7-ئاينىڭ 10-كۈنى بېيجىڭ ۋاقتىسەھەر سائەت 4تە، 2026-يىللىق ئامېرىكا-مېكسىكا دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ چارەك ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى بوستون تەنتەربىيە مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى، فىرانسىيە كوماندىسى بىلەن ماراكەش كوماندىسى مۇسابىقىلەشتى . ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە مىباپپې نۇقتا توپ پۇرسىتى ياراتتى ۋە نۇقتا توپنى كەتكۈزۈپ قويدى، بۇنۇ كۆپ قېتىم خەتەرلىك توپلارنى توسۇۋالدى، كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە مىباپپې بىر توپ كىرگۈزۈپ، دۇنيا لوڭقىسىدىكى 20-توپىنى كىرگۈزدى، دېمبېلې بىر توپ كىرگۈزدى. ئاخىرىدا فىرانسىيە كوماندىسى 0:2 نەتىجە بىلەن ماراكەش كوماندىسىنى مەغلۇپ قىلىپ دۇنيا لوڭقىسى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىگە كىردى، يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە ئىسپانىيە كوماندىسى بىلەن بېلگىيە كوماندىسى ئوتتۇرىسىدىكى غەلىبە قىلغۇچى كوماندا بىلەن مۇسابىقىلىشىدۇ.