مەكتەپلەردىكى بۇ مەسىلە ھەل قىلىنىدۇ

ئەلكۈيى
2021-03-04
来源:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

640-24.gif640-59.png

مائارىپ مىنىستىرلىقى يېقىندا مەجبۇرىيەت مائارىپى باسقۇچىدىكى مەكتەپلەرنىڭ دەرستىن كېيىنكى مۇلازىمەتنى ئومۇميۈزلۈك قاپلاشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، ۋاقىت ئورۇنلاشتۇرۇشىنى شۇ جاينىڭ نورمال ئىشتىن چۈشۈش ۋاقتى بىلەن جىپسىلاشتۇرۇپ، ئاتا-ئانىلارنىڭ ئوقۇغۇچىلارنى ۋاقتىدا مەكتەپتىن ئېلىشى قىيىن بولۇش مەسىلىسىنى ھەقىقىي ھەل قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

«3:30دا مەكتەپتىن بالىنى ئېلىش قىيىن بولۇش مەسىلىسى» ئۇزاقتىن بۇيان داۋاملىشىپ كەلگەن بولۇپ، نۇرغۇن ئائىلىلەرنى قىيناۋاتقان بىر چوڭ مەسىلە ئىدى. بەزى جايلار ئوقۇغۇچىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش مەقسىتىدە، ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپتە مەركەزلىك ئوقۇش ۋاقتىنى قاتتىق كونترول قىلىپ، باشلانغۇچ، تولۇقسىز، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ كۈندىلىك ئوقۇش ۋاقتىنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا 6 سائەت، 7 سائەت، 8 سائەتتىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەكلىكىنى بەلگىلىدى، نەتىجىدە ئىلگىرىكى 5:30دا مەكتەپتىن قويۇپ بېرىش ۋاقتى ھازىرقى 3:30غا ئۆزگەرتىلىپ، تاپشۇرۇق ئىشلەشنى نازارەت قىلىش ۋەزىپىسى ئاتا-ئانىلار ۋە جەمئىيەتكە تاشلاپ بېرىلدى.

كۆپ ساندىكى ئاتا-ئانىلار بىر تەرەپتىن خىزمەت ۋاقتىغا كاپالەتلىك قىلىش، يەنە بىر تەرەپتىن چۈشتىن كېيىن بالىلىرىنى مەكتەپتىن ۋاقتىدا ئېلىشتىن ئىبارەت زىددىيەتلىك بېسىمغا دۇچ كەلدى. ئەگەر بالىلارنى ۋاكالىتەن باشقۇرۇش سىنىپى، دەرس تەكرارلاش سىنىپىدا ئوقۇتسا، نۇرغۇن ۋاقىت ۋە پۇل ئىسراپ بولۇپلا قالماي، يەنە بەلگىلىمىگە خىلاپ دەرس تولۇقلاش ئەھۋالى كېلىپ چىقىدۇ.

تەتقىقاتتا كۆرسىتىلىشىچە، «3:30دا مەكتەپتىن بالىنى ئېلىش قىيىن بولۇش مەسىلىسى» پەيدا بولغاندىن كېيىن، كۆپ قىسىم ئوقۇغۇچىلارنىڭ دەرستىن سىرتقى تاپشۇرۇق يۈكى ئېغىرلاشقان، كونسۇلتاتسىيە سىنىپلىرىنىڭ سانىمۇ ئىلگىرىكىدىن كۆپەيگەن، ئائىلىلەر ئارىسىدىكى رىقابەت قوش دەم ئېلىش كۈنىدىن مەكتەپتىن قويۇپ بەرگەندىن كېيىنكى ۋاقىتقا، مەكتەپ ئىچىدىن مەكتەپ سىرتىغا كېڭىيىپ، ئاتا- ئانىلار ۋە بالىلارنىڭ بېسىمى ئوخشاشلا ئېغىرلاشقان.

بىر قىسىم ئوقۇتقۇچىلار بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا دەرس تولۇقلاش سىنىپىنىڭ ئوقۇتۇشىغا قاتنىشىپ قوشۇمچە كىرىم قىلغان، دەرستە بىر قىسىم بىلىم نۇقتىلىرىنى قەستەن يوشۇرۇپ، مەخسۇس تەكرار سىنىپلىرىدا سۆزلىگەن. ئوقۇغۇچىلارنىڭ مەكتەپتىكى ۋاقتى قىسقىراپ كەتكەنلىكتىن، تەكرارلاش سىنىپلىرىغا بېرىپ كەم قالغان نۇقتىلارنى تولۇقلاشقا مەجبۇر بولۇپ، مەجبۇرىيەت مائارىپىدىكى غەيرىي خاھىشنى كەلتۈرۈپ چىقارغان. بەزى جايلار مەكتەپتىن قويۇپ بېرىش ۋاقتىنى جانلىق ئورۇنلاشتۇرۇپ، دەرستىن كېيىنكى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۈنۈمى ياخشى بولمىغانلىقتىن، ئاتا-ئانىلار بالىلىرىنى يەنىلا مەكتەپ سىرتىدىكى دەرس تولۇقلاش ئاپپاراتلىرىغا ئاپىرىشنى لايىق كۆرگەن.

«3:30دا مەكتەپتىن بالىنى ئېلىش قىيىن بولۇش مەسىلىسى»نى ھەل قىلىشتا، ئالدى بىلەن «كىم ئۈچۈن ھەل قىلىش» دېگەن مەسىلىنى ئويلىشىش كېرەك، مائارىپ تارماقلىرى، مەكتەپ ۋە ئوقۇتقۇچىلار ئىدىيە جەھەتتىن بىردەكلىك ھاسىل قىلىشى كېرەك. بەزى مەكتەپلەر مەكتەپتىن قويۇپ بېرىش ۋاقتىنى ئۇزارتىش ئوقۇتقۇچىلارنىڭ مەكتەپتىكى خىزمەت مىقدارى ۋە ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئوقۇش يۈكىنى ئاشۇرۇۋېتىدۇ، دەپ قارىغان، لېكىن بۇ ئۇسۇل ئوقۇغۇچىلار ۋە جەمئىيەتكە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئاتا-ئانىلار ئەندىشە قىلىدىغان چوڭ ئىشنى ھەل قىلغان.

مەكتەپتىكى ۋاقتى قىسقىراپ، قوشۇمچە كىرىم قىلىدىغان ۋاقىت كۆزنىكىنىڭ شەكىللىنىشى بەزى ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا مەكتەپ سىرتىدا دەرس تولۇقلاشقا قاتنىشىشىدىكى مۇھىم بىر سەۋەب ھېسابلىنىدۇ. بۈگۈنكى كۈندە، ئالاقىدار تارماقلار دەرستىن كېيىنكى مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەش-تەمىنلىمەسلىك مەسىلىسىنى ئەمەس، بەلكى قانداق تەمىنلەش، نېمىنى تەمىنلەش، مۇلازىمەت سۈپىتىگە قانداق كاپالەتلىك قىلىشنى ئويلىشىشى كېرەك.

يەنە ئالاقىدار تارماقلار ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەمۇ «3:30دا مەكتەپتىن بالىنى ئېلىش قىيىن بولۇش مەسىلىسى»نى ھەل قىلىشقا تىرەك بولۇشى كېرەك. مەكتەپلەر مەكتەپتىن قويۇپ بېرىش ۋاقتىنى ئۇزارتىپ، ئالاقىدار مۇلازىمەت بىلەن تەمىنلەيدىغان ئوقۇتقۇچىلارنىڭ ئەمگىكىنى باھالاشتا گەۋدىلەندۈرۈشى كېرەك.

بۇنىڭدىن باشقا، مەكتەپتىن قويۇپ بېرىش ۋاقتىنى ئۇزارتىشنى قاتتىق بەلگىلەپ، ئاتا-ئانىلارنى خاتىرجەم قىلىپ، دەرستىن كېيىنكى مۇلازىمەت بىلەن ئىشتىن چۈشۈش ۋاقتىنى جىپسىلاشتۇرۇش كېرەك. ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىش مەقسىتىگە يېتىش ئۈچۈن، مائارىپ تارماقلىرى بىلەن مەكتەپلەر تېگىشلىك مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئېلىشى، ھەتتا تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆز «يۈكىنى كۆپەيتىشى» كېرەك.

ئوقۇغۇچىلارنى مەكتەپتىكى ۋاقتىدا يېتەرلىك ئوقۇش ۋەزىپىسىنى تاماملاش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش بىلەن بىللە، يەنە جىسمانىي ۋە روھىي ساغلاملىققا پايدىلىق تەنتەربىيە، سەنئەت قاتارلىق دەرستىن كېيىنكى قىزىقىش تۈرىدىكى مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەپ، ئاتا-ئانىلار ۋە ئوقۇغۇچىلارنى مەكتەپ سىرتىدىكى دەرس تولۇقلاش ئاپپاراتلىرىدىن ئارتۇقچە ياردەم تەلەپ قىلمايدىغان قىلىش كېرەك.


تۈگىدى.png



监制:麦麦提江

审稿:阿米娜

稿子:乃扎尔

制作:张伟