iOS 14.4.1 رەسمىي تارقىتىلدى

ئەلكۈيى
2021-03-13
来源:IT

640-24.gif640-59.png


بۈگۈن ئالما شىركىتى iPhone ۋە iPad ئۈسكۈنىلىرىگە قارىتا ئايرىم-ئايرىم ھالدا iOS 14.4.1 ۋە iPadOS 14.4.1 سىستېمىسىنى تارقاتتى.

ئەگەر ئىلگىرىكى سىستېما نەشىرى iOS 14.4 بولسا، ئۇنداقتا بۇ قېتىم OTA نەشىر يېڭىلاش ھۆججىتىنىڭ سىغىمى پەقەت 140MB ئەتراپىدا بولىدۇ، ئىنتايىن كىچىك. ئالما شىركىتى سىستېما يېڭىلاش ئۇقتۇرۇشىدا پەقەت: «بۇ قېتىم مۇھىم بىخەتەرلىك ئىقتىدارى يېڭىلاندى، بارلىق ئابۇنتلارغا يېڭىلاش تەكلىپى بېرىمىز» دېگەن بىرلا جۈملە گەپنى تىلغا ئالغان.

WebKit يوچۇقى تۈزىتىلگەندىن باشقا، iOS 14.4.1 نەشىرىدە باشقا ھىچقانداق ئۆزگىرىش يوق، جۈملىدىن، iOS 14.5 سىناق نەشىرىدە چىققان ماسكا تاقىغان ھالەتتە Apple Watch قۇلۇپىنى ئېچىش ئىقتىدارى يوق، شۇنداقلا iPhone 12 يۈرۈشلۈكىدىكى يېشىل ئېكران مەسىلىسىمۇ تۈزىتىلمىگەن. ئۇنىڭ ئۈستىگە، iOS 14.4.1 نەشىرىگە يېڭىلىغاندىن كىيىن، يانفون ئىقتىدارىغا تەسىر كۆرسەتمەيدۇ، سىستېما راۋانلىقىدىمۇ پەرق بولمايدۇ، بۇنى GeekBenchدىكى باھالاش نەتىجىسىدىن بىلىۋالغىلى بولىدۇ، تاق ۋە كۆپ يادرو ئىقتىدارىغا قويۇلغا نومۇر iOS 14.4 بىلەن ئاساسەن بىردەك.

يېڭىلاش تەكلىپى:

iOS 14.4.1دە پەقەت سىستېما يوچۇقى تۈزىتىلگەن، يېڭى ئىقتىدار قوشۇلمىغان، بىخەتەرلىككە ئەھمىيەت بېرىدىغان ئابۇنتلار تېزدىن يېڭىلىۋالسا بولىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، iOS 14.5 رەسمىي نەشىرى 3-ئاينىڭ ئاخىرىدا تارقىتىلىدۇ، ھازىر سىستېما يېڭىلاشقا ھورۇنلۇق قىلسىڭىز، ئۇنداقتا iOS 14.5نىڭ تارقىتىلىشىنى كۈتسىڭىزمۇ بولىدۇ.



تۈگىدى.png



监制:麦麦提江

审稿:阿米娜

稿子:乃扎尔

制作:张伟