موڭغۇل يىگىت«قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش»ئۇيۇنىدا 100000 يۈەن مۇكاپاتقا ئېرىشتى

ئەلكۈيى تورى
2021-08-11
来源:ئەلكۈيى تورى

تۇرمۇشنىڭ ھەممە يېرىدە خۇشاللىق بار، پەقەت سىزنىڭ قوغلىشىشنى خالايدىغان خالىمايدىغانلىقىڭىزدا باغلىق. 2021 ـ يىلى 7 ـ ئاينىڭ 5 ـ كۈنى، سانجى شەھىرى ليۇخۇاڭگۇ بازىرىدىكى موڭغۇل لاتارىيەچى بات ۋە ئۇنىڭ ئايالى كىشىلىك ھاياتتىكى بىر چوڭ سوۋغىنى كۈتۈۋالدى، ئۇلار تەلەيلىك ھالدا «تالانت ئىگىسى» 2 ـ دەرىجىلىك مۇكاپاتى ئېرىشتى، مۇكاپات سوممىسى 100000 يۈەن بولدى.

باد بولسا پاراۋانلىق لاتارىيەسىنىڭ كونا لاتارىيەچىسى. ليۇخۇاڭگۇ بازىرىدا پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتى بار بولغان ۋاقىتتىن باشلاپ ئۇ پاراۋانلىق لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىشقا باشلىغان ئىدى. دەسلەپتە « قوش رەڭلىك توپ» ئويۇنىغا ئىنتايىن قىزىقاتتى، ئەمما بىر قېتىملىق مۇكاپات ئېچىشنى ساقلاش جەريانىدا، ئۇ بىر پارچە «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئۇيۇنى لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالدى، ۋە 100 يۈەن مۇكاپات پۇلىغا ئېرىشتى، بۇ باتقا «قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئۇيۇنىنىڭ سېھرى-كۈچىنى ھېس قىلدۇردى، شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ«قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش» ئۇيۇنىنى ياخشى كۆرۈپ قالغان، ئۇنىڭ كۆڭلىدە قىرىپ خۇشاللىق ئىزدەش ئۇيۇنى دەرھال سېتىۋالغىلى بۇلىدىغان، دەرھال مۇكاپات ئېچىلىدىغان ۋە مۇكاپاتنى نەقلەشتۈرگىلى بۇلىدىغان، ئويناش ئۇسۇلى كۆپ خىل، قىزىقارلىقلىقى كۈچلۈك ناھايىتى قىزىقارلىق ئۇيۇن ئىدى.

7 ـ ئاينىڭ 5 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، بات بىلەن ئايالى سىرتقا ئىش بېجىرگىلى چىقىپ، 65230144 پاراۋانلىق لاتارىيە پونكىتىدىن ئۆتۈپ كېتىۋېتىپ، لاتارىيە بېلىتى سېتىۋالدى، ئۇ ئۇدۇل بېرىپ بېلەت سېتىش كۆرگەزمە ئىشكاپىدىن ئۈچ پارچە «ئالتۇن بەخت يۇلتۇزى» لاتارىيە بېلىتى سېتىۋېلىپ، تولۇپ تاشقان ئۈمىد بىلەن قىرىشقا باشلىدى، ئۈچ بېلەت ناھايىتى تېزلا قىرىلىپ بولدى ھەم ھېچقانداق مۇكاپات چىقمىدى. ئۈمىدۋار باتۇر كۈلۈپ تۇرۇپ ئايالىغا: ـــ قارىغاندا بۈگۈن ئامەت كەلمىگەن ئوخشايدۇ، ئەتە يەنە سېتىۋالالايلى ، ــ دېدى. ئىككىيلەن كەتمەكچى بولۇۋاتقاندا، باتېرنىڭ ئايالى مال ساتقۇچىنىڭ بىر بولاق يېڭى « تالانت ئىگىسى» نى چىقىرىپ، كۆرگەزمە ئىشكاپىدىكى بوشلۇقنى تولۇقلاۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، ئايالى« تالانت ئىگىسى» نى كۆرسىتىپ تۇرۇپ: « مېنىڭچە، بۇ بېلەتنى سىز ئىلگىرى قىرىپ باقمىغان، بولمىسا بۈگۈن بىر نەچچىنى سېتىۋېلىپ سىناپ بېقىڭ» دېدى. باتىر ئايالىنىڭ پىكرىنى قوبۇل قىلىپ، « تالانت ئىگىسى» لاتارىيە بېلىتىدىن تۆتنى سېتىۋالدى.

لاتارىيە بېلەت ئالغان باتىر ئاستا ـ ئاستا يوپۇقنى قىرىشقا باشلىدى، ئالدىنقى ئىككى پارچە لاتارىيە بىلىتىدىن 20 يۈەنلىك كىچىك مۇكاپات چىقتى، ئۈچىنچى پارچە لاتارىيە بىلىتىدىن مۇكاپات چىقمىدى، تۆتىنچى پارچە لاتارىيە بېلىتىدىن 100000 يۈەن مۇكاپات چىقتى، ئۇ ئىشەنمەيلا قالدى، قايتا-قايتا تەكشۈرگەندىن كېيىن، ئۇ ھاياجانلانغان ھالدا: « مۇكاپات چىقتى، 100 مىڭ يۈەن مۇكاپات چىقتى!»-دېدى، بۇ چاغدا بىر چەتتە تۇرغان ئايالىمۇ ھاياجانلانغان ھالدا: ـــ «راست مۇكاپات چىقتىمۇ! »-دېدى.

ئەتىسى ئەتىگەندە، باتۇر ئايالى بىلەن سانجى پاراۋانلىق لاتارىيەسى مەركىزىگە كېلىپ مۇكاپاتنى نەقلەشتۈردى، ئۇ خۇشال ھالدا مۇنداق دېدى: «بۇ قېتىم مۇكاپاتقا ئېرىشىشتە تۆھپىنىڭ ھەممىسى ئايالىمغا مەنسۇپ، ئەگەر ئۇ بولمىغان بولسا، مەنمۇ بۇ مۇكاپاتقا ئېرىشەلمىگەن بولاتتىم، بىز مۇكاپاتنى ئېلىپ كۈنلىرىمىزنى ياخشى ئۆتكۈزىمىز، كېيىن يەنە داۋاملىق لاتارىيە سېتىۋالىمىز»-دېدى.

1.png