كۆرۈرمەنلەر بىلەن قايتا يۈز كۆرۈشىدۇ

ئەلكۈيى
2021-03-12
来源:ۋاقىت تورى

640-24.gif640-59.png



«ئاۋاتار» (阿凡达) دۆلىتىمىزدە 3-ئاينىڭ 12-كۈنى قايتا قويۇلىدۇ. يېقىندا بۇ ھەقتىكى ئۇقتۇرۇش تارقىتىلغان بولۇپ، ئۇقتۇرۇشتا 3-ئاينىڭ 12-كۈنىدىن 4-ئاينىڭ 26-كۈنىگىچە قويۇلىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

بۇ قېتىم «ئاۋاتار» فىلىمى IMAX 3D ۋە 3D شەكلىدە قويۇلىدۇ، IMAX 3D نۇسخىسىدىكى ئاۋاتار كىنو مەستانىلىرىنى جەلپ قىلماقتا. نۆۋەتتە ئالدىن بېلەت سېتىش باشلانغان بولۇپ، IMAX 3D نۇسخىسىدىكى ئاۋاتارنىڭ بېلەت باھاسى 69 يۈەن قىلىپ بېكىتىلگەن. ناۋادا «ئاۋاتار» دۆلىتىمىزدە قايتا قويۇلۇپ 50 مىليون يۈەن بېلەت كىرىمى يارىتالىسا، ئۇنىڭ ئومۇمىي بېلەت كىرىمى «قىساسكارلار ئىتتىپاقى 4»نىڭ ئومۇمىي بېلەت كىرىمى ئىككى مىليارد 797 مىليون 800 مىڭ دوللاردىن ئېشىپ، دۇنيادىكى ئەڭ يۇقىرى بېلەت كىرىم ياراتقان كىنوغا ئايلىنىدۇ.

بۇ كىنوغا جامېس كامېرون رېژىسسورلۇق قىلغان ھەم سېنارىيەسىنى يازغان، سام ۋورىڭتون، زويى سالدانا، سىگورنېي ۋىۋېر قاتارلىقلار باش رول ئالغان، بۇ كىنو 3D تېخنىكىسىدا سۈرەتكە ئېلىنغان، 500 مىليون دوللار مەبلەغ كەتكەن، كىنو تارىخىدىكى ئەڭ قىممەت ئەسەر ھېسابلىنىدۇ. 2010-يىلى 82-نۆۋەتلىك ئوسكار مۇكاپاتىدا ئەڭ ياخشى ئوپېراتور، ئەڭ ياخشى كۆرۈش ئۈنۈمى ۋە ئەڭ ياخشى سەنئەت يېتەكچىسى قاتارلىق ئۈچ تۈردە مۇكاپاتلانغان.

جامېس كامېرون «ئاۋاتار»دا زور ئۇتۇق قازانغاندىن كېيىن، ئىزچىل ئۇنىڭ داۋامىنى ئىشلەشنى پىلانلىغان. ھازىرچە تۆت بۆلۈم ئىشلەش پىلانلانغان بولسىمۇ، بىراق قويۇلۇش ۋاقتى ھەر خىل سەۋەبلەردىن ئىزچىل كەينىگە سۈرۈلگەن. نۆۋەتتە «ئاۋاتار 2» شىمالىي ئامېرىكىدا 2022-يىلى 12-ئاينىڭ 16-كۈنى، «ئاۋاتار 3» 2024-يىلى 12-ئاينىڭ 20-كۈنى، «ئاۋاتار 4» 2026-يىلى 12-ئاينىڭ 18-كۈنى، «ئاۋاتار 5» 2027-يىلى 12-ئاينىڭ 17-كۈنى قويۇلۇشقا بېكىتىلگەن. گەرچە قويۇلۇش ۋاقىتلىرى ئېنىق بېكىتىلگەن بولسىمۇ، بىراق ۋاقتىدا قويۇلالامدۇ-يوق، بۇنىسى ھازىرچە نامەلۇم.


تۈگىدى.png



监制:麦麦提江

审稿:阿米娜

稿子:乃扎尔

制作:张伟