شىنجاڭدىكى بۇ ئولتۇراق رايونلار ئۆزگەرتىلىدۇ

ئەلكۈيى
2021-02-22
来源:中国维吾尔语广播CNR

640-24.gif640-59.png


يېقىندا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى «شەھەر-بازارلاردىكى كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىش خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى يېتەكچى پىكىر»نى بېسىپ تارقىتىپ يولغا قويدى. «پىكىر»دە مۇنۇلار ئايدىڭلاشتۇرۇلدى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى 2000-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن بۇرۇن قۇرۇلغان كونا مەھەللىلەرنى نۇقتىلىق ئۆزگەرتىدۇ، 2000-يىلىنىڭ ئاخىرىدىن كېيىن قۇرۇلغان مەھەللىلەرنى دۆلەتنىڭ ئالاقىدار سىياسەتلىرى بويىچە تەدرىجىي ئۆزگەرتىدۇ. ئالدى بىلەن سېلىنغان ۋاقتى بىر قەدەر بۇرۇن، ئاھالىلەرنىڭ ئۆزگەرتىش ئارزۇسى كۈچلۈك، قاتنىشىش ئاكتىپلىقى يۇقىرى بولغان ئولتۇراق رايونلار ئۆزگەرتىلىدۇ. جايلار ئۆز جايىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ، ئۆزگەرتىش مەزمۇنى تىزىملىكى ۋە ئۆلچىمىنى بېكىتىدۇ. مۇھىملىق ۋە جىددىيلىك دەرىجىسىنى پەرقلەندۈرۈپ، مالىيەنىڭ بەرداشلىق بېرىش ئىقتىدارىنى ھەقىقىي باھالاپ، شەھەر-بازارلاردىكى كونا ئولتۇراق رايونلارنى ئۆزگەرتىش يىرىك پىلانى ۋە يىللىق ئۆزگەرتىش پىلانىنى ئىلمىي تۈزۈش كېرەك، قارىغۇلارچە قەرز ئېلىپ ئىش باشلاشقا بولمايدۇ.




تۈگىدى.png



监制:麦麦提江

审稿:阿米娜

稿子:乃扎尔

制作:张伟