ئالى چىقىمدانى نېمىگە ئۇتتۇرۇپ قويدى

ئەلكۈيى
2021-03-13
来源:تېڭشۈن

640-24.gif640-59.png



پەن-تېخنىكا تەرەققىيات سۈرئىتى ناھايىتى تېز بولۇپ بەزىدە كىشىلەر يېتىشەلمەي قالىدۇ، بولۇپمۇ ياشانغانلار زامانىۋى پەن-تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتىغا يېتىشىۋېلىشتا سەل قىينىلىپ قالدى، لېكىن مۇئەييەنلەشتۈرۈشكە بولىدۇكى، ما يۈن ئالى چىقىمداندا تۇنجى قېتىم ئىككىلىك كودنى سىكاننېرلاپ ھەق تۆلەشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ، بۈگۈنگە قەدەر بىزگە سانسىزلىغان قولايلىقلارنى ياراتتى.


سىكانىرلاپ ھەق تۆلەشنى مۇشۇ ئەسىردىكى ئۇلۇغ كەشپىياتلارنىڭ بىرى دېيىشكە بولىدۇ، يەنە ما يۈن بەرپا قىلغان ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىغا ماسلىشىپ، جۇڭگولۇقلارنىڭ ئىستېمال ئادىتىنى تۈپتىن ئۆزگەرتتى دېيىشكە بولىدۇ.

سىرتقا چىققاندا پورتىمال ئېلىۋېلىشنىڭ ھاجىتى يوق، چۈنكى ھەممە پۇل ئېلىكتىرونلۇق ھېساباتتا ساقلىنىدۇ، پەقەت يانفون ئارقىلىق ئېلېكتىرونلۇق ھېسابات نومۇرى ئارقىلىق پۇل تۆلىسىلا بولىدۇ، يەنى بىر يانفون بولسىلا دۇنيانىڭ ھەرقانداق جايىغا بېرىشتىن غەم قىلمايدۇ.


ئەمەلىيەتتە بۇلارنىڭ ھەممىسى 2015-يىلىنىڭ ئاخىرىدىكى ئالى چىقىمدانى (支付宝) باش ئىشتابىنىڭ بىر مەيدان يىغىن مۇنازىرىسىدىن باشلانغان، ئەينى چاغدا يىغىن زالى ناھايىتى جىددىي كەيپىياتقا تولغان بولۇپ، ئالى چىقىمدانىنىڭ داڭلىق NFC مۇتەخەسسىسى ئورنىدىن تۇرۇپ، ئەگەر كودنى سىكاننېرلاپ چىقىم قىلىشنى ئوتتۇرىغا چىقارسا، دەرھال يوتقان-كۆرپىلەرنى يىغىشتۇرۇپ شىركەتتىن كېتىدىغانلىقىنى، ئالى چىقىمدانى بىلەن كارى بولمايدىغانلىقىنى ئېيتتى.

يەنە بىر تۈركۈم كىشىلەر NFC سىستېمىسىنى قۇرۇش تەس، كۆچمە چىقىم قىلىشنىڭ ئومۇملىشىشىغا پايدىسىز، قولايلىق ئەمەس دەپ قارىدى.

بۇ بىر مەيدان تالاش-تارتىش ئۇدا ئۈچ ئاي داۋاملاشتى، بىراق ئەڭ ئاخىرىدا ئالى چىقىمدانى ھۆكۈمەت ئىشلىرى خەلق تۇرمۇشى مۇلازىمەت كەسپىي بۆلۈمىنىڭ باش دىرېكتورى ليۇ شياۋجيې يەنىلا كودنى سىكاننېرلاپ چىقىم قىلىشنى تاللاپ، NFC تۈرىنى ۋاقتىنچە توختاتتى.


ھەر بىر قالتىس شەيئى بارلىققا كېلىشتىن بۇرۇن ئاۋال چوقۇمكى ئىنتايىن تالاش-تارتىشقا سەۋەب بولىدۇ، بىراق ئەينى ۋاقىتتا ئۇلار توغرا تاللىغان ئىدى، بىر نەچچە يىل ئىچىدە پۈتۈن مەملىكەت خەلقى ئىچىدە سىكانىرلاپ ھەق تۆلەشنى ئومۇملاشتۇرۇلدى. بىراق سىكاننېرلاپ چىقىم قىلىشقا كۆز تىككەن كارخانا بىرلا ئەمەس ئىدى، كېيىن تېڭشۈننىڭ ئۈندىداردا چىقىم قىلىشى بىراقلا باش كۆتۈرۈپ چىقتى، كۆپ بولغان ئابۇنىت ئاساسىغا تايىنىپ، كۆچمە چىقىم ساھەسىگە كىردى.


شۇنىڭدىن كېيىن، كۆچمە ھەق تۆلەش ساھەسىدە ئالى چىقىمدانى بىلەن ئۈندىدار پۈتۈن بازارنى ئىگەللىدى. بۇنىڭ بىلەن پۈتۈن مەملىكەتتىكى ئەقلىيفون ئابونتلىرىنىڭ ھەممىسى سىكاننېرلاپ ھەق تۆلەيدىغان بولدى.

ئەمما كودنى سىكاننېرلاپ چىقىم قىلىش يەنىلا چەكلىمىلىككە ئىگە بولغاچقا، بۇ ئىككى شىركەت يەنە چىراينى پەرقلەندۈرۈشنى ئوتتۇرىغا قويغان بولسىمۇ، لېكىن يەنىلا بۇنى ئومۇملاشتۇرۇپ بولالمىدى.

ھەممە ئادەم ئۈندىدار چىقىمدانى بىلەن ئالى چىقىمدانى ئوتتۇرىسىدا بىر ھەل قىلغۇچ بازار ئىگىلەش جېڭى بولىدۇ دەپ قارىغان ۋاقىتتا، يەنە بىر ماگناتنىڭ قاتتىق زەربە بېرىشى بىلەن بۇ ئىككى زەردار شىركەت نېمە قىلىشىنى بىلەلمەي قالدى.


مەركىزىي بانكا يولغا قويغان «رەقەملىك خەلق پۇلى» ئېلېكتىرونلۇق خەلق پۇلى بولۇپ، ئوخشاشلا يانفون ئارقىلىق پۇل تۆلىگىلى بولىدۇ، ئەمما كودنى سىكاننېرلاش قاتارلىق مەشغۇلاتلار پۈتۈنلەي ھاجەتسىز، ھەتتا تور بولمىسىمۇ بولىدۇ، يانفوندا سىگنال بولمىسىمۇ، تەككۈزۈپ قويسىلا پۇل تۆلىگىلى بولىدۇ.

رەقەملىك خەلق پۇلى نۇرغۇن شەھەرلەردە نۇقتىلىق سىناق قىلىندى، ئېيتىشلارغا قارىغاندا، كەلگۈسى ئۈچ يىلدا رەقەملىك خەلق پۇلى ئومۇميۈزلۈك ئىشلىتىلىدىكەن.

تۈگىدى.png



监制:麦麦提江

审稿:阿米娜

稿子:乃扎尔

制作:张伟