بۇ كىشىلەر ھەسەل يىسە بولامدۇ؟

ئەلكۈيى
2021-02-20
来源:توۋتياۋ

640-24.gif640-59.png


ھەسەل تەركىبىدە شېكەر، كاربون سۇ بىرىكمىلىرى، ئاقسىل، يېمەكلىك تالاسى بولغاندىن سىرت، يەنە ۋىتامىن، كالىي، كالتسىي، سىنك قاتارلىق مىنېرال ماددىلار ۋە ئوكسىدلىنىشقا قارشى ماددىلار بار، لېكىن بۇ ماددىلارنىڭ مىقدارى ئانچە يۇقىرى ئەمەس، شۇڭا ھەسەلنى ئوزۇقلۇق تولۇقلاشتىكى ئاساسلىق مەنبە قىلىشقا بولمايدۇ.

ھەسەلنىڭ قان شېكىرىگە بولغان تەسىرى

ھەسەلنىڭ ئاساسلىق تەركىبى فىرۇكتوزا بىلەن گىلۇكوزا بولۇپ، ئىككىسىنىڭ مىقدارى تەخمىنەن %80~%70نى ئىگىلەيدۇ، تەبىئىي ھەسەل تەركىبىدە ساخاروزا ئىنتايىن ئاز بولۇپ، %5تىن ئاشمايدۇ، كۆپچىلىككە مەلۇم، مېۋە شېكىرى گىلۇكوزىغا ئوخشاش بولۇپ، ناھايىتى ئاسانلا ھەزىم بولۇپ سۈمۈرۈلىدۇ، لېكىن سۈمۈرۈلگەندىن كېيىن بىۋاسىتە قان شېكىرىگە ئايلىنالمايدۇ.

بىر قىسىم مېۋە شېكىرى جىگەردە گىلۇكوزىغا ئايلانغاندىن كېيىن، ئاندىن قان شېكىرىنى ئۆرلىتىۋېتىدۇ. شۇڭا مېۋە شېكىرىنىڭ قان شېكىرىنى ئۆرلىتىش سۈرئىتى ناھايىتى ئاستا بولىدۇ، ساپ مېۋە شېكىرىنىڭ قەنت مىقدارىنى ئاشۇرۇش كۆرسەتكۈچى پەقەت 23.0 بولۇپ، ئاق شېكەر (83)، ھەسەل (73)دىن خېلىلا تۆۋەن بولىدۇ.

دىئابېت كېسىلى بىمارلىرى ھەسەل يېسە بولامدۇ؟

دىيابېت كېسىلى ئەگەر ھەسەل يېمەكچى بولسا چوقۇم مىقدارىنى كونترول قىلىش كېرەك.

ئەگەر دىيابېت بىمارلىرىنىڭ يېمەك-ئىچمەك ساغلاملىق قانۇنىيىتى بولسا، ئاز مىقداردا شېكەر قوبۇل قىلىشتا مەسىلە يوق. ئەمما ئەگەر سىز ئىنسۇلىننى ئوكۇل قىلىپ ئۇرۇۋاتقان بولسىڭىز، كۈندىلىك كاربون سۇ بىرىكمىلىرىنىڭ (ھەسەلنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) قوبۇل قىلىنىش مىقدارىنى ھېسابلاش ئىنتايىن مۇھىم.


تۈگىدى.png


来源:爱酷艺

监制:麦麦提江

审稿:阿米娜

稿子:乃扎尔

制作:张伟