توتتېنھام 0:2 زاگرېب دىنامو

ئەلكۈيى
2021-03-12
来源:دڭچيۇدى

640-24.gif640-59.png






بېيجىڭ ۋاقتى 3-ئاينىڭ 12-كۈنى سەھەر 4:00تىكى بۇ پەسىللىك ياۋروپا ئىتتىپاق لوڭقىسى 1/8 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى ئۇچرىشىشىدا توتتېنھام ساھىبخان مەيداندا كىرودىيە بىرلەشمىسىدىن كەلگەن زاگرېب دىنامو بىلەن مۇسابىقىلەشتى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە توتتېنھامدىن خاررى كېن بىر توپ كىرگۈزدى، كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە بېل زاپاس ئەزا بولۇپ مەيدانغا چىقتى، ئارقىدىنلا خاررى كېن بۇ مەيدان مۇسابىقىدىكى ئىككىنچى توپىنى كىرگۈزدى، كېيىنكى مىنۇتلاردا ھەر ئىككى كوماندا تىرىشچانلىق كۆرسەتكەن بولسىمۇ توپ كىرگۈزەلمەي، ئاخىرىدا توتتېنھام 0:2 نەتىجىدە غەلىبە قىلدى.

ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە سون خيۇڭمېن توپنى ئېلىپ مۇداپىئەنى بۆسۈپ چىقماقچى بولغاندا قائىدىگە خىلاپ ھەرىكەتكە ئۇچراپ يىقىتىۋېتىلدى، مۇسابىقىنىڭ 24-مىنۇتىدا توتتېنھام ئالدى بىلەن بىر توپ كىرگۈزۈپ مەيدان تەڭپۇڭلۇقىنى بۇزۇپ تاشلىدى، لامېلانىڭ تەپكەن توپى قاپقا تۈۋرۈكىگە تېگىپ قاڭقىپ چىقتى، خاررى كېن قايتقان توپنى تېپىپ كىرگۈزدى، ئارقىدىنلا ئىندومبېلېمۇ چەكلەنگەن رايون ئىچىدە قائىدىگە خىلاپ ھەرىكەتكە ئۇچرىدى، لېكىن باش رېپىر ھېچقانداق ئىپادە بىلدۈرمىدى، ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقە توتتېنھامنىڭ بىر توپ كىرگۈزۈشى بىلەن ئاخىرلاشتى.

كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە زاگرېب دىنامو ھۇجۇم تەشكىللەپ پېتكوۋىچنىڭ تەپكەن توپى قاپقا يېنىدىن ئۆتۈپ كەتتى، مۇسابىقىنىڭ 63-مىنۇتىدا توتتېنھام مەيداندىكى توپچىلارغا قارىتا تەڭشەش ئېلىپ باردى، بېل، لۇكاس مورا، بېرگۋىن قاتارلىقلار ئارقا-ئارقىدىن مەيدانغا چىقتى، بېل ئوڭ يولدىن پۇتىنىڭ سىرتقى يېنى بىلەن قاپقا ئالدىغا ئۇزۇن پاس يەتكۈزدى، بېرگۋىننىڭ تەپكەن توپىنى قاپقىچى توسۇپ چىقىرىۋەتتى، ئارقىدىنلا توتتېنھام يەنە بىر توپ كىرگۈزۈپ نومۇر پەرقىنى چوڭايتتى، مۇسابىقىنىڭ 69-مىنۇتىدا خاررى كېن سەپدىشى يەتكۈزگەن پاسنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن، قارشى تەرەپ بېكىنى ئالداپ ئۆتۈپ توپنى قاپقىغا تېپىپ كىرگۈزدى، بېلنىڭ تەپكەن ئىختىيارىي توپىنى قاپقىچى توسۇۋالدى، كېيىنكى مىنۇتلاردا ھەر ئىككى كوماندا توپ كىرگۈزەلمەي، ئاخىرىدا توتتېنھام مېھمان مەيداندا 0:2 نەتىجىدە زاگرېب دىنامونى مەغلۇپ قىلىپ تۇنجى ئۇچرىشىشنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈردى.

تۈگىدى.png



监制:麦麦提江

审稿:阿米娜

稿子:乃扎尔

制作:张伟