ئالما 6G تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىشقا باشلىدى

ئەلكۈيى
2021-02-20
来源:تېخنىكا تورى

640-24.gif640-59.png


چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، 5Gنىڭ سودىدا ئىشلىتىلىۋاتقىنىغا ئىككى يىل بولاي دەپ قالغان، سودىدا ئىشلىتىش دائىرىسى ئۈزلۈكسىز كېڭەيگەن بولۇپ، كېيىنكى ئەۋلاد 6Gمۇ ھەرقايسى چوڭ سىمسىز تېخنىكا ۋە ئۈسكۈنە زاۋۇتلىرىنىڭ كەلگۈسىدىكى بىر مەزگىللىك مۇھىم نۇقتىسىغا ئايلانغان، خۇاۋېي، سامسۇڭ، LG قاتارلىق زاۋۇتلار 6Gنى تەتقىق قىلىشقا باشلىغان.

چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ ئەڭ يېڭى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇلتۇر 10-ئايدا 5G ئەقلى ئىقتىدارلىق يانفوننى بازارغا سالغان ئالمىمۇ 6G غا ئالاقىدار تېخنىكىنى تەتقىق قىلىشقا باشلىغان.

چەت ئەل تاراتقۇلىرى ئالما شىركىتىنىڭ تەكلىپ قىلىش ئۇچۇرىغا ئاساسەن، ئۇلارنىڭ 6G تەتقىقاتىنى باشلىغانلىقىنى خەۋەر قىلغان. ئالما شىركىتىنىڭ تەكلىپ قىلىش ئۇچۇرىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئۇلار ھازىر نۇرغۇن ئىنژېنېرلارنى تەكلىپ قىلىپ، كەلگۈسىدىكى iPhone ئۈچۈن يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان 6G سىمسىز تور تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىدىكەن.

چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئالما تەكلىپ قىلغان 6G تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىدىغان ئىنژېنېرلار ئالما شىركىتىنىڭ كىرىمنىي جىلغىسى ۋە سان ديېگودىكى ئىشخانىسىدا خىزمەت قىلىدىكەن.

ئالمىنىڭ تەكلىپ قىلىش ئېلانىدا مۇنداق دېيىلگەن: قوبۇل قىلىنغان خادىملار ئۆزگىچە ھەم ئەھمىيەتلىك پۇرسەتكە ئېرىشىدۇ، كەلگۈسى ئالما مەھسۇلاتلىرىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدىغان كېيىنكى ئەۋلاد سىمسىز خەۋەرلىشىش تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىدۇ.

گەرچە ئالما قاتارلىق نۇرغۇن زاۋۇتلار 6G تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىشنى باشلىغان بولسىمۇ، لېكىن 6Gنى سودىدا ئىشلىتىشكە يەنە بىر مەزگىل ۋاقىت كېتىدۇ، ئالدىنقى بەش ئەۋلاد كۆچمە خەۋەرلىشىش تېخنىكىسىدا ئوتتۇرا ھېساب بىلەن تەخمىنەن 10 يىلدا بىر ئەۋلاد تېخنىكا سودىدا ئىشلىتىلگەن، نۆۋەتتە 5Gنىڭ سودىدا ئىشلىتىلىۋاتقىنىغا تېخى ئىككى يىل بولمىدى


تۈگىدى.png


来源:爱酷艺

监制:麦麦提江

审稿:阿米娜

稿子:乃扎尔

制作:张伟