ئۈندىدارنىڭ بۇ ئىقتىدارى ئىچىلدى

ئەلكۈيى
2021-03-13
来源:توۋتياۋ

640-24.gif640-59.png



3-ئاينىڭ 11-كۈنى كەچ، ئۈندىدارنىڭ Mac كومپيۇتېر نۇسخىسى تۇيۇقسىز 3.0 ئىچكى سىناق نەشرىنى ئېلان قىلدى.

ئىلگىرىكى ئىقتىدارلارغا سېلىشتۇرغاندا، بۇ قېتىم قاراڭغۇ ھالەت ئەندىزىسى ماسلاشتۇرۇلۇپلا قالماي، يەنە دوستلار چەمبىرىكىنى كۆرۈش ئىقتىدارىمۇ قوشۇلغان. كومپيۇتېر نۇسخىسىنىڭ بۇ قېتىم يېڭىلانغان ئىقتىدارلىرى تۆۋەندىكىچە:

1. دوستلار چەمبىرىكىنى زىيارەت قىلغىلى بولىدۇ.

دوستلار چەمبىرىكىنى كۆرۈش ئۈچۈن چوقۇم يانفون ئىشلىتىشنىڭ ئەمدى ھاجىتى قالمىدى. ئۈندىدارنىڭ Mac 3.0 ئىچكى سىناق نۇسخىسىدا كومپيۇتېر ئارقىلىق دوستلار چەمبىرىكىنى كۆرۈشكە بولىدۇ.

ئۈندىدارنىڭ «دوستلار چەمبىرىكى» بەلگىسىنى چېكىپ، بىر مۇستەقىل دوستلار چەمبىرىكى كۆزنىكىنى ئاچقىلى بولىدۇ. بۇ مۇستەقىل كۆزنەكتە مەزمۇنلارغا يۈرەك بەرگىلى، ئىنكاس يازغىلى يەنە كۆزنەكنى ئۇزارتقىلى ۋە كەڭلىكىنى تەڭشىگىلى بولىدۇ.

2. پاراڭلىشىش كۆزنىكىدە ۋىدېيو نومۇرى (视频号)نىڭ مەزمۇنى ۋە ۋىدېيو نومۇرى نەقسۇنۇم (视频号直播)نى دوستلىرىغا ھەمبەھىرلىگىلى بولىدۇ.

3. OS X 10.14 نۇسخىسى ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى سىستېما نەشرىدە قاراڭغۇ ھالەت ئەندىزىسىنى قوللايدۇ.

كومپيۇتېر نۇسخىسىدىكى ئۈندىدارنىڭ سىرتقى كۆرۈنۈشىدىمۇ ئۆزگىرىش بولدى. بەلگىسى يۇمىلاق بۇلۇڭلۇق تىك تۆت تەرەپلىك بەلگىگە ئۆزگەرگەن بولۇپ كۆرۈش تۇيغۇسى ئىنتايىن ياخشى. يەنە ئوڭ تەرەپ ئاستىنقى بۇرجىكىدىكى تەڭشەش رايونى ئارقىلىق قاراڭغۇ ھالەت دەرىجىسىنى ئۆزىمىزنىڭ ئېھتىياجى بويىچە تەڭشىسەك بولىدۇ.


4. توپتا نەقسۇنۇم ئېلىپ بارغىلى بولىدۇ.

ئۈندىدارنىڭ Mac 3.0 ئىچكى سىناق نۇسخىسىدا، توپتا نەقسۇنۇم ئىقتىدارى قوشۇلغان. بۇ ئىقتىدار ئارقىلىق توپ ئىچىدە يىغىن ئېچىش، ئوقۇ-ئوقۇتۇش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئېلىپ بېرىشقا بولىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۈندىدار توپىدىكى نەقسۇنۇم ھەمبەھىرلەشنى قوللىمايدىغان بولۇپ، يەنى توپ ئەزالىرىدىن باشقا ھېچكىم كىرەلمەيدىكەن، نەقسۇنۇمنىڭ مەخپىيەتلىكىگىمۇ كاپالەتلىك قىلىنىدىكەن.

6. ئۈندىدار سالون مەزمۇنلىرىنى لەيلىمە كۆزنەك (浮窗)كە قوشقىلى بولىدۇ.

يانفوندا، سالوندىكى تېمىسى قاتارلىق ئۇلىنىشلارنى ئېكراننىڭ گىرۋىكىگە سۆرەش ئۇسۇلى ئارقىلىق، ۋاقىتلىق لەيلىمە كۆزنەكتە ساقلىغىلى بولىدۇ. Mac 3.0 كومپيۇتېر سىناق نۇسخىسىدا، يازمىنىڭ ئوڭ تەرەپ ئۈستۈنكى بۇرجىكىدىكى «لەيلىمە كۆزنەك» كۇنۇپكىسىنى بېسىپ، ماقالىنى لەيلىمە كۆزنەككە كىرگۈزۈپ قويۇشقا بولىدۇ.

يۇقىرىقىلار ئۈندىدارنىڭ Mac 3.0 كومپيۇتېر سىناق نۇسخىسىدىكى يېڭى ئىقتىدارلار بولۇپ، ئەگەر سىز يەنە باشقا يېڭى ئىقتىدارلارنى بايقىسىڭىز، ئىنكاس رايونىدا ئورتاقلىشىشىڭىزنى قارشى ئالىمىز.


تۈگىدى.png



监制:麦麦提江

审稿:阿米娜

稿子:乃扎尔

制作:张伟