رەقىبىنى ئەڭ كۆپ KO قىلغان ماھىرغا ئايلاندى

ئەلكۈيى
2021-02-22
来源:ۋاڭيى

بېيجىڭ ۋاقتى 2-ئاينىڭ 21-كۈنى چۈشتە، يەنە بىر قېتىملىق «ئېلىشىش كېچىسى» مۇسابىقىسى لاسۋىگاستىكى UFC يۇقىرى دەرىجىلىكلەر ئۇچرىشىش سارىيىدا ئوڭۇشلۇق ئاخىرلاشتى.

ئىپادىسى ئەڭ ياخشى بولغان ماھىرلار:

1. دېرېك لېۋىس

2. تام ئاسپېنال

3. كرېس دەكوس

91 كىلوگىراملىقلار بويىچە ئاساسلىق مۇسابىقە:

كۇرتىس برېتىز بىلەن دېرېك لېۋىس ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلدى، لېۋىس كۇرتىسنى KO قىلدى.

بىرلەشمە ئاساسلىق مۇسابىقىسى، ئاياللار 57kg-61kg كىلوگىراملىقلار دەرىجىلىكلەر مۇسابىقىسى يېنا كۇنسېكايا بىلەن كېيسلىن ۋىېيرا ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلدى، يېنا كۇنسېكايا نومۇر پەرقىدە رەقىبىنى يەڭدى.

57 كىلوگىراملىقلار مۇسابىقىسى دېرىك مىنئېر بىلەن چارلېز روسا ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلدى، نەتىجىدە دېرىك مىنئېر نومۇر پەرقىدە رەقىبىنى يەڭدى.

91 كىلوگىراملىقلار مۇسابىقىسى كرېس دەكوس بىلەن ئالېكسىي ئولېنىك ئوتتۇرىسدا ئېلىپ بېرىلىپ، نەتىجىدە كرېس دەكوس رەقىبىنى TKO قىلىپ مەغلۇپ قىلدى.

91 كىلوگىراملىقلار مۇسابىقىسى تام ئاسپېنال بىلەن ئاندېرىي ئالوۋېسكى ئوتتۇرىسىدا ئېلىپ بېرىلدى، نەتىجىدە تام ئاسپېنال رەقىبىنى تەسلىم قىلىپ مەغلۇپ قىلدى.

دېرېك لېۋىس UFCتارىخىدا رەقىبىنى ئەڭ كۆپ KO قىلغان ماھىرغا ئايلانغان بولۇپ، تۈنۈگۈنكى مۇسابىقىدىن كېيىن جەمئىي 12 قېتىم KO/TKO قىلدى.

دېرېك لېۋىس ئىپادە بىلدۈرۈپ كېيىنكى نىشانىنىڭ ئالېستايىر ئوۋېرېم ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

بۇ قېتىملىق مۇسابىقىدىكى ماھىرلارنىڭ ئومۇمىي كىرىمى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، ئۇلار تۆۋەندىكىچە:

1. دېرېك لېۋىس: 380 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى (مەيدانغا چىقىش ھەققى 155 مىڭ دوللار، غەلىبە قىلغۇچى مۇكاپاتى 155 مىڭ دوللار، يارقىن مۇسابىقە مۇكاپاتى 50 مىڭ دوللار، مۇسابىقە ھەپتىلىكى مۇكاپاتى 20 مىڭ دوللار)

2. ئاندېرىي ئالوۋېسكى: 355 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى (مەيدانغا چىقىش ھەققى 335 مىڭ دوللار، مۇسابىقە ھەپتىلىكى مۇكاپاتى 20 مىڭ دوللار)

3. كرېس دەكوس: 113 مىڭ 500 ئامېرىكا دوللىرى (مەيدانغا چىقىش ھەققى 30 مىڭ دوللار، غەلىبە قىلغۇچى مۇكاپاتى 30 مىڭ دوللار، يارقىن مۇسابىقە مۇكاپاتى 50 مىڭ دوللار، مۇسابىقە ھەپتىلىكى مۇكاپاتى ئۈچ مىڭ 500 دوللار)

4. تام ئاسپېنال: 113 مىڭ 500 ئامېرىكا دوللىرى (مەيدانغا چىقىش ھەققى 30 مىڭ دوللار، غەلىبە قىلغۇچى مۇكاپاتى 30 مىڭ دوللار، يارقىن مۇسابىقە مۇكاپاتى 50 مىڭ دوللار، مۇسابىقە ھەپتىلىكى مۇكاپاتى ئۈچ مىڭ 500 دوللار)