توتتېنھام 100 توپ كىرگۈزۈپ بولدى

ئەلكۈيى
2021-03-09
来源:دڭچيۇدى

640-24.gif640-59.png


بۈگۈن سەھەر ئاياغلاشقان ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسىنىڭ 27-ئايلانمىسىدا توتتېنھام ساھىبخان مەيداندا 1:4 نەتىجىدە خرۇستال ئوردىنى مەغلۇپ قىلىپ ئۇدا ئۈچ مەيدان بىرلەشمە مۇسابىقىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈردى. سانلىق مەلۇماتلارغا ئاساسلانغاندا، توتتېنھام بۇ مۇسابىقە پەسلى باشلانغاندىن تارتىپ ھازىرغا قەدەر ھەر تۈرلۈك مۇسابىقىلەردە جەمئىي 100 توپ كىرگۈزۈپ بولغان بولۇپ، بۇ مۇسابىقە پەسلىدە توتتېنھامدىن بۇرۇن پەقەت بايرېن مىيۇنخېنلا مۇشۇنداق نەتىجىنى بارلىققا كەلتۈرگەن.

بۇ مۇسابىقە پەسلىدە مورىنھونىڭ كوماندىغا ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىشى بىلەن توتتېنھامنىڭ ھۇجۇم سېپى يۇقىرى ئۈنۈمدارلىقىنى نامايان قىلدى، كوماندا 26 مەيدان بىرلەشمە مۇسابىقىدە 46 توپ، ياۋروپا ئىتتىپاق لوڭقىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىدە 15 توپ كىرگۈزدى. ئۇنىڭدىن باشقا، ئۆتكەن ھەپتە ئوينالغان ياۋروپا ئىتتىپاق لوڭقىسى شاللاش مۇسابىقىسىنىڭ ئىككى قېتىملىق ئۇچرىشىشىدا توتتېنھام جەمئىي سەككىز توپ كىرگۈزدى.

بايرېن مىيۇنخېن مۇشۇنداق قالتىس نەتىجىنى بارلىققا كەلتۈرگەن تۇنجى كوماندا بولۇپ، ئۇلار بۇ مۇسابىقە پەسلى باشلانغاندىن تارتىپ ھازىرغا قەدەر ھەر تۈرلۈك مۇسابىقىلەردە جەمئىي 106 توپ كىرگۈزۈپ بولغان.


تۈگىدى.png



监制:麦麦提江

审稿:阿米娜

稿子:乃扎尔

制作:张伟