ئاپتوموبىلنى باشقىلارغا بەرمەڭ

ئەلكۈيى
2021-02-22
来源:توۋتىياۋ

640-24.gif640-59.png

دۆلىتىمىزنىڭ ئالاقىدار قانۇنلىرىدىكى بەلگىلىمىلەرگە ئاساسلانغاندا، ئاپتوموبىل ئىگىسى ئاپتوموبىلنى ئارىيەتكە بەرگەندە، چوقۇم بىخەتەرلىك مەسىلىسىگە دىققەت قىلىشى كېرەك. ناۋادا قاتناش ھادىسىسى يۈز بېرىپ قالسا بىر قەدەر ئاۋارىچىلىق بولىدۇ، شۇڭا كۆپچىلىكە ئاپتوموبىلنى باشقىلارغا ئارىيەتكە بېرىپ تۇرماسلىقنى تەۋسىيە قىلىمەن.

1. ماشىنا ئارىيەت ئېلىپ ھادىسىگە ئۇچرىغاندا شوپۇرنىڭ تۆلەيدىغان پۇلى بولمىسا ماشىنا ئىگىسىدىن تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولامدۇ؟
ئارىيەتكە بېرىلگەن ئاپتوموبىل قاتناش ھادىسىسىگە ئۇچرىسا، سۇغۇرتا شىركىتى چەك ئىچىدە تۆلەيدۇ، چەكتىن ئېشىپ كەتسە ئىشلەتكۈچى تۆلەيدۇ، ئاپتوموبىل ئىگىسىنىڭ خاتالىقى بولسا، ئاپتوموبىل ئىگىسىدىن تۆلەپ بېرىشنى تەلەپ قىلسا بولىدۇ.
«جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى ھەق تەلەپ قانۇن دەستۇرى»نىڭ 1209-ماددىسىدا: «ئىجارە ئېلىش، ئارىيەت ئېلىش قاتارلىق ئەھۋاللار تۈپەيلىدىن موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ ئىگىسى، باشقۇرغۇچىسى بىلەن ئىشلەتكۈچىسى بىر ئادەم بولماي، قاتناش ھادىسىسى يۈز بېرىپ زىيان كېلىپ چىقىپ، شۇ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسى بىر تەرەپنىڭ جاۋابكارلىقى بولسا، موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنى ئىشلەتكۈچى تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ؛ موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىسىنىڭ ئىگىلىرى، باشقۇرغۇچىلىرىدىن زىياننىڭ يۈز بېرىشىدە مەسئۇلىيىتى بارلىرى مۇناسىپ تۆلەم جاۋابكارلىقىنى ئۈستىگە ئالىدۇ.» دەپ بەلگىلىگەن.
2. ئاپتوموبىل سۇغۇرتىسى سېتىۋالغاندا قايسى ئەھۋاللاردا سۇغۇرتا شىركىتى تۆلىمىسىمۇ بولىدۇ؟
بەلگىلىمە بويىچە تۆۋەندىكى 15 خىل ئەھۋال كۆرۈلگەندە سۇغۇرتا شىركىتى تۆلەم بېرىشنى رەت قىلسا بولىدۇ:
1. «ئۆز ئائىلىسىدىكىلەر»نى سوقۇۋەتكەن بولسا؛
2. ئاپتوموبىل چىرىغى ئايرىم بۇزۇلغان بولسا؛
3. چاق ئايرىم ئېتىلىپ كەتكەن بولسا؛
4. پۈتۈن مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغان ھادىسە تۇغدۇرغۇچىنى قاچۇرۇۋەتكەن بولسا؛
5. سۇ كىرىپ كەتكەندە ئوتنى ئۆچۈرۈپ ئىككىنچى قېتىم ئوت ئالدۇرغاندا موتور زىيانغا ئۇچرىغان بولسا؛
6. ئاپتوموبىل توختىتىش مەيدانىدا ئاپتوموبىلى يۈتۈپ كەتكەن بولسا؛
7. ئۆز ئالدىغا
ئۈسكۈنىلەرنى قوشۇپ ئورناتقان بولسا؛
8. ئاپتوموبىل زاپچاسلىرى ئوغرىلانغان بولسا؛
9. ۋاقتىدا دېلو مەلۇم قىلمىغان بولسا؛
10. ۋاقتىدا ھەق تاپشۇرمىغانلار؛
11. شوپۇر قەستەن ھادىسە سادىر قىلغان بولسا؛
12. ئادەم سوقۇۋەتكەندىكى روھىي زىيان ھەققى؛
13. سۆرەش ئاپتوموبىلىدا ھادىسە يۈز بەرسە؛
14. يەر تەۋرەشتە ۋەيران بولغان بولسا؛
15. ئاپتوموبىلنى يىللىق تەكشۈرتمىگەن بولسا.
ئۇنىڭدىن باشقا، قاتناش ھادىسىسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، باشقىلارنى جىسمانىي زىيانغا ئۇچراتقان بولسا، زىيانغا ئۇچرىغۇچىنىڭ مەنپەئەتىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئادەتتە سۇغۇرتا شىركىتى ئالدىن تۆلەم بېرىدۇ، سۇغۇرتا شىركىتى تۆلەم بەرگەندىن كېيىن، يەنە داۋاملىق خاتالىقى بار سۇغۇرتىلانغۇچىنى ئىزدەپ تۆلەم بېرىشنى تەشەببۇس قىلسا بولىدۇ. بىراق، سۇغۇرتا شىركىتى تۆلىتىۋېلىش ھوقۇقىنى يۈرگۈزۈشتە تۆۋەندىكى ئۈچ خىل ئەھۋال بىلەنلا چەكلىنىدۇ:
1. شوپۇر تېخى پىراۋىغا ئېرىشمىگەن ياكى مۇناسىپ ھەيدەش سالاھىيىتىگە ئېرىشمىگەن بولسا، مەسىلەن يەنە شوپۇرلۇق كىنىشكىسى سالاھىيەت ئىمتىھانىغا قاتنىشىۋاتقان بولسا؛
2. ھاراق ئىچىپ مەست بولغان، دۆلەت تىزگىنلەيدىغان روھىي دورىلار ياكى ناركوز دورىلىرىنى ئىچكەندىن كېيىن موتورلۇق قاتناش ۋاسىتىلىرىنى ھەيدەپ قاتناش ھادىسىسى پەيدا قىلغانلار؛
3. شوپۇر قەستەن قاتناش ھادىسىسى پەيدا قىلغان بولسا.
ئەلۋەتتە، ئەمەلىيەتتە بەزى ئەھۋاللار ئېنىق ئەمەس، لېكىن سۇغۇرتا شىركىتى تۆلەم بېرىشنى رەت قىلسا، ئۇنداقتا سۇغۇرتىلانغۇچىنىڭ مەنپەئەتىگە بىۋاسىتە زىيان يېتىدۇ، سۇغۇرتىلانغۇچى ھوقۇق ـ مەنپەئەتىنى پائال تەشەببۇس قىلسا بولىدۇ.

تۈگىدى.png


来源:爱酷艺

监制:麦麦提江

审稿:阿米娜

稿子:乃扎尔

制作:张伟