يىڭى بەلگلىملەر

ئەلكۈيى
2021-03-04
来源:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

640-24.gif640-59.png



جىنايى ئىشلار قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى (11) يولغا قويۇلىدۇ

جىنايى ئىشلار قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى (11) 13-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 24-سانلىق يىغىنىدا ماقۇللاندى.3-ئايدىن باشلاپ رەسمىي يولغا قويۇلىدۇ. جىنايى ئىشلار قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى (11)دە ئاساسلىقى خەلق ئاممىسىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكىنى قوغداش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش، پۇل-مۇئامىلە بازىرى تەرتىپى، بىلىم مۈلۈك ھوقۇقى، ئېكولوگىيەلىك مۇھىت، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش-تىزگىنلەشكە مۇناسىۋەتلىك جامائەت ساغلاملىقى بىخەتەرلىكى قاتارلىق ساھەلەرنى چۆرىدەپ، جىنايى ئىشلار قانۇنى بويىچە تۈزەش ۋە قوغداش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

كىشىلىك ھوقۇققا قارىتىلغان ئەدلىيە كاپالىتى كۈچەيتىلىدۇ، يېڭى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنىنىڭ ئەدلىيەلىك ئىزاھاتى يولغا قويۇلىدۇ


2021-يىل 2-ئاينىڭ 4-كۈنى، ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسى «ئالىي خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ <جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنى>نى تەتبىقلاش توغرىسىدىكى ئەدلىيەلىك ئىزاھاتى» (تۆۋەندە «جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنىنىڭ ئەدلىيەلىك ئىزاھاتى» دەپ قىسقارتىلىدۇ)نى ئېلان قىلدى. جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنىغا يېڭى بېرىلگەن بۇ ئىزاھات 2021-يىل 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. 2012-يىل ئېلان قىلىنغان جىنايى ئىشلار دەۋا قانۇنىنىڭ ئەدلىيەلىك ئىزاھاتىغا سېلىشتۇرغاندا، بۇ يېڭى ئىزاھاتقا «جىنايىتىنى تونۇپ جازاغا قايىل بولغان دېلولار»، «تېزلىكتە كېسىم چىقىرىش»، «دەۋاگەرلەردىن بىر تەرەپ كېلەلمىگەن ئەھۋالدا سوت ئېچىش تەرتىپى» قاتارلىق ئۈچ باب، جەمئىي 107 ماددا قوشۇلغان. ئەمەلىيەتتە تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن ماددا 200دىن ئاشىدۇ.
كىشىلىك ھوقۇققا ھۆرمەت قىلىپ ۋە ئۇنى كاپالەتلەندۈرۈپ، دەۋا ھوقۇقى كاپالىتىنى كۈچەيتىش بۇ ئەدلىيەلىك ئىزاھاتنىڭ مۇھىم مەزمۇنى. ئەدلىيەلىك ئىزاھاتتىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، جاۋابكارنىڭ ھاۋالە قىلغان ئاقلىغۇچىسى يوق، قانۇن ياردىمى بېرىش ئاپپاراتلىرى ئۇنىڭغا ئاقلاش مۇلازىمىتى تەمىنلەپ بېرىدىغان ئادۋوكات كۆرسىتىپ بەرمىگەن ئەھۋالدا، خەلق سوت مەھكىمىسى جاۋابكارغا نۆۋەتچى ئادۋوكات بىلەن كېلىشىپ كۆرۈشۈش ھوقۇقى بارلىقىنى ئۇقتۇرۇپ، جىنايى ئىشلار بويىچە ئاقلاش ۋە قانۇن ياردىمى مۇلازىمىتىنىڭ تولۇق قاپلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.
ئەدلىيەلىك ئىزاھاتتا قورامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى كاپالەتلەندۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش يۈزىسىدىن، قورامىغا يەتمىگەنلەر جىنسىي زىيانكەشلىككە ياكى زوراۋانلىق زىيانكەشلىكىگە ئۇچرىغان دېلولاردا، قورامىغا يەتمىگەن زىيانكەشلىككە ئۇچرىغۇچى ۋە گۇۋاھچىدىن گەپ سورىغاندا تەڭ قەدەملىك ئۈنگە، سىنغا ئېلىش قاتارلىق تەدبىرلەرنى قوللىنىش، ئىمكانقەدەر بىر قېتىمدىلا تۈگىتىش بەلگىلەندى.

قىزىل سىزىق تارتىلدى! سۇغۇرتا شىركىتى تۆلەم بېرىش ئىقتىدارى ئۆلچىمىگە يېتىش ئۈچۈن ئۈچ ئۆتكەلدىن ئۆتۈشى كېرەك

«سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ تۆلەش ئىقتىدارىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى» 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. بۇ بەلگىلىمىدە، تۆلەش ئىقتىدارىنى باشقۇرۇش ۋە نازارەت قىلىشنىڭ ئۈچ تۈۋرۈكلۈك رامكىسى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، 2-ئەۋلاد تۆلەش سىستېمىسىنىڭ جۇڭگوچە ئالاھىدىلىككە ئىگە مىقدارلاشتۇرۇلغان مەبلەغ تەلىپى، خاراكتېرىنى بېكىتىپ باشقۇرۇش-نازارەت قىلىش تەلىپى ۋە بازار ئارقىلىق چەك قويۇش مېخانىزمى قاتارلىقلاردىن تەركىب تاپقان ئۈچ تۈۋرۈكلۈك رامكا سىستېمىسى تارماق قائىدە-تۈزۈمى دەرىجىسىگە كۆتۈرۈلدى.
بەلگىلىمىدە، تۆلەش ئىقتىدارىنى باشقۇرۇش-نازارەت قىلىشنىڭ كۆرسەتكۈچى سىستېمىسى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ئۈچ تۈرلۈك باشقۇرۇش-نازارەت قىلىش تەلىپىنى بىرلا ۋاقىتتا ھازىرلىغان سۇغۇرتا شىركىتى تۆلەش ئىقتىدارى ئۆلچىمىگە يەتكەن شىركەت بولىدىغانلىقى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: بىرىنچىدىن، يادرولۇق تۆلەش ئىقتىدارى يېتەرلىك بولۇش نىسبىتى %50تىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك؛ ئىككىنچىدىن، ئۇنىۋېرسال تۆلەش ئىقتىدارى يېتەرلىك بولۇش نىسبىتى %100تىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك؛ ئۈچىنچىدىن، خېيىم-خەتەرنى ئۇنىۋېرسال باھالاش Bتۈردە ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى بولۇشى كېرەك. يۇقىرىقى تەلەپلەرنىڭ ھەرقانداق بىرىگە ئۇيغۇن كەلمىگەن سۇغۇرتا شىركىتى تۆلەش ئىقتىدارى ئۆلچىمىگە يەتمىگەن شىركەت بولىدۇ.
يادرولۇق تۆلەش ئىقتىدارى يېتەرلىك بولۇش نىسبىتى %60 تىن تۆۋەن، ياكى ئۇنىۋېرسال تۆلەش ئىقتىدارى يېتەرلىك بولۇش نىسبىتى %120 تىن تۆۋەن سۇغۇرتا شىركەتلىرى نۇقتىلىق تەكشۈرۈش ئوبيېكتى بولىدۇ.

نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش دەرىجىسى ئومۇميۈزلۈك يۇقىرى كۆتۈرۈلدى، تىليارد يۈەنلىك چىقىم بازىرى يېڭىدىن يارىتىلغۇسى

چىقىم بازىرى ئومۇميۈزلۈك قېلىپلاشتۇرۇش ۋە يېڭىدىن يارىتىلىش ئالدىدا تۇرماقتا. يېقىندا، ئالاقىدار تارماقلار چىقىمنى نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشقا قارىتا ئارقا-ئارقىدىن ھۆججەت چىقىرىپ، چىقىم ساھەسىدە مونوپول قىلىۋېلىشقا قارشى تۇرۇشنى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويۇپ، يېڭىچە چىقىم مۇلازىمىتى قائىدىسى، زاپاس چىقىم مەبلىغىنى باشقۇرۇش چارىسى قاتارلىقلارنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، قاتتىق نازارەت قىلىش-باشقۇرۇشنىڭ بىر يۈرۈش بىرىكمە تەدبىرلىرىنى يولغا قويدى. بۇنىڭ ئىچىدە، خەلق بانكىسى ئېلان قىلغان «بانكىدىن سىرت چىقىم ئاپپاراتلىرىنىڭ خېرىدارلار زاپاس چىقىم مەبلىغىنى ساقلاش ۋە باشقۇرۇش چارىسى» 2021-يىل 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. بۇ چارىدە، زاپاس چىقىم مەبلىغى ساقلاشقا مەركەزلىك تاپشۇرۇلغاندىن كېيىنكى خېرىدارلار زاپاس چىقىم مەبلىغىنى مەركەزلىك ساقلاش ۋە باشقۇرۇش كەسپى قېلىپلاشتۇرۇلدى، زاپاس چىقىم مەبلىغىنى ساقلاش، ئىشلىتىش، ئاجرىتىپ يۆتكەپ بېرىشكە ئائىت بەلگىلىمىلەر ئىنچىكىلەشتۈرۈلدى، نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتى قاتارلىق مەزمۇنلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.
كەسىپكارلارنىڭ تەھلىلىچە، بۇ چارىنىڭ ئېلان قىلىنىشى ئېلىمىزنىڭ چىقىم كەسپى تەرەققىياتىغا، ھەتتاكى پۇل-مۇئامىلە بازىرىنىڭ يۈرۈشۈش مېخانىزمىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدىكەن.

«توردا تەكلىپ قىلىش مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى» يولغا قويۇلىدۇ، توردا تەكلىپ قىلىشتا ئەمگەكچىدىن زاكالەت ئېلىشقا بولمايدۇ

توردا تەكلىپ قىلىش ئىشقا ئورۇنلىشىشنى كاپالەتلەندۈرىدۇ.

«توردا تەكلىپ قىلىش مۇلازىمىتىنى باشقۇرۇش   بەلگىلىمىسى»دە، يىغىلغان خۇسۇسىي ئۇچۇرلار ۋە ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇننىڭ ئىگىلىك باشقۇرۇش ئەھۋالى قاتارلىق ئۇچۇرلارنى ئاشكارىلاشقا، ئۆزگەرتىشكە، بۇزۇۋېتىشكە ياكى قانۇنسىز سېتىشقا، قانۇنسىز تەمىنلەپ بېرىشكە يول قويۇلمايدىغانلىقى، ھەم ئەمگەكچىدىن زاكالەت ئېلىشقا بولمايدىغانلىقى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى. بەلگىلىمە 2021-يىل 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.
بەلگىلىمىدە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن تەمىنلىگەن تەكلىپ قىلىش ئۇچۇرى قانۇنغا ئۇيغۇن، ھەقىقىي بولۇشى كېرەك، كەمسىتىش خاراكتېرلىك مەزمۇنلارنى ئىشلىتىشكە بولمايدۇ؛ توردا تەكلىپ قىلىش مۇلازىمىتى بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تىجارەت خاراكتېرلىك ئادەم كۈچى بايلىقى مۇلازىمەت ئاپپاراتلىرى ئۆزىنىڭ مۇلازىمەت تۈرلىرىنى، ھەق ئېلىش ئۆلچىمىنى ئېنىق ئۇقتۇرۇشى كېرەك.

تۇنجى ۋادا قانۇنى چاڭجياڭ دەرياسىغا ئائىت مەسىلىلەرنى تۈزەيدۇ، قانۇنسىز قۇم ئېلىشقا ئەڭ يۇقىرى بولغاندا 2 مىليون يۈەن جەرىمانە قويۇلىدۇ

ئېلىمىزنىڭ ۋادىلارنى قوغداشقا ئائىت تۇنجى مەخسۇس قانۇنى بولغان چاڭجياڭ دەرياسىنى قوغداش قانۇنى بۇ يىل 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. نۆۋەتتىكى كىشىلەر ئومۇميۈزلۈك كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان چاڭجياڭ دەرياسىدا بېلىق تۇتۇشنى مەنئى قىلىش مەسىلىسى كۆزدە تۇتۇلۇپ، قانۇندا چاڭجياڭ دەرياسى ۋادىسىنىڭ سۇ جانلىقلىرىنى قوغداش رايونىدا ئىشلەپچىقىرىش خاراكتېرلىك تۇتۇشنى ئومۇميۈزلۈك مەنئى قىلىش، دۆلەت بەلگىلەپ بەرگەن مۆھلەت ئىچىدە، چاڭجياڭ دەرياسىنىڭ غول ئېقىنى ۋە مۇھىم تارماق ئېقىنلىرى، چوڭ تىپتىكى سۇ ئۆتكۈزۈش كۆللىرى، چاڭجياڭ دەرياسى ئېغىزىدىكى بەلگىلەنگەن رايون قاتارلىق نۇقتىلىق سۇ رايونلىرىدا تەبىئىي بېلىقچىلىق بايلىقىنى ئىشلەپچىقىرىش خاراكتېرلىك ئېچىشنى ئومۇميۈزلۈك مەنئى قىلىش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

«ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مەكتەپ مائارىپىغا دائىر جازالاش قائىدىسى (سىناق نۇسخا)» يولغا قويۇلىدۇ، تەنقىد قىلىش، تەنبىھ بېرىش شەكلىدە يېتەكلەشكە بولىدۇ، زىيان يەتكۈزۈش، ھاقارەت قىلىشقا بولمايدۇ

«ئوتتۇرا-باشلانغۇچ مائارىپىغا دائىر جازالاش قائىدىسى (سىناق نۇسخا)» 2021-يىل 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. بۇ قائىدىدە مۇنۇلار كۆرسىتىلدى، ھەقىقەتەن زۆرۈر ئەھۋالدا، مەكتەپ ۋە ئوقۇتقۇچى ئوقۇغۇچىدا بويسۇنماسلىق، تەرتىپنى قالايمىقان قىلىش، ھەرىكىتى قېلىپتىن چىقىپ كېتىش، خەۋپ تۇغدۇرۇش، ھوقۇق-مەنپەئەتكە چېقىلىش قاتارلىق قىلمىشلار ساقلانغان بولسا تەربىيەلەش خاراكتېرلىك جازالاشنى يولغا قويسا بولىدۇ.
تەن جازاسى ۋە شەكلى ئۆزگەرگەن تەن جازاسىنى تەربىيەلەش خاراكتېرلىك جازا قىلىۋېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، قائىدىدە يولغا قويۇش مەنئى قىلىنغان يەتتە تۈرلۈك نامۇۋاپىق تەربىيەلەش قىلمىشى ئىنچىكىلەشتۈرۈلدى: 1. ئۇرۇش، سانجىش قاتارلىق شەكىللەردىكى تەندە بىۋاسىتە ئاغرىق پەيدا قىلىدىغان تەن جازاسى؛ 2. نورمال چەكتىن ئېشىپ كەتكەن تۇرغۇزۇپ قويۇش جازاسى، قايتا-قايتا كۆچۈرگۈزۈش، نامۇۋاپىق ھەرىكەت ئىشلەش ياكى قىياپەتتە تۇرۇشقا زورلاش، شۇنىڭدەك غەرەزلىك يالغۇز قالدۇرۇش قاتارلىق تەنگە، پىسخىكىغا ۋاسىتىلىك زىيان يەتكۈزىدىغان شەكلى ئۆزگەرگەن تەن جازاسى؛ 3. تىللاش ياكى كەمسىتىش، ھاقارەتلەش خاراكتېرلىك سۆز-ھەرىكەتلەر بىلەن ئوقۇغۇچىنىڭ كىشىلىك ئىززەت-ھۆرمىتىگە چېقىلىش؛ 4. خۇسۇسىي ياكى ئاز ساندىكىلەرنىڭ بەلگىلىمىگە، ئىنتىزامغا خىلاپلىق قىلىش قىلمىشى سەۋەبلىك پۈتۈن ئوقۇغۇچىلارنى جازالاش؛ 5. ئوقۇش نەتىجىسى سەۋەبى بىلەن ئوقۇغۇچىغا تەربىيەلەش خاراكتېرلىك جازا بېرىش؛ 6. تەربىيەلەش خاراكتېرلىك جازالاشنى ئۆز خاھىشىغا قاراپ ياخشى ياكى يامان دەپ ئايرىپ ياكى تاللاپ يولغا قويۇش؛ 6. بىر ئوقۇغۇچىنى باشقا ئوقۇغۇچىغا تەربىيەلەش خاراكتېرلىك جازالاشقا بۇيرۇش.

يېڭى «يېزا يېرىنى باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ئوبوروت قىلىشنى باشقۇرۇش چارىسى» يولغا قويۇلىدۇ، يېزا يېرىنى باشقۇرۇش ھوقۇقى تەرتىپلىك ئوبوروت قىلىشقا يېتەكلىنىدۇ

«يېزا يېرىنى باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ئوبوروت قىلىشنى باشقۇرۇش چارىسى» 2021-يىل 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. تېرىلغۇ يەرنى «ئاشلىق تېرىشتىن باشقا ئىشقا ئىشلىتىش»، «دېھقانچىلىقتىن باشقا ئىشقا ئىشلىتىش»تىن قانداق ساقلىنىش كېرەك؟ چارىدە بۇنىڭغا مۇناسىپ بەلگىلىمىلەر چىقىرىلدى. بىر تەرەپتىن، تېرىلغۇ يەرنى «ئاشلىق تېرىشتىن باشقا ئىشقا ئىشلىتىش» قەتئىي توختىتىلىپ، يەر باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ئوبوروت قىلىشتا يېزا يېرىنى دېھقانچىلىققا ئىشلىتىشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، ئالدى بىلەن ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىغا ئىشلىتىش، باشقۇرۇش تۈرى ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق كەسىپ پىلانىغا ئۇيغۇن كېلەمدۇ-يوق دېگەننى تەكشۈرۈش-قاراپ چىقىشنىڭ نۇقتىلىق مەزمۇنى قىلىش، ھەر دەرىجىلىك يېزا ئىگىلىك ۋە يېزا تارماقلىرى مۇلازىمەتنى كۈچەيتىپ، ئۆتۈنۈپ بېرىلگۈچى تەرەپنىڭ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىشىنى راۋاجلاندۇرۇشىغا مەدەت بېرىش قاتارلىقلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.
يەنە بىر تەرەپتىن، تېرىلغۇ يەرنى «دېھقانچىلىقتىن باشقا ئىشقا ئىشلىتىش» قەتئىي توسۇلۇپ، يەر باشقۇرۇش ھوقۇقىنى ئوبوروت قىلىشتا، ئۆتۈنۈپ بېرىلگۈچى تەرەپ ئالاقىدار قانۇن-نىزاملارغا ئاساسەن يەرنى قوغداش كېرەكلىكى، يەرنى يېزا ئىگىلىك ئىشلىرىغا ئىشلىتىش يولىنى ئۆزگەرتىۋېتىش، ئاق تاشلاپ قويۇش، قاقاس قىلىۋېتىش، تېرىلغۇ يەرنى ئىگىلەپ خۇمدان سېلىش، قەبرە سېلىش ياكى ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن تېرىلغۇ يەرگە ئۆي سېلىش، تېرىلغۇ يەردە قۇم چىقىرىش، تاش قېزىش، كان ئېچىش، توپا ئېلىش قاتارلىقلار مەنئى قىلىنىدىغانلىقى؛ مەڭگۈلۈك ئاساسىي ئېتىزنى ئىگىلەپ باغ-ئورمان بىنا قىلىش ياكى كۆل ياساپ بېلىق بېقىش مەنئى قىلىنىدىغانلىقى ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

«نام قويۇش» تېخىمۇ ئىختىيارىيلاشتۇرۇلۇپ، بازارنىڭ ھاياتىي كۈچى ئاشۇرۇلىدۇ، تۈزىتىلگەندىن كېيىنكى «كارخانا نامىنى تىزىمغا ئېلىشنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى» يولغا قويۇلىدۇ

تۈزىتىلگەندىن كېيىنكى «كارخانا نامىنى تىزىمغا ئېلىشنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى» بۇ يىل 3-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ. بەلگىلىمىدە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، باشقا كارخانىنىڭ نامىنى كارخانا نامىغا دائىر قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىمىزگە چېقىلغانلىق دەپ قارىغان كارخانا خەلق سوت مەھكىمىسىگە ئەرز سۇنسا، ياكى ھوقۇققا چېقىلىشقا چېتىلغان كارخانىغا كارخانا نامىنى تىزىمغا ئېلىش ئىشلىرىنى بېجىرىپ بەرگەن كارخانىلارنى تىزىملاش ئورگىنىدىن بىر تەرەپ قىلىپ بېرىشنى ئۆتۈنسە بولىدۇ؛ كارخانىلارنى تىزىملاش ئورگىنى ئىلتىماسنى قوبۇل قىلغاندىن كېيىن ياراشتۇرسا بولىدۇ. ياراشتۇرغىلى بولمىسا، كارخانىلارنى تىزىملاش ئورگىنى بەلگىلەنگەن مۆھلەت ئىچىدە مەمۇرىي كېسىم چىقىرىشى كېرەك.



تۈگىدى.png



监制:麦麦提江

审稿:阿米娜

稿子:乃扎尔

制作:张伟