لىۋېرپول VS ئېۋېرتون مۇسابىقىسىگە نەزەر

ئەلكۈيى
2021-02-20
来源:دوڭچيۇدى

640-24.gif640-59.png


بېيجىڭ ۋاقتى 2-ئاينىڭ 21-كۈنى سەھەر سائەت 1:30دىكى ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسى 25-ئايلانمىسىدا، لىۋېرپول ساھىبخان مەيداندا ئېۋېرتون بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ. ئۇنداقتا ئۇدا ئۈچ مەيدان بىرلەشمە مۇسابىقىدە ئۇتتۇرۇپ قويغان لىۋېرپول بۇ مەيدان مۇسابىقىدە غەلىبە قىلالامدۇ؟

مۇسابىقە ئورنى: ئەنفېلد توپ مەيدانى

لىۋېرپولنىڭ ئەھۋالى:

يېقىنقى 10 مەيدان بىرلەشمە مۇسابىقىدە، لىۋېرپول ئاران ئىككى مەيدان ئۇتۇپ ئۈچ مەيدان تەڭلىشىپ بەش مەيدان ئۇتتۇرغان بولۇپ، يېقىنقى ئۈچ مەيدان بىرلەشمە مۇسابىقىدە ئۇدا ئۈچ مەيدان مەغلۇپ بولغان. بىرلەشمە رەت تەرتىپىدە لىۋېرپولنىڭ ئارقىسىغا تىزىلغان ئېۋېرتون، ئاستون ۋىللا، توتتېنھام قاتارلىق بىر قانچە كوماندىلار تېخى بىر مەيدان مۇسابىقىنى كەم ئوينىدى، ئەگەر بۇ قېتىمقى «مېرسېيسايد دېربىيسى»دا غەلىبە قىلىپ ئۈچ نومۇرنى قولغا كەلتۈرەلمىسە رەت تەرتىپتە توققۇزىنچى ئورۇنغا چۈشۈپ قېلىشى مۇمكىن. لىۋېرپول ئالدىنقى مەيدان مۇسابىقىدە 0:2 نەتىجىدە لېيپزېگ قىزىل كالا كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ ئۆزىنىڭ پاسسىپ ھالىتىنى ئوڭشىۋالدى. شۇڭلاشقا ئۇلا ئېۋېرتون بىلەن ئوينايدىغان بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئۈچ نومۇرنى قولغا كەلتۈرۈش ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىدۇ.

ئېۋېرتوننىڭ ئەھۋالى:

بىر شەھەردىكى رەقىبى لىۋېرپول بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئېۋېرتوننىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنىمۇ ياخشى دەپ كەتكىلى بولمايدۇ، كوماندا يېقىنقى تۆت مەيدان مۇسابىقىدە ئىككى مەيدان ئۇتۇپ ئىككى مەيدان تەڭلەشكەن. بىر ھەپتىدە ئىككى مەيدان مۇسابىقە ئويناش كوماندا ئەزالىرىنىڭ بەدەن قۇۋۋىتىنى زور دەرىجىدە خورىتىۋەتكەن بولۇپ، كوماندا يېقىنقى تۆت مەيدان مۇسابىقىدە 12 توپ كەتكۈزۈپ بولغان. ئالدىنقى ئايلانمىدىكى بىرلەشمە مۇسابىقىدە 3:1 نەتىجىدە مانچېستېر شەھىرىگە ئۇتتۇرۇپ قويغان بولۇپ، ئۇلارنىڭ مۇسابىقە پەسلىنىڭ بېشىدىكى قالتىس ئىپادىسىدىن ئەسەرمۇ يوق. كوماندا ھازىر 37 جۇغلانما نومۇر بىلەن بىرلەشمە رەت تەرتىپتە يەتتىنچى ئورۇندا تۇرۇۋاتىدۇ، ئەگەر بۇ مەيدان مۇسابىقىدە غەلىبە قىلالىسا جۇغلانما نومۇردا لىۋېرپول بىلەن تەڭلىشىدۇ. شۇڭلاشقا ئۇلار بۇ مەيدان مۇسابىقىدە غەلىبە قىلىش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچىنى چىقىرىدۇ.

تۈگىدى.png


来源:爱酷艺

监制:麦麦提江

审稿:阿米娜

稿子:乃扎尔

制作:张伟