مېسسى VS رونالدو: 35 قېتىملىق ئۇچرىشىشتا مېسسى ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەيدۇ

ئەلكۈيى تەنتەربىيەسى
2020-10-03
来源:جىبوبا تورى

بېيجىڭ ۋاقتى 10-ئاينىڭ 1-كۈنى كەچ سائەت 23:00تە، 2020/2021-يىللىق مۇسابىقە پەسلى ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىنىڭ گۇرۇپپا مۇسابىقىسىگە چەك تارتىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى، چەك تارتىش نەتىجىسىدە كۆپلىگەن ھەيران قارارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلدى، مېسسى ۋە رونالدو باشچىلىقىدىكى بارسېلونا ۋە يۇۋېنتۇس ئوخشاش گۇرۇپپىغا بۆلۈندى.

2020100321032026104.jpg

ئىسپانىيە تاراتقۇسى «دۇنيا تەنتەربىيە گېزىتى» بۇ ئىككى گىگانىت چولپاننىڭ تارىختىكى 35 قېتىملىق بىۋاستە ئۇچرىشىش جەريانىدىكى ئىپادىسى ۋە نەتىجىسىنى تىزىپ چىققان.

ئىككى چولپاننىڭ بۇنىڭدىن بۇرۇنقى 35 قېتىملىق ئۇچرىشىشىدا، مېسسى 16 مەيدان غەلىبە قىلىپ، 10 مەيدان تەڭلىشىپ، توققۇز مەيدان مەغلۇپ بولۇشتەك نەتىجىنى ياراتقان، جەمئىي 22 توپ كىرگۈزۈپ، 12 قېتىم ياردەمچى پاس چىقارغان، يەنى ھەر 139.7 مىنۇت ئىچىدە بىر توپ كىرگۈزگەن. رونالدو بولسا 19 توپ كىرگۈزۈپ بىر قېتىم ياردەمچى پاس چىقارغان بولۇپ، ھەر 155 مىنۇتتا بىر توپ كىرگۈزگەن.

ئۇنىڭدىن باشقا مېسسى 2014-يىلى 3-ئايدا بارسېلونا 3:4 نەتىجىدە خانلىق مادرىدنى مەغلۇپ قىلغان مۇسابىقىدە قالپاق ئويۇنى تاماملىغان.

ئىسپانىيە «دۆلەت دېربىيسى» تارىخىدا ئىككى چولپان جەمئىي 30 قېتىم ئۇچراشقان بولۇپ، مېسسى 14 قېتىم غەلىبە قىلىپ، توققۇز قېتىم تەڭلىشىپ، يەتتە قېتىم مەغلۇپ بولۇشتەك نەتىجىسى بىلەن ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەيدۇ.