يامال: فىرانسىيە كوماندىسى پەقەت بىزدىنلا قورقىدۇ

ئەلكۈيى تەنتەربىيەسى
2026-07-13
来源:爱酷艺

434343电视.jpg

ئىسپانىيە كوماندىسىنىڭ 1:2 نەتىجە بىلەن بېلگىيە كوماندىسىنى شاللاپ دۇنيا لوڭقىسى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە كىرىشىگە ياردەم بەرگەندىن كېيىن، بۇ مەيدان مۇسابىقىدىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچى يامال تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلدى.

2026713.jpg

ئۇ بۇ مەيدان مۇسابىقە توغرىسىدا مۇنداق دېدى: «بىز ئومۇمىي جەھەتتىن ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلىدۇق. توپ كەتكۈزگەندىكى تۇيغۇ بەك غەلىتە، چۈنكى بىز قانچە ياخشى ئوينىغانسېرى، ئەكىسچە رەقىبىمىز توپ كىرگۈزدى، بىراق ياخشى، مانا بۇ پۇتبول. بەلكىم بىز ئانچە ياخشى ئوينىيالمىغان بولۇشىمىز مۇمكىن، لېكىن ئەمەلىيەت شۇكى، بىز بىلەن مۇسابىقىلەشكەن كوماندىلار ئىچىدە تېخى بىزگە تەڭ كېلەلىگىنى يوق.» يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە فىرانسىيە كوماندىسى بىلەن مۇسابىقىلىشىز، ئۇلاردىن قورقامسىز؟ يامال: «مېنىڭچە ئەگەر ئۇلارنىڭ قورقىدىغان رەقىبى بولسا، ئۇنداقتا بىز شۇ، چۈنكى بىز ئۇلارنى شاللىۋەتكەن. ئېنىقكى بىز ھەر ئىككى كوماندا ناھايىتى ياخشى، ھەر ئىككى تەرەپ دۇنياۋى سەۋىيەلىك كوماندا، مېنىڭچە ئۇلار ئەڭ كۈچلۈك كوماندا، لېكىن مەيلى، بىز تەقەززالىق بىلەن كۈتەيلى، لېكىن بىز ھېچنېمىدىن قورقمايمىز» دەپ جاۋاب بەردى.