شىنجاڭلىق ئارتىس - توڭلىيا

ئەلكۈيى
2021-02-22
来源:腾讯


640-24.gif640-59.png


مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ چاغانلىق سەنئەت كېچىلىكىنى كۆرگەنلەرنىڭ ھەممىسى گۈزەل چولپان توڭ لىيا (佟丽娅) نى ئوبدان بىلىدۇ. ئۇنىڭ تەقى ـ تۇرقى كۆڭۈل ئېچىش چەمبىرىكىدە ئالاھىدە كۆزگە چېلىقىپ تۇرىدىغان بولۇپ ھەم ئۇنىڭ ۋۇجۇدىدا شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە گۈزەللىكىگە خاس جەزبىدارلىق بار.
ئەمما ئۇنىڭ ئاچىسى بۇنداق تەلەيلىك ئەمەس. توڭ لىيانىڭ تەقى- تۇرقى ئاتا ـ ئانىسىنىڭ چىراي جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكىنى تارتقان، ئەمما ئاچىسىنىڭ چىرايى ئادەتتىكىچە بولۇپ، قارىماققا ئادەتتىكى ئادەملەردىن ئانچە پەرقلىنىپ كەتمەيتتى.

ئەمەلىيەتتە توڭ لىيا كىنو-تېلېۋىزىيە تىياتىر كەسپىدىن كېلىپ چىققان ئەمەس، بەلكى ئۇ بىر ئۇسسۇل ئارتىسى بولۇپ، كىچىكىدىن باشلاپلا ئۇسسۇل ئۆگىنىشكە باشلىغان ئىدى. ئالتە ياش ۋاقتىدىن باشلاپلا سەھنىگە چىقىپ ئويۇن قويۇشقا باشلىغان بولۇپ، چوڭ بولغاندىن كېيىن ئۇنىڭ نەتىجىسى ناھايىتى ياخشى بولغانلىقتىن، شىنجاڭ ناخشا ـ ئۇسسۇل ئۆمىكىگە خىزمەتكە تەقسىم قىلىنغان ئىدى. ئۇ 17 ياشقا كىرگەن يىلى شىنجاڭ ئۇسسۇلچىلار جەمئىيىتىنىڭ 4ـ دەرىجىلىك ئۇسسۇل ئىمتىھانىدا ئوقۇتقۇچىلىق سالاھىيىتىگە ئېرىشتى.

توڭ لىيا كەسىپنىڭ يۇقىرى پەللىسىدە تۇرىۋاتقان مەزگىلدە، كۆپ قېتىم مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ سەھنىسىگە چىقىپ «كىرورەن گۈزىلى» (楼兰姑娘) ۋە «گۈل نېمىشقا بۇنچە قىزىل» (花儿为什么这样红) قاتارلىق ئۇسسۇللارنى ئويناپ خەلقنىڭ قەلب تۆرىدىن ئورۇن ئالغان ئىدى.

ئەسلىدە كىشىلەر ئۇنى داۋاملىق ئۇسسۇل كەسپىنى داۋاملاشتۇرىدۇ دەپ ئويلىغان ئىدى، ئەمما توڭ لىيا خىزمەت ئىشى توغرۇلۇق ئويلىنىپ قالدى. يېشىنىڭ ئاستا-ئاستا چوڭىيىشىغا ئەگىشىپ، ئۇ ئۆزىنىڭ يەنە قانچىلىك ۋاقىت ئۇسسۇل ئوينىيالايدىغانلىقىنى بىلمەيتتى. شۇڭا ئۇ كەسىپ ئالماشتۇرۇش ئويىغا كەلدى. بىراق باشقا ساھەلەردە تەرەققىي قىلىشمۇ ئۇنداق ئاسان ئىش ئەمەس، بۇنىڭ ئۈچۈن ئۇ يەنە مەخسۇس مەركىزىي تىياتىر شۆيۈەنىگە ئىمتىھان بەردى.

بەختكە يارىشا توڭ لىيا ئالىي مەكتەپنىڭ ئىككىنچى يىللىقىدا رېژىسسور ئېر دوڭشېڭ (尔冬升)نىڭ نەزىرىگە ئېلىنىپ، تەكلىپكە بىنائەن تۇنجى تىياتىرىدا رول ئالدى، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ كەسپى ھاياتى باشلاندى.

لېكىن ئۇ خىزمەتكە چىققاندىن كېيىن ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ كۆپلىگەن كىنو ـ تېلېۋىزىيە ئەسەرلىرىدە رول ئالغان بولسىمۇ بىراق ئانچە نام چىقىرالمىدى.
2012ـ يىلىغا كەلگەندە ئۇنىڭ كەسپىي ھاياتىدا بۇرۇلۇش بولۇپ، «بېيجىڭدىكى مۇھەببەت ھېكايىسى» (北京爱情故事) دىكى ئوبرازى بىلەن ناھايىتى يۇقىرى ئالقىشقا ئېرىشىپلا قالماي، يەنە تىياتىردا ئۆزىنىڭ ھەقىقىي مۇھەببىتىگە ئېرىشتى.

توڭ لىيانىڭ نامى چىقىشىغا ئەگىشىپ، ئۇنىڭ ئائىلىسىدىكىلەرمۇ كۆپچىلىكنىڭ دىققىتىنى تارتىشقا باشلىدى. بىر ئۇنىۋېرسال سەنئەت پىروگراممىسىغا قاتناشقان توڭ لىيا ئاچىسىنى ئېلىپ بىللە ئېكرانغا چىقتى. كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغىنى شۇكى، ئىككىسىنىڭ تاشقى قىياپىتى ناھايىتى چوڭ پەرقلىنەتتى.

توڭ لىيانىڭ ئاچىسى سەل سېمىز تىپقا تەۋە ئىدى. بىراق ھازىرقى چىرايىغا قارىسا ياش ۋاقتىدا بىر ساھىبجامالدەك تۇيغۇ بېرىدىغان بولۇپ، ئۇنىڭ پىروگراممىدىكى مىجەزىمۇ شۇنچىلىك ئوچۇق-يورۇق ئىدى. ئەگەر توڭ لىيا ئاچىسىنى ئۆزى تونۇشتۇرمىغان بولسا، ئىككەيلەننىڭ ئاچا ـ سىڭىل ئىكەنلىكىنى ھېچكىم بىلمىگەن بولاتتى. ئاچا-سىڭىل ئىككەيلەننىڭ تەقى -تۇرقىغا قاراپ، بەزى تورداشلار ئاتا ـ ئانىسى ئۇلارنى «ئوخشاش كۆرمەيدىكەن» دەپ ئويلىدى. ئاتا ئانىسىنىڭ چىراي جەھەتتىكى ئالاھىدىلىكى توڭ لىياغا ئېرسىيەت قالغان، ئەمما ئاچىسىنىڭ تەقى ـ تۇرقى ئادەتتىكىچە. نېمىلا دېگەن بىلەن گېن مەسىلىسىنى كىممۇ ئۆزى بەلگىلىيەلەيدۇ؟

تەقى ـ تۇرقى مەسىلىسىدە ئاچىسى ئەزەلدىن ئىككىلىنىپ باقمىدى. ئاچىسى توڭ لىيانىڭ ئۇتۇقلىرىنى كۆرۈپ ئۆزىمۇ ئىنتايىن خۇشال بولدى. ئۇ پىروگراممىدىكى گەپ- سۆزلىرىدە سىڭلىسىغا بولغان يېقىنچىلىقىنى قىلچە يوشۇرۇپ قالالمىدى، ئىككى ئاچا ـ سىڭىلنىڭ ھېسسىياتىمۇ ئىنتايىن چوڭقۇردەك قىلاتتى.
ھازىر توڭ لىيامۇ بىر ئايال ھەم ئانا بولۇپ يېتىلدى. ئۇ يەنىلا تاماشا ساھەسىدە ئۆز ئارزۇسى ئۈچۈن توختىماي تىرىشىۋاتىدۇ، گەرچە ماڭغان يولى جاپا مۇشەققەتلىك بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ھەر كۈنى ناھايىتى ئەھمىيەتلىك ھەم خۇشال ئۆتۈۋاتىدۇ.


تۈگىدى.png


来源:爱酷艺

监制:麦麦提江

审稿:阿米娜

稿子:乃扎尔

制作:张伟