ماشىنىدىن ماي ئېقىپ قالسا قانداق قىلىش كېرەك؟

知乎
2021-03-03
来源:

640-24.gif640-59.png



كۆپلىگەن ماشىنا ئىگىسى ماي ئېقىش ئەھۋالىغا ئۇچراپ باققان، بۇنداق ئەھۋالغا يولۇققاندا كۆپىنچىلەر نېمە قىلارىنى بىلمەيدۇ. ئەمەلىيەتتە ئاپتوموبىلنى ئىشلەتكەن ھەرقانداق ۋاقىتتا ماي ئېقىش ھادىسىسى يۈز بېرىشى مۇمكىن. ھەمدە ماشىنا ئىشلىتىش ۋاقتى قانچە ئۇزۇن بولسا، ماڭغان يول قانچە ئۇزۇن بولسا، ماي ئېقىش ئېھتىماللىقىمۇ شۇنچە چوڭىيىدۇ، شۇڭا ماتوردىن ماي ئېقىش ئالاھىدە كاشىلىمۇ ئەمەس، چۈنكى كۆپىنچىسى ماشىنىنىڭ نورمال كونىرىشى ۋە ئۇپرىشى بىلەن مۇناسىۋەتلىك، مۇبادا ماي ئاققانلىقىنى بايقىسىڭىز دىققەت قىلىپ قويۇڭ، كۆپ قىسىم چوڭ كاشىلا ھەمىشە ماي ئېقىشتىن باشلىنىدۇ. ئەمما ماي ئېقىشنىڭ شەكلى ئارقىلىق ماشىنىنىڭ قەيېرىدىن مەسىلە چىققانلىقىغا قانداق قىلغاندا تەخمىنەن ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ؟ تۆۋەندە تەھلىل قىلىپ باقايلى.

ماشىنىدىن ماي ئېقىشنىڭ ئالتە خىل شەكلى بار، دىققەت قىلساقلا قەيېرىدىن مەسىلە چىققانلىقىنى بىلەلەيمىز. ماي ئاقسا جەزمەن دېغى بولىدۇ، ئالدى بىلەن ماي دېغىنى تەھلىل قىلىپ باقايلى، ئاندىن ماي دېغىغا ھۆكۈم قىلايلى.

ماشىنىدا ئادەتتە بېنزىن، ئاپتول، تورمۇز سۈيى، چىشلىق چاق مېيى، ياردەم مېيى قاتارلىق بەش خىل ماي بارلىقىنى ھەممىمىز بىلىمىز.

1.بېنزىن رەڭسىز، ئاسان ئۇچىدىغان غىدىغلىغۇچى پۇراققا ئىگە سۇيۇقلۇق.

2.ئاپتول زەيتۇن رەڭلىك، يېپىشقاقلىقى نىسبەتەن يۇقىرى.

3.چىشلىق چاق مېيى ئالتۇن رەڭلىك، يېپىشقاقلىقى نىسبەتەن تۆۋەن.

4.تورمۇز سۈيى سۇس سېرىق رەڭلىك، يېپىشقاقلىقى ئەڭ تۆۋەن، ئاسان پارلىنىدۇ.

5.ياردەم مېيى قىزىل رەڭلىك، يېپىشقاقلىقى ئىنتايىن تۆۋەن، يەنە ئائىلىدىكى تىكىش ماشىنىسىنىڭ مېيىدەك پۇرىقى بار.

ماي ئېقىشنىڭ شەكلى

1.چاچرىغان ماي: ئاستى-ئۈستى، ئوڭ-سول تۆت ئەتراپىدا ماي دېغى بار، رەتسىز ھەمدە دائىرىسى چوڭ.

2.ئېنىق ئاققان ماي: چوڭ تامچىلايدۇ، ئاستى ناھايىتى تېزلا چوڭ ماي دېغى بولۇپ، ئوتتۇرىسىدا ماي بار، تۆت ئەتراپى پەيدىنپەي سۇسلىشىدۇ.

3.تامچىلاپ ماي ئېقىش: تامچىلايدۇ، ئاستى تەرىپىدە ۋاقىتنىڭ ئۆتىشىگە ئەگىشىپ چوڭ ماي دېغى بولىدۇ، ئوتتۇرىسى قارا، ئەمما ماي ياق، ئەتراپى پەيدىنپەي سۇسلايدۇ.

4.ئاسما ماي ئېقىش: ماي ئاققان ئورۇندا ھەمىشە ماي ئېسىلىپ تۇرىدۇ، تامچىلىمايدۇ. ۋاقىت ئۇزارسا، ئاستى تەرەپتە كىچىك ماي دېغى بولىدۇ، ئوتتۇرىسى قارا، ئەمما ماي يوق، ئەتراپى پەيدىنپەي سۇسلىشىدۇ.

5.سىڭىپ كەتكەن ماي ئېقىش: ماي سىرغىپ چىققان ئورۇندا ماي تامچىسى يوق. ئەتراپىدا دائىم قارا ماي دېغى بولىدۇ، سىڭىش دەرىجىسىگە ئاساسەن، يەنە ئوتتۇرىسى قارا تۆت ئەتراپى پەيدىنپەي سۇسلىشىدۇ ۋە بىراق سۇس ماي دېغى بولىدۇ.

6.يوشۇرۇن ماي ئېقىش: سىڭىپ كەتكەن ماي ئېقىش بىلەن پەرقلىنىدىغىنى ئېنىق سىڭىپ كەتكەن نۇقتا يوق، پەقەت بىر پارچە سۇس ماي دېغى بار، كۈل چاپلاشسا قاپقارا نەم جايغا ئايلىنىدۇ.

ماي دېغىنى تەھلىل قىلىپ بولساق، ماي دېغىغا ئاسانلا ھۆكۈم قىلغىلى بولىدۇ.

پىكاپنىڭ ئارقا قىسىمىدا ئىككى چاقتىن باشقا تورمۇز سۈيى ئېقىش ئېھتىماللىقى بار، باشقا ئاققۇدەك ماي يوق. ئەگەر ماشىنا توختاتقاندىن كېيىن ئارقا يېرىم قىسىمىنىڭ يەر يۈزىدە ماي دېغى بولسا، تورمۇز سۈيى ئاققان بولۇشى مۇمكىن.

ئەگەر ماشىنا توختاتقاندىن كېيىن كېيىن ئالدىنقى يېرىم قىسىمىنىڭ يەر يۈزىدە ماي دېغى بولسا، چوقۇم تەپسىلىي تەكشۈرۈپ بېقىشىڭىز كېرەك.

ماتور قاپقىقىنى ئاچقاندىن كېيىن، «ئېنىق ماي ئېقىش، ماي تامچىلاش، ئاسما ماي ئېقىش، ئوتتۇرىسى ئەڭ قارا» ئالاھىدىلىك بويىچە ئاستىدىن يۇقىرىغا قاراڭ، مەلۇم ئورۇندا چوقۇم ئېسىلغان ماي بولىدۇ. نېمىشقا «مەلۇم ئورۇن» دەيمىز؟ سەۋەبى «مەلۇم ئورۇن» ھەقىقىي ماي ئاققان ئورۇن بولۇشى ناتايىن، ئېقىپ چىققان ماي دىۋارنى بويلاپ ئېقىپ ئەڭ تۆۋەن ئورۇندا تامچىلىغان بولۇشى مۇمكىن.

سىڭىپ كەتكەن ماي ئېقىش، يوشۇرۇن ماي ئېقىش پەقەت ئېقىپ چىققان جاي قەيەر بولسا شۇ جايدىن گۇمانلىنىڭ، ئادەتتە تۇتاشقان ئورۇندا ئەڭ كۆپ بولىدۇ. بەزىدە پەقەت ئۆزىڭىز قول سېلىپ ئالاقىدار ۋىنتىلارنى چىڭىتىپ قويسىڭىزلا بولىدۇ. ئەلۋەتتە بەزى قىسىملىرىدا ماي يوق، سىز كۆرگەن ماي دېغى ئۈستىگە چاچراپ كەتكەن.

ئېنىق ئاققان ماينى چوقۇم دەرھال ئوڭشاش كېرەك، بولمىسا چوڭ ئاپەت پەيدا قىلىدۇ. ئېنىق ئاققان ماينى ھەم ئەڭ ياخشىسى تەكشۈرۈش كېرەك، تەگلىكى قىرىلىپ، ماي تەگلىك قېپىنى زەخىملەندۈرگەن بولسا ماي تامچىلايدۇ، بۇ چاغدا جىددىي تاقابىل تۇرۇش شەكلىدە سوپۇن بىلەن يېرىقنى توسۇپ قويۇش كېرەك، ئاپتولنىڭ ئېھتىيات سىزىقىدىن تۆۋەن بولماسلىقىغا دىققەت قىلغان ئەھۋالدا ھەيدەپ بېرىپ دەرھال رېمونت قىلدۇرۇش كېرەك.

سىڭىپ كەتكەن ماي ئېقىش، يوشۇرۇن ماي ئېقىشتا ئادەتتە ئالدىراشنىڭ ھاجىتى يوق. پەقەت كۆڭۈلدە سان بولسىلا بولدى، ئادەتتە باشقا يەرلىرىنى رېمونت قىلدۇرغاندا تەڭ ئوڭشىۋەتسەك بولىدۇ. چۈنكى «سىڭىپ كەتكەن ماي ئېقىش، يوشۇرۇن ماي ئېقىش»نىڭ رېمونت ھەققى ماتېرىيال ھەققىدىن كۆپ ئېشىپ كېتىدۇ، رېمونت كاپالىتى ۋاقتىنىڭ سىرتىدا.

ماشىنىدىن ماي ئېقىشتا «چاچرىغان ماي» كاشىلىشى بولمايدۇ، «چاچراپ چىققان ماي» ھادىسىسىنى كۆرسىڭىز ناھايىتى قورقۇنۇچلۇق، ئەمەلىيەتتە ماي قاچىلىغان ياكى باشقا سەۋەبلەردىن چاچراپ چىقىدۇ.

ماي ئېقىشنىڭ سەۋەبلىرى

1.ۋىنتا بوشاپ قېلىش

مۇقىم ۋىنتا چىڭ بولمىسا ياكى بەك چىڭ بولۇپ كەتسە ماي ئېقىشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ، پەقەت ماي ئاققانلىقىنى بايقىساقلا ۋىنتىنى تەكشۈرۈپ بېقىش كېرەك. بولۇپمۇ ماي تۆۋەن قېپىنىڭ ماي قويۇپ بېرىش بۇرىمىلىق پۇرۇپكىسى چىڭ بولمىسا ئاسانلا ئاپتول ئېقىشنى پەيدا قىلىدۇ، داۋاملاشسا «كۆزنەك كۆيۈپ ئوقنى قىسىۋېلىش» مېخانىك ئۇپراش ھادىسىسى يۈز بېرىدۇ.

2.چاق بۇلى مايلىشىشى

چاق بۇلى مايلىشىش ئاساسلىقى سىلىقلاش مېيى زىيادە كۆپلىكى سەۋەبلىك چاق بۇلى تېمپراتۇرىسىنىڭ زىيادە يۇقىرى بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، ئاپتوموبىل يول ماڭغاندا چاق بۇلىدا مايلىشىش يۈز بېرىدۇ.

3.ماي ھىملىگۈچنىڭ كاردىن چىقىشى

ماي ھىملىگۈچ ماتور ھاۋا تۆشۈكى گۇرۇپپىسىنىڭ مۇھىم زاپچاسلىرىنىڭ بىرى، يۇقىرى تېمپراتۇرىدا بېنزىن ۋە ئاپتول بىلەن ئۇچرىشىدۇ، شۇڭا ئىسسىققا چىدامچانلىقى ۋە مايغا چىدامچانلىقى ياخشى ماتېرىيال بولۇشى كېرەك، ئادەتتە فتورلۇق كاۋچۇكتىن ياسىلىدۇ، ئىشلەتكەن ۋاقىت ئۇزۇن بولسا ئۇپراپ كاردىن چىقىدۇ، ماي ئېقىش كېلىپ چىقىدۇ.


تۈگىدى.png



监制:麦麦提江

审稿:阿米娜

稿子:乃扎尔

制作:张伟