىگە ئىنتايىن يۇقىرى تەلەپ قويغان بولۇپ، ھەممىسى ساغلاملىق، مۇھىت ئاسراش ماتېرىيالى ئىشلىتىلگەن، خۇرۇمغا بىردەك تەركىبىدە خىروم، نىكېل ماتېرىيالى بولمىغان ئورگانىك ماتېرىيال ئىشلىتىلگەن. يېڭى ئاپتوموبىلدا غەيرىي پۇراق چىقماسلىقنى ئىشقا ئاشۇرغان، ئۇنىڭ ئۈستىگە ھامىلىدار ئاياللار ياكى بوۋاقلارغا نىسبەتەنمۇ ئ‍ەڭ ساغلام بولغان مۇھىت ھازىرلىغان .

ئۇنىڭدىن باشقا، ۋولۋو ئىچكى بېزەكچىلىكنى سىناش شارائىتىغىمۇ ئىنتايىن قاتتىق تەلەپ قويغان، مۇتلەق كۆپ ساندىكى ماركىلار ئاپتوموبىلدىكى زىيانلىق گازلارنى تەكشۈرۈش ئۆلچىمىنى پەقەت نورمال تېمپېراتۇرىدىلا بېكىتكەن، بۇ ۋاقىتتا نۇرغۇن زىيانلىق ماددىلار پارلىنىپ چىقالمايدۇ. ۋولۋو بولسا يازدىكى يۇقىرى تېمپېراتۇرىلىق مەنزىرىگە ئەڭ زور دەرىجىدە تەقلىد قىلىنغان بولۇپ، ئاپتوموبىل يۇقىرى تېمپېراتۇرىدا بىر مەزگىل ئاپتاپقا قاقلىنىپ، زىيانلىق ماددىلار تولۇق پارلىنىپ بولغاندىن كېيىن، ئاندىن گاز بىلەن ئۆلچىنىدۇ، نەتىجىدە ئ‍اپتوموبىلنىڭ مۇھىت ئ‍اسراشچانلىقى تېخىمۇ پايدىلىنىش قىممىتىگە ئىگە بولىدۇ.

بىخەتەرلىك بولسا بىر ماشىنىنىڭ ئەڭ ئاساسى تەلەپلىرىدىن بىرى. ئەگەر ئەڭ ئاساسلىق بىخەتەرلىكنىمۇ ياخشى قىلغىلى بولمىسا، ئۇنداقتا ھەشەمەتلىك، راھەت دېگەندەك باشقا قوشۇمچە خۇسۇسىيەتلەرنى تىلغا ئالغىلى بولمايدۇ. ۋولۋونىڭ بىخەتەرلىككە بولغان ئىنتىلىشنى ھەتتا ئۆز ماركىسىنىڭ سېتىش نۇقتىسى قىلغان.


تۈگىدى.png



监制:麦麦提江

审稿:阿米娜

稿子:乃扎尔

制作:张伟