مۇداپىئەلىنىش كۆزئەينىكى كۆزنى ئاسرامدۇ؟

ئەلكۈيى
2021-03-04
来源:جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

640-24.gif640-59.png


ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلار كەلتۈرۈپ چىقارغان كۆز چارچاش، يىراقنى كۆرەلمەسلىك قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ كۈنسېرى گەۋدىلىنىشىگە ئەگىشىپ، كۆك نۇردىن مۇداپىئەلىنىش كۆزئەينىكىنىڭ بازىرى چىقتى. بۇ خىل كۆزئەينەكلەر «ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلار چىقارغان زىيانلىق كۆك نۇرنى توسۇپ»، «كۆز چارچاشنى پەسەيتىدۇ»، ھەتتا «يىراقنى كۆرەلمەسلىكنىڭ ئالدىنى ئالىدۇ» دەپ تەشۋىق قىلىنىپ، «كۆز ئاسرايدىغان كارامەت ئۈسكۈنە» دەپ ئاتالدى. ئەمەلىيەتتە ھەقىقەتەن شۇنداق ئىقتىدارى بارمۇ؟

72   تۈركۈم كۆزئەينەكنىڭ 19 تۈركۈمى لاياقەتسىز چىققان

كۆك نۇردىن مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارى ئۆلچەمگە يەتمەيدىكەن

شاڭخەي شەھەرلىك بازارنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئىدارىسى يېقىندا ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىدا تېز سېتىلىۋاتقان كۆك نۇردىن مۇداپىئەلىنىش كۆزئەينىكىنى مەخسۇس نازارەت قىلىپ ئارىلاپ تەكشۈرگەن. بۇ بەش ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىدىكى باھاسى 29.9 يۈەندىن 1130 يۈەنگىچە بولغان 72 تۈركۈم كۆك نۇردىن مۇداپىئەلىنىش كۆزئەينىكىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 72 تۈركۈم كۆك نۇردىن مۇداپىئەلىنىش كۆزئەينىكىنىڭ 19 تۈركۈمى لاياقەتسىز بولۇپ، لاياقەتسىز بولۇش نىسبىتى %26.4 ئىكەن.

كۆك نۇردىن مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارى ئۆلچەمگە يەتمەيدىكەن

دۆلەتلىك كۆزئەينەك، ئەينەك، ئېمال بۇيۇملىرىنىڭ سۈپىتىنى تەكشۈرۈش مەركىزى بۇ قېتىمقى ئارىلاپ تەكشۈرۈش ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان، تەكشۈرۈش ئىنژېنېرى جاڭ شۈجىڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دەيدۇ: كۆك نۇردىن مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارىنى تەكشۈرۈشتە ئالدى بىلەن 380 نانومېتىردىن 500 نانومېتىرغىچە بولغان دولقۇن بۆلىكىدىكى كۆك نۇرنىڭ ئۆتۈش نىسبىتى تەكشۈرۈلدى. بۇ قېتىمقى تەكشۈرۈشتە، «باۋجيې» (宝捷)، «كاڭيوۋ» (康友) ۋە «فېيلې» (斐乐) ماركىلىق ئۈچ تۈركۈم مەھسۇلاتنىڭ ئۆلچەمگە يەتمەيدىغانلىقى بايقالدى. بۇ مەزكۇر مەھسۇلاتلارنىڭ كۆك نۇردىن مۇداپىئەلىنىش كۆزئەينىكى مەھسۇلاتىغا تەۋە ئەمەسلىكىنى، مۇداپىئەلىنىش رولىنى ئوينىيالمايدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.

سودىگەرلەر كۆرسەتكەن كۆك نۇردىن مۇداپىئەلىنىش پارامېتىرى ئەمەلىي ئۆلچەش نەتىجىسىگە ئۇيغۇن ئەمەس ئىكەن

مۇخبىر شۇنىڭغا دىققەت قىلدىكى، ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىدا سېتىلىۋاتقان كۆك نۇردىن مۇداپىئەلىنىش كۆزئەينىكىنىڭ نۇرغۇنلىرىدا كۆك نۇردىن مۇداپىئەلىنىدىغان كونكرېت پارامېتىرلار كۆرسىتىلگەن. تەكشۈرگۈچىلەر ئارىلاپ تەكشۈرۈش جەريانىدا، جەمئىي 9 تۈركۈم كۆك نۇردىن مۇداپىئەلىنىش كۆزئەينىكىنىڭ سودىگەرلەر ئېنىق كۆرسەتكەن كۆك نۇرنى ئۆتكۈزۈش نىسبىتىنىڭ ئەمەلىي ئۆلچەش نەتىجىسى بىلەن ماس كەلمەيدىغانلىقىنى بايقىغان ھەمدە ئۇلارنى لاياقەتسىز مەھسۇلات دەپ ھۆكۈم قىلغان.

كۆپىنچىسى ماركا چاپلاپ پىششىقلاپ ئىشلەنگەن

تەكشۈرۈش ئىنژېنېرىنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىدىكى كۆك نۇردىن مۇداپىئەلىنىش كۆزئەينەكلىرىنىڭ كۆپىنچىسىدە ماركا چاپلاپ پىششىقلاپ ئىشلەش ئاساسلىق ئىشلەپچىقىرىش ئەندىزىسى قىلىنغان. بۇ قېتىم ئارىلاپ تەكشۈرۈلگەن 72 تۈركۈم مەھسۇلاتنىڭ ھەممىسىنىڭ چۈشەندۈرۈشىدە كۆك نۇردىن مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارىغا ئىگە دېيىلگەن بولسىمۇ، ئەمما 33 تۈركۈم مەھسۇلاتنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئۆلچىمى كۆك نۇردىن مۇداپىئەلىنىش بىلەن مۇناسىۋەتسىز ئىكەن. بەزىلىرىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئۆلچىمىدە كۆزئەينەك رامكىسىنىڭ ئۆلچىمى ئىجرا قىلىنغان، بەزىلىرىدە ئاپتاپتىن مۇداپىئەلىنىش كۆزئەينىكى ئۆلچىمى ئىجرا قىلىنغان، يەنە ئىككى تۈركۈمدە ھەتتا ھېچقانداق ئىجرا قىلىش ئۆلچىمى ئەسكەرتىلمىگەن.

سېتىش كارخانىلىرى مەھسۇلاتنىڭ زاۋۇتتىن چىقىش باھاسىنى بىر تەرەپلىمە تۆۋەنلەتكەن، ناچار خام ماتېرىياللارنى ئىشلەتكەن

ئىگىلىنىشىچە، كۆك نۇرنى توسۇش دورىسى ۋە كۆك نۇردىن مۇداپىئەلىنىش پەردىسى قەۋىتى كۆك نۇردىن مۇداپىئەلىنىش ئىقتىدارىنى بەلگىلەيدىغان ھالقىلىق خام ماتېرىيال. بەزى كارخانىلار تەننەرخنى تېجەش ئۈچۈن، مەھسۇلاتنىڭ زاۋۇتتىن چىقىش باھاسىنى بىر تەرەپلىمە تۆۋەنلىتىپ، ناچار خام ماتېرىياللارنى ئىشلەتكەن. مۇخبىر بۇ قېتىم تەكشۈرۈپ چىقىلغان كۆك نۇردىن مۇداپىئەلىنىش كۆزئەينىكىنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ تۆۋەن دەرىجىلىك مەھسۇلات ئىكەنلىكىنى بايقىغان، 12 تۈركۈم مەھسۇلاتنىڭ سېتىلىش باھاسى 200 يۈەندىن ئاشمايدىكەن.

كەسپىي مۇتەخەسسىسلەرنىڭ ئېيتىشىچە، لاياقەتسىز كۆك نۇردىن مۇداپىئەلىنىش كۆزئەينىكى مۇداپىئە رولىنى ئوينىيالمايلا قالماي، بەزى مەھسۇلاتلارنىڭ ئەينىكىدە يەنە رەڭ پەرقى پەيدا قىلىپ قويۇش، ئېنىقلىق دەرىجىسى تۆۋەن بولۇش قاتارلىق مەسىلىلەر بار ئىكەن. بۇنداق كۆزئەينەكلەرنى ئۇزاق مۇددەت تاقىغاندا ئەكسىچە كۆز چارچاش، كۆز چىڭقىلىپ ئاغرىش قاتارلىق ئالامەتلەرنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىكەن.

كۆك نۇرنى پۈتۈنلەي توسۇش كېرەكمۇ؟ قىسمەن دولقۇن بۆلىكىدىكى كۆك نۇر ئادەم بەدىنىگە پايدىلىق

باش ئىستانسىمىز مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى مۇخبىرىنىڭ تەكشۈرۈپ بايقىشىچە، نۇرغۇن سودىگەرلەر سېتىش مىقدارىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن، كۆك نۇردىن مۇداپىئەلىنىش كۆزئەينىكىنى ساتقاندا، تۇرمۇشتىكى كۆك نۇرنىڭ بولۇپمۇ ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلاردىن چىقىدىغان كۆك نۇرنىڭ زىيىنىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلغان. بۇنىڭغا قارىتا، جۇڭگو ئىستېمالچىلار جەمئىيىتى يېقىندا ئەسكەرتىش بېرىپ، كۆك نۇر يېتەرلىك ۋاقىت ۋە كۈچلۈكلۈككە يەتكەندىلا، كۆرۈش پەردىسىگە زىيان يەتكۈزۈشى مۇمكىن، دەپ كۆرسەتتى.

ئىگىلىنىشىچە، كۆك نۇرنىڭ دولقۇن ئۇزۇنلۇقى 380− 500نانومېتىر ئارىلىقىدا بولۇپ، تەبىئەت دۇنياسىدىكى قۇياش نۇرىدىن باشقا، يان تېلېفون، كومپيۇتېر قاتارلىق ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلارنىڭ ئېكرانى ھەمدە ئېنېرگىيە تېجەيدىغان چىراغ، LED چىراغ قاتارلىق سۈنئىي يورۇقلۇق مەنبەلىرىدە بار ئىكەن.

مۇتەخەسسىسلەرنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، كۆرۈش ھۈجەيرىسىنىڭ يۇقىرى سىجىللىقتىكى قىسقا دولقۇنلۇق كۆك نۇرنىڭ يورۇتۇشىغا بولغان چىدامچانلىقى تۆۋەن بولۇپ، بۇنداق ئەھۋالدا ئاسانلا زەخىملىنىدىكەن. لېكىن، كۆك نۇرنىڭ ھەممىسى زىيانلىق بولۇشى ناتايىن ئىكەن، بەزى دولقۇن بۆلىكىدىكى كۆك نۇر يەنىلا ئادەم بەدىنى ئېھتىياجلىق بولغان پايدىلىق نۇر بولۇپ، ئادەم بەدىنىدىكى بىيولوگىيەلىك سائەتنى تەڭشەش، كەيپىياتنى تۇراقلاشتۇرۇش قاتارلىق روللارنى ئوينايدىكەن، مەسىلەن، دولقۇن ئۇزۇنلۇقى 445 نانومېتىردىن يۇقىرى كۆك نۇر، بولۇپمۇ 460 نانومېتىردىن 490 نانومېتىرغىچە بولغان كۆك نۇر مېلاتونىننىڭ ئاجرىلىپ چىقىشىنى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەيدىكەن. ئەگەر بۇ خىل كۆك نۇرنى توسۇۋالغاندا، ئادەم بەدىنىنىڭ قان بېسىمى، يۈرەك رىتىمى قاتارلىق نورمال فىزىيولوگىيەلىك رىتىمى تەسىرگە ئۇچرىشى مۇمكىن ئىكەن.

تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئېلېكتىرونلۇق مەھسۇلاتلار ۋە سۈنئىي يورۇقلۇق مەنبەسىدىكى كۆك نۇرنىڭ كۆزگە زىيان يەتكۈزۈش ـ يەتكۈزمەسلىكى ئۇچرىشىدىغان نۇرنىڭ دولقۇن بۆلىكى، كۈچلۈكلۈكى ۋە ۋاقتى قاتارلىق نۇرغۇن ئامىللارغا باغلىق ئىكەن. ئەگەر ھەر كۈنى ئېكرانغا قاراش ۋاقتى قىسقا بولسا، ئالاھىدە قوغدىنىشنىڭ ھاجىتى يوق ئىكەن. ئېلېكتىرونلۇق ئېكران بىلەن دائىم ئۇزاق ۋاقىت ئۇچرىشىشقا توغرا كەلسە، كۆك نۇردىن مۇداپىئەلىنىش كۆزئەينىكى تاقىۋالسا بولىدىكەن


تۈگىدى.png



监制:麦麦提江

审稿:阿米娜

稿子:乃扎尔

制作:张伟