سۈكۈتتىكى قوزا

ئەلكۈيى
2021-01-14
来源:

640-24.gif640-59.png




خەۋەر قىلىنىشىچە، دوۋبەندە 8.9 نومۇرغا ئېرىشكەن ئالقىشلىق كىنو «سۈكۈتتىكى قوزا»(沉默的羔羊)نىڭ داۋامى 10 قىسىملىق تىياتىر قىلىپ ئىشلەنگەن بولۇپ، يېقىندا مەزكۇر تىياتىر «كلارىس»(克拉丽斯)نىڭ تەشۋىقات فىلىمى ئېلان قىلىنغان. مەزكۇر تىياتىرنىڭ ۋەقەلىكى«سۈكۈتتىكى قوزا»دىكى ئايال باش قەھرىمان كلارىس ستارلىڭنى چۆرىدىگەن ھالدا قانات يايدۇرۇلغان.

تىياتىردا «سۈكۈتتىكى قوزا» ۋەقەسى يۈز بېرىپ بىر يىلدىن كېيىن ئالاھىدە خادىم كلارىس ۋاشىنگتونغا قايتىپ، زەنجىرسىمان قاتىللىق دېلوسىدىكى گۇماندارنى قوغلاپ تۇتۇشقا قاتنىشىدۇ. كلارىس گۇماندار بىلەن يۈز تۇرانە كۆرۈشكەندە ئۆزىنىڭ بالىلىق دەۋرىدىكى بەزى ئالاھىدە كەچۈرمىشلىرى دائىم كۆز ئالدىغا كېلىۋېلىپ، ئۇنى بەكمۇ قىينايدۇ. باش قەھرىمان كلارىس دېلو بېجىرىش جەريانىدا قانداق قەبىھ قاتىللارغا يولۇقىدۇ؟ ئۇ يولۇققان زەنجىرسىمان قاتىللىق دېلوسىدىكى رەزىل قاتىلنىڭ ئەسلى كىنو «سۈكۈتتىكى قوزا»دىكى ياۋۇز قاتىل خاننىبال بىلەن زادى قانداق ئالاقىسى بار؟ يۇقىرىقى سەرخىل مەزمۇنلارغا قىزىقسىڭىز تىياتىر «كلارىس» ھوزۇرىڭىزدا بولسۇن. مەزكۇر تىياتىر تۈنۈگۈن ئامېرىكىدا قويۇلدى.

تۈگىدى.png


来源:爱酷艺

监制:麦麦提江

审稿:阿米娜

稿子:乃扎尔

制作:张伟