بەيدۇ ۋە جىلىنىڭ ھەمكارلىقى

ئەلكۈيى
2021-03-03
来源:بەيدۇ

640-24.gif640-59.png

جىلى (吉利) بىلەن بەيدۇ (百度) شىرىكلىشىپ يېڭىدىن شىركەت قۇردى، يېڭى شىركەتكە جىدۇ ئاپتوموبىل چەكلىك شىركىتى (集度汽车有限公司) دەپ نام بېرىلدى.

بەيدۇ تەرەپنىڭ بىلدۈرۈشىچە «جىدۇ» دېگەن ئىسىمنى بەيدۇ تاللاپ بېكىتكەن.
جىدۇ ئاپتوموبىل چەكلىك شىركىتى 2021-يىلى 3- ئاينىڭ 2-كۈنى قۇرۇلغان بولۇپ، رويخەتكە ئالدۇرغان كاپىتالى 2 مىليارد يۈەن خەلق پۇلى، قانۇنىي ۋەكىلى شيا يىپىڭ، شىركەتنىڭ كەسىپ دائىرىسى يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىل گەۋدىسى ۋە ئۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك زاپچاس تېخنىكا مۇلازىمىتى، ئاپتوموبىل زاپچاسلىرىنى ياساش، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلنىڭ پۈتۈن زاپچاسلىرىنى سېتىش، ئاپتوموبىل زاپچاسلىرىنى توپ ۋە پارچە سېتىپ چىقىرىش، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىلنىڭ توك ئالماشتۇرۇش ئەسلىھەلىرىنى سېتىش، يۇمشاق دېتال ئېچىش، ئۇچۇر سىستېمىسىنى توپلاشتۇرۇش مۇلازىمىتى، ئاپتوموبىل ئىجارىسى، ئوقەتچىلىك سېلىنمىسى قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

تۈگىدى.png



监制:麦麦提江

审稿:阿米娜

稿子:乃扎尔

制作:张伟