دىلرابانىڭ يېڭى تىياتىرى

ئەلكۈيى
2021-03-17
来源:بەيدۇ

640-24.gif640-59.png



يېقىندا، توردا دىلرابا بىلەن ۋۇ لېي باش رول ئالغان قەدىمكى زامان تىياتىرى «چاڭگې سەپىرى» (长歌行)نىڭ 3-ئاينىڭ 24-كۈنى قويۇلىدىغانلىقى ئاشكارىلاندى، بۇ ئۇچۇر ئاشكارىلىنىشى بىلەن مەزكۇر تىياتىر يەنە بىر قېتىم قىزىق نۇقتىغا ئايلاندى.

بۇ تىياتىر شۇ ناملىق كارتوندىن ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن ئاياللار باش تېما قىلىنغان قەدىمكى زامان تىياتىرى بولۇپ، ئەسلى كارتون ئىلگىرى جۇڭگو ۋە ياپونىيەدە تازا ئالقىشلىنىپ، ئالتۇن مايمۇن مۇكاپاتى ۋە ئالتۇن ئەجدىھا مۇكاپاتلىرىغا ئېرىشكەن. سەھنە ئەسىرىنى تىياتىر مەستانىلىرىنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشىدۇ دەپ ئېيتىشقا بولىدۇ.

سېنارىيەدىن باشقا، بۇ تىياتىرنىڭ ئىشلەش گۇرۇپپىسى ۋە ئارتىسلار سېپىمۇ ئىنتايىن كۈچلۈك. ئالدى بىلەن رېژىسسور جۇ رۇيبىننى ئېلىپ ئېيتساق، ئۇ ئىلگىرى «چىڭيۈن تەزكىرىسى» (青云志)، «گۈلزارلىقتىكى نازۇك چىمەن» (香蜜沉沉烬如霜) ۋە «چىن سۆيگۈ» (冰糖炖雪梨) قاتارلىق ئالقىشلىق تىياتىرلارغا رېژىسسورلۇق قىلغان، ئەمەلىي كۈچى ئىنتايىن كۈچلۈك.

ئارتىسلار سېپىمۇ مەستانىلەرنىڭ ئۈمىد قىلغىنىدەك بولۇپ، دىلرابا بىلەن ۋۇ لېي ئەر-ئايال باش رولنى ئالىدۇ. ئالقىشلىق چولپانلاردىن ليۇ يۈنىڭ بىلەن جاۋ لۇسىمۇ مەزكۇر تىياتىرغا قوشۇلغان. دىلرابا «زاماندىن ھالقىغا رىشتە» (三生三世枕上书) ۋە «لېيخو تېغىدىكى ساھىبجامال»(烈火如歌) قاتارلىق بىر نەچچە قەدىمكى زامان تىياتىرىدا ئايال باش رول ئالغان، تەسىرى كۈچى كۈچلۈك.

ئەر باش رولچى ۋۇ لېي بالا چېغىدىلا تونۇلۇپ نام چىقارغان، رول ئېلىش ماھارىتى ياكى تاشقى تۇرق جەھەتتىن بولسۇن ياش ئارتىسلارنىڭ ئەڭ ئالدى، كىچىك لى يىفېڭ دېگەن نامى بار. چوڭ بولغاندىن كېيىن، ئۇنىڭ ئىستىقبالى تېخىمۇ پارلاق بولدى، ئۇ باش رول ئالغان «پەلەك يارار جامبازلار» (斗破苍穹) ۋە «ئۇرۇش سېپىنى كېسىپ ئۆتۈش» (穿越火线) قاتارلىق تىياتىرلار قويۇلغاندىن كېيىن قىزغىن ئالقىشلانغان، قەدىمكى زامانچە كىيىم كىيگەن ۋۇ لېي بۇرۇنقىدەكلا كېلىشكەن ھەم ئۆزگىچە سالاپەتلىك كۆرۈنىدۇ.

جاۋ لۇسى يوشۇرۇن كۈچى زور غۇنچە، ئۇ باش رول ئالغان كومېدىيەلىك تىياتىر «رىۋايەتلەردىكى چېن چيەنچيەن» (传闻中的陈芊芊) ھەر قايسى تور بېكەتلەردە قويۇلۇپ قىزغىن ئالقىشلانغان، تىياتىردىكى جاۋ لۇسى ياراتقان ئوبراز ياخشى باھالارغا ئېرىشكەن.

ليۇ يۈنىڭنىڭ تونۇلۇش دەرىجىسىنى سەل چاغلاشقا بولمايدۇ، ئۇ توردا بىۋاستە تارقىتىشتىن تونۇلۇپ نام چىقارغان، نۇرغۇن سادىق مەستانىلىرىنى ئەتراپىغا جۇغلىغان، نام چىقارغاندىن كېيىن كۆپلىگەن ئۇنىۋېرسال پىروگراممىلارنىڭ تەكلىپنامىسىنى تاپشۇرۇۋالغان، بۈگۈنكى كۈندە ئۇ بىرىنچى سەپتىكى چولپانلار قاتارىغا قوشۇلدى. يۇقاردىكى ئىككى ياش چولپاننىڭ مەزكۇر تىياتىرغا قوشۇلۇشى، بۇ تىياتىرنىڭ دىققەت نۇقتىسىنى يەنە بىر بالداق يۈكسەلدۈرگەن.

ئومۇمەن قىلىپ ئېيتقاندا، بۇ تىياتىرنىڭ ۋەقەلىكى ۋە ئارتىسلار قوشۇنى كىشىنى ئاساسىي جەھەتتىن رازى قىلىدۇ، بىراق قىسمەن تورداشلار دىلرابا بىلەن ۋۇ لېي ئوتتۇرىسىدىكى يەتتە ياش پەرقنى كۆزدە تۇتۇپ، ئۇلارنىڭ ئاچا-ئىنى مۇھەببىتىنى ماسلاشمىغاندەك ھېس قىلىشقان.

بۇ تىياتىر بۇلتۇر 7-ئايدا سۈرەتكە ئېلىشنى تاماملىغان، كېيىنكى باسقۇچلۇق خىزمەتلىرىنى دەپ تاھازىرغىچە قويۇش كېچىكتۈرۈلگەن، ناۋادا بۇ تىياتىر راستىنلا 3-ئاينىڭ 24-كۈنى قويۇلسا، «دورو چوڭ قۇرۇقلۇقى»غا ئوخشاش ياخشى نەتىجىلەرنى يارىتىشىدا گەپ يوق.



تۈگىدى.png



监制:麦麦提江

审稿:阿米娜

稿子:乃扎尔

制作:张伟