10تۈرلۈك ئەمەلىي قانۇن بىلىملىرى

ئەلكۈيى
2021-03-09
来源:头条

640-24.gif640-59.png


بىلىۋېلىشقا تېگىشلىك 10تۈرلۈك ئ‍ەمەلىي قانۇن بىلىملىرى

1. باشقىلارغا قەرز بېرىشتە، پەقەت قەرز ھۆججىتى ئاساس قىلىنىپلا قالماستىن يەنە، قارشى تەرەپنىڭ پۇل تاپشۇرۇۋالغانلىق ئىسپاتىمۇ ئ‍اساس قىلىنىدۇ.

2. ئاياللار باسقۇنچىلىققا ئۇچرىغاندىن كېيىن ئەرلەرنى ياخشى كۆرۈپ قالغان، ھەتتا توي قىلغان بولسىمۇ، ئەرلەر يەنىلا باسقۇنچىلىق جىنايىتى ئۆتكۈزگەن بولىدۇ.

3. ئەرلەر ئەرلەرگە باسقۇنچىلىق قىلسا، باسقۇنچىلىق جىنايىتى ھۆكۈم قىلىنمايدۇ، لېكىن قەستەن زىيانكەشلىك قىلغان ھېسابلىنىدۇ. ئاياللار ئەرلەرگە باسقۇنچىلىق قىلسا، تېخىمۇ باسقۇنچىلىق جىنايىتى شەكىللەنمەيدۇ. لېكىن، ئاياللار ئەرلەرنىڭ ئاياللارغا باسقۇنچىلىق قىلىشىغا ياردەم بەرسە، باسقۇنچىلىق جىنايىتىنىڭ ياردەمچى جىنايەتچىسى ھېسابلىنىدۇ.

4. ئادەم ئۆلتۈرۈش، بۇلاڭچىلىق قىلىش، باسقۇنچىلىق قىلىش، تۇتقۇن قىلىش ۋە باشقا ئ‍ېغىر بولغان قەبىھ قىلمىشلارغا قارىتا، يوللۇق قوغدىنىپ، قارشى تەرەپنىڭ ئ‍ۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا، قانۇنى مەسئ‍ۇلىيىتى سۈرۈشتۈرۈلمىسىمۇ بولىدۇ.

5. توك سىمى ئارقىلىق ئوغرىدىن ساقلىنىش يوللۇق قوغدىنىش ھېسابلانمايدۇ، مەسىلە كۆرۈلسە، ئ‍وخشاشلا قانۇن بويىچە جىنايى جاۋابكارلىقى سۈرۈشتە قىلىنىدۇ.

6. 14 ياشتىن تۆۋەنلەر جىنايى ئىشلار قانۇنىدا ھېچقانداق مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالمىسىمۇ بولىدۇ، 14 ياشتىن 16 ياشقىچە بولغانلار قانۇندا بەلگىلەنگەن سەككىز خىل جىنايەت (قەستەن قاتىللىق قىلىش، قەستەن يارىلاندۇرۇپ قارشى تەرەپنى ئېغىر زەخىملەندۈرۈش ياكى ئۆلتۈرۈپ قويۇش، باسقۇنچىلىق قىلىش، بۇلاڭچىلىق قىلىش، زەھەر ئېلىپ-سېتىش، ئ‍وت قويۇش، پارتلىتىش ۋە خەتەرلىك بۇيۇملارنى قويۇپ بېرىش جىنايىتى)نى شەكىللەندۈرسە، يەنىلا جىنايى جاۋابكارلىققا تارتىلىدۇ.

7.جاۋابكار 18 ياشقا توشقان بولسا ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنسا بولىدۇ.

8. ئاتا-ئانىلار بالىلارنىڭ جىنايىتىنى بىلىپ تۇرۇپ قانات ئاستىغا ئالسا، ئ‍وخشاشلا قانات ئاستىغا ئېلىش جىنايىتى شەكىللىنىدۇ.

9. ئۆي ئىگىسى بىلەن ئۆي ئىجارە توختامى تۈزىگەندىن كېيىن، توختام مۇددىتى توشۇشتىن بۇرۇن، ئۆي ئىگىسى ئۆينى سېتىۋېتىپ، كۆچۈپ كېتىشنى تەلەپ قىلسا، تۆلەم تەلەپ قىلسا بولىدۇ.

10. بالىنىڭ ئاتا-ئانىسى نەق مەيداندا بار تۇرۇپ ھەمدە مال-مۈلۈكنىڭ قىممىتىنىڭ غايەت زور ئىكەنلىكىنى ئېنىق بىلىپ تۇرۇقلۇق، بالا دېلو سادىر قىلغاندا توسماي، مال-مۈلۈكنىڭ زور دەرىجىدە زىيانغا ئۇچرىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسا، بالىنىڭ ئاتا-ئانىسى قىلىدىغاننى قىلماسلىق جىنايىتىنى شەكىللەندۈرگەن بولىدۇ (باشقا خىلدىكى جىنايەتلەرنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ).


تۈگىدى.png



监制:麦麦提江

审稿:阿米娜

稿子:乃扎尔

制作:张伟