بۇ مەكتەپلەربۇ يىل ئوقوغۇچى قوبۇل قىلمايدۇ

ئەلكۈيى
2021-03-04
来源:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

640-24.gif640-59.png


مائارىپ مىنىستىرلىقى 2020-يىلدىن باشلاپ، مۇستەقىل شۆيۈەنگە ئۆزگەرتىش قۇرۇلۇشى قەدىمىنى سىجىل ئىلگىرى سۈردى. زور كۆپ سانلىق مۇستەقىل شۆيۈەنلەر ئارقا-ئارقىدىن پۇقراۋى ياكى ھۆكۈمەت باشقۇرۇشىدىكى مەكتەپلەرگە ئۆزگەرتىلدى. بۇلارنىڭ ئىچىدە، تۈرلۈك سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن ئۆزگەرتىپ قۇرۇشقا ئىمكان بولمىغان، ئوقۇتۇشنى توختىتىشتىن باشقا يولى قالمىغان بىر نەچچە ئالىي مەكتەپ بار.


تۆۋەندىكى بۇ بەش ئالىي مەكتەپ 2021-يىلدىن باشلاپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى توختىتىدۇ

بېيجىڭ پېداگوگىكا داشۆسى جۇخەي شۆبىسى

بېيجىڭ پېداگوگىكا داشۆسى جۇخەي شۆبىسى گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسى جۇخەي شەھىرىگە جايلاشقان ئالىي مەكتەپ بولۇپ، مۇستەقىل شۆيۈەن خاراكتېرىدە ئوقۇتۇشنى يولغا قويغان. بۇ مەكتەپ 2019-يىلدىن باشلاپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىنى ئازايتقان. 2021-يىلدىن باشلاپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى توختىتىدۇ، 2024-يىلى ئوقۇتۇشنى بىراقلا توختىتىدۇ.

بۇ مەكتەپ ئوقۇتۇشنى توختاتقاندىن كېيىن، بۇ مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەت ۋە مەجبۇرىيەتلىرىنى باش مەكتەپ، يەنى بېيجىڭ پېداگوگىكا داشۆسى ئۈستىگە ئالىدۇ.

نەنجىڭ داشۆسى جىنلىڭ شۆيۈەنى

نەنجىڭ داشۆسى 2020-يىل 7-ئايدا «سۇجۇ تارماق مەكتەپ رايونى قۇرۇلۇشىغا تايىنىپ جىنلىڭ شۆيۈەنىنى ئۆزگەرتىپ قۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تاماملاش» خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنىنى ئاچقان. يىغىندا، مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ «مۇستەقىل شۆيۈەنلەرنى ئۆزگەرتىپ قۇرۇش خىزمىتىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش لايىھەسى» ۋە نەنجىڭ داشۆسى سۇجۇ تارماق مەكتەپ رايونى قۇرۇلۇشىغا تايىنىپ جىنلىڭ شۆيۈەنىنى ئۆزگەرتىپ قۇرۇش قۇرۇلۇشىنى تاماملاش توغرىسىدىكى خېتىنىڭ روھى يەتكۈزۈلگەن.

2020-يىل 7-ئاينىڭ 22-كۈنى، جىنلىڭ شۆيۈەنىنىڭ تور بېتىگە بىر ئۇقتۇرۇش بېرىلىپ، مەكتەپ 2020-يىل 9-ئايدىن باشلاپ ئادەتتىكى تولۇق كۇرسقا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى توختىتىدىغانلىقى، تىپى ئۆزگەرتىلگەندىن كېيىن، 2020-يىلدىن باشلاپ نەنجىڭ داشۆسى سۇجۇ تارماق مەكتەپ رايونىغا ئومۇميۈزلۈك قوشۇۋېتىلىدىغانلىقى، مەكتەپداشلار باش ئۇيۇشمىسى جىنلىڭ شۆيۈەنىنى پۈتتۈرگەن مەكتەپداشلارغا «نەنجىڭ داشۆسى مەكتەپداشلار كارتىسى» تارقىتىپ بېرىدىغانلىقى مۇئەييەنلەشتۈرۈلدى.

نەنجىڭ جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكى داشۆسى خەنلىن شۆيۈەنى

تىپىنى ئۆزگەرتىشكە مۇشۇ ئۇسۇل قوللىنىلغان يەنە بىر مەكتەپ نەنجىڭ جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكى داشۆسى خەنلىن شۆيۈەنى. بۇ مەكتەپنىڭ ئىچى نەنجىڭ جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكى داشۆسىنىڭ تەيجوۋ تارماق مەكتەپ رايونى قىلىپ تەسىس قىلىندى.

نەنجىڭ جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكى داشۆسى تەيجوۋ تارماق مەكتەپ رايونى 2020-يىلى كۈزدە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى باشلىغان. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، نەنجىڭ جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكى داشۆسى خەنلىن شۆيۈەنى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى توختاتقان. تېخى ئوقۇۋاتقان ئوقۇغۇچىلار ئەسلىدىكى پىلان بويىچە ئوقۇشىنى تاماملىغاندىن كېيىن، نەنجىڭ جۇڭگو تېبابىتى دورىگەرلىكى داشۆسى خەنلىن شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇتۇشنى يولغا قويۇش ھوقۇقىنى قايتۇرۇۋالىدۇ ۋە ئالاقىدار بىر تەرەپ قىلىش ئىشلىرىغا مەسئۇل بولىدۇ.

خېبېي داشۆسى سودا-سانائەت شۆيۈەنى

2021-يىل 1-ئاينىڭ 26-كۈنى، مائارىپ مىنىستىرلىقى «مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ خېبېي داشۆسى سودا-سانائەت شۆيۈەنى تىپىنى ئۆزگەرتىش خىزمىتىنى ئوقۇتۇشنى توختىتىش شەكلىدە ئىشقا ئاشۇرۇشقا قوشۇلغانلىقى توغرىسىدىكى خەت»نى ئېلان قىلىپ، خېبېي داشۆسى سودا-سانائەت شۆيۈەنىنىڭ خېبېي ئۆلكىلىك خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ قوللىشى ئارقىسىدا، «مۇستەقىل شۆيۈەنلەرنى ئۆزگەرتىپ قۇرۇش خىزمىتىنى تېز ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يولغا قويۇش لايىھەسى»دىكى ئالاقىدار تەلەپلەرگە بىنائەن، 2020-يىلدىن باشلاپ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشنى توختىتىشقا، ئوقۇتۇشنى توختىتىش، ئالىي مەكتەپ ئېچىش ئىزىغا قەدەممۇ-قەدەممۇ قايتىپ كېلىش شەكلىدە تىپىنى ئۆزگەرتىشكە قوشۇلدى.

شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى پەن-تېخنىكا شۆيۈەنى

شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى پەن-تېخنىكا شۆيۈەنى 2002-يىل 7-ئايدا ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىنىڭ تەستىقى بىلەن قۇرۇلغان. 2004-يىلى مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ يېڭىباشتىن تەكشۈرۈپ تەستىقلىشى ۋە مۇئەييەنلەشتۈرۈشى ئارقىسىدا، مەملىكەت بويىچە تۇنجى تۈركۈمدە مۇئەييەنلەشتۈرۈلگەن 124 مۇستەقىل شۆيۈەنلەر (شىنجاڭدا ئىككىسى بار) نىڭ بىرى بولغان. بۇ مەكتەپ تولۇق كۇرس قاتلىمىدىكى ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپ مائارىپىنى يولغا قويغان مۇستەقىل شۆيۈەن ئىدى.

2020-يىل 10-ئاينىڭ 25-كۈنى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتى شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسى پەن-تېخنىكا شۆيۈەنىنىڭ ئوقۇتۇشنى توختىتىدىغانلىقى ھەمدە شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك داشۆسىگە قوشۇۋېتىلىدىغانلىقى توغرىسىدا ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقاردى.

بۇ يىل ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا بېرىدىغان ئەسكەرتىشىمىز شۇكى:

ئىمتىھانغا تىزىملاتقاندا، بۇلارنى پەرقلەندۈرۈۋېلىشقا دىققەت قىلىڭ. تىپى ئۆزگەرتىلىدىغان، ياكى ئۆزگەرتىلىپ بولغان مۇستەقىل شۆيۈەنلەرنى تولۇق چۈشىنىۋېلىڭ. كۆزىڭىزنى كەلگۈسى تەرەققىيات ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى، يوشۇرۇن كۈچى چوڭراق، پۇرسىتى كۆپرەك مەكتەپلەرگە تىكىڭ ھەم شۇ مەكتەپلەرنىڭ ئەھۋالىغا يېقىندىن دىققەت قىلىڭ.


تۈگىدى.png



监制:麦麦提江

审稿:阿米娜

稿子:乃扎尔

制作:张伟