2021- يىللىق مازدا ئاپتوموبىلچىلىقى

ئەلكۈيى
2021-02-20
来源:懂车帝

640-24.gif640-59.png


ئامېرىكىدىكى نوپۇزلۇق ژورنال «ئىستېمالچىلار دوكلاتى» (Cosumer Reports) يېقىندا 2021-يىلىدىكى ئەڭ ئىشەنچلىك ئاپتوموبىل ماركىلىرى تىزىملىكىنى ئېلان قىلدى. مازدا، BMW، سۇبارۇ قاتارلىقلار ئالدىنقى ئۈچ ئورۇنغا تىزىلدى. «ئىستېمالچىلار دوكلاتى»نىڭ كۆرسىتىشىچە، ئادەتتە ئاپتوموبىل ماركىلىرىنىڭ ئىشەنچلىكلىك رەت-تەرتىپى يول سىنىقى، ئىشەنچلىكلىك سىنىقى، ئاپتوموبىل ئىگىسىنىڭ رازى بولۇش دەرىجىسى ۋە ئاپتوموبىل بىخەتەرلىكىدىن ئىبارەت تۆت جەھەتتىن ئۇنىۋېرسال ئويلىشىلىدىكەن.

海外|2021汽车可靠性排名:马自达第一、雷克萨斯跌至第六

بۇ تىزىملىكتە مازدا 80 نومۇر بىلەن 1-ئورۇندا تۇرغان. تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، بۇلتۇر 11-ئايدا «ئىستېمالچىلار دوكلاتى»دا ئېلان قىلىنغان بىر تىزىملىكتە، مازدا ئوخشاشلا 83 نومۇر بىلەن چېمپىيون بولغان. ئۇ چاغدا «ئىستېمالچىلار دوكلاتى» مازدانىڭ چېمپيون بولۇش سەۋەبىنى مۇنداق ئىزاھلىغان: «مازدا ئاپتوموبىلىنىڭ يېڭى نۇسخىسىدا چوڭ ئۆزگىرىش يوق، بۇ ئاپتوموبىلدا يېڭى تېخنىكا سەۋەبىدىن ئويلىمىغان يېتەرسىزلىكلەر كۆرۈلۈش ئېھتىماللىقىنى كىچىكلىتىدۇ».

海外|2021汽车可靠性排名:马自达第一、雷克萨斯跌至第六

بۇلتۇر ئاپتوموبىل ماركىلىرىنىڭ ئىشەنچىلىكلىكى تىزىملىكىدە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرغان پورسىچى بۇ يىل 4-ئورۇنغا چۈشكەن، خوندا، لېكساس ۋە تويوتا پورسچىنىڭ كەينىگە تىزىلغان، بۇنىڭ ئىچىدە، خوندا ماركىسىنىڭ ئۆرلەش نىسبىتى ئەڭ يۇقىرى بولغان، لېكساس بولسا 2019-يىلىدىكى چېمپيونلۇق ئورنىدىن بۇ يىل بىراقلا 6-ئورۇنغا چۈشۈپ قالغان. ئۇنىڭدىن باشقا مېرسېدېس-بېنىز بىلەن كادىلاك 21-ئورۇندا، تېسلا 16-ئورۇندا تۇرغان.

«ئىستېمالچىلار دوكلاتى»دا كۆرسىتىلىشىچە، Model S، Model Y ۋە Model Xنىڭ ئىشەنچىلىكلىكى جەھەتتە كۆرۈلگەن مەسىلىلەر سەۋەبىدىن تېسلانىڭ ئورنى بۇلتۇرقىغا سېلىشتۇرغاندا بەش دەرىجە تۆۋەنلەپ، 16-ئورۇنغا چۈشۈپ قالغان. لىنكولن بۇلتۇر بازارغا سالغان «دېڭىزچىلار» ۋە «ئۇچقۇچىلار» ناملىق ئاپتوموبىلىنىڭ يول سىنىقىدىكى ئىپادىسى ياخشى بولغان، ئەمما ئىشەنچىلىكلىك دەرىجىسى ئوتتۇرىچە سەۋىيەدىن خېلىلا تۆۋەن بولغان.

海外|2021汽车可靠性排名:马自达第一、雷克萨斯跌至第六

ئاپتوموبىل ماركىلىرىنىڭ ئىشەنچىلىكلىك تىزىملىكىنى ئېلان قىلىش بىلەن بىللە، «ئىستېمالچىلار دوكلاتى» يەنە 2021-يىلىدىكى «ئون ياخشى ئاپتوموبىل تىپى»نى ئېلان قىلدى. تويوتانىڭ كاروللا، PRIUS، كامرىي قاتارلىق ئاپتوموبىللىرى ئەڭ چوڭ غالىبىيەتچىگە ئايلاندى، ئۇنىڭدىن باشقا، تېسلا Model 3 يەنە بىر قېتىم «يىللىق ئەڭ ياخشى توكلۇق ئاپتوموبىل» بولۇپ باھالاندى.

تۈگىدى.png


来源:爱酷艺

监制:麦麦提江

审稿:阿米娜

稿子:乃扎尔

制作:张伟