فىرانسىيە بىلەن ماراكەش 4/1 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە ئەلكۈيىدە ئۇيغۇرچە

ئەلكۈيى تەنتەربىيەسى
2026-07-08
来源:爱酷艺体育

7-10未标题-2.jpg

ئەلكۈيى تەنتەربىيە قانىلى تەۋسىيەسى: 2026-يىلى 7-ئاينىڭ 10-كۈنى سەھەر سائەت 4 تە، دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ 4/1 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە فىرانسىيە بىلەن ماراكەشنىڭ مۇسابىقىسى ئەلكۈيىدە ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈلۈپ بىۋاستە تارقىتىلىدۇ.

مۇسابىقىنى كۆرمەكچى بولسىڭىز مۇسابىقىنى مۇشۇ خەتنى چىكىپ بىۋاستە تارقىتىشنى كۆرسىڭىز بولىدۇ.

ناۋادا ئەزالىق ئاچقۇزمىغان بولسىڭىز ياكى ئەزالىققا پۇل تۆلەش مەغلۇب بولغان بولسا بۇ خەتنى بېسىپ پۇل تۆلىسىڭىز بولىدۇ

6150f6a2gy1ievxfu26tbj20yc0yftsm.jpg

بۈگۈن چۈشتىن كىيىن خەلقئارا پۇتبول بىرلەشمىسى پۈتۈن ئارگېنتىنا رېپېرلار گۇرۇپپىسىنى بۇ مەيدان مۇسابىقىگە رېپېرلىق قىلىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ 96 يىللىق تارىخىدىكى تۇنجى قېتىملىق يەككە مەيداندىكى بارلىق رېپېرلارنىڭ ئوخشاش بىر دۆلەتتىن كەلگەن ھالەتتە ئورۇنلاشتۇرۇپ، غايەت زور تالاش-تارتىش پەيدا قىلدى

تۆۋەندە ئەلكۈيى تەنتەربىيە قانىلى سىزگە بۇ ھەقتە ئۇچۇر بېرىدۇ:

رېپېرلار گۇرۇپپىسىنىڭ قۇرۇلمىسى ۋە تارىخىي خاراكتېرلىك ئورۇنلاشتۇرۇش ئەھۋالى تۆۋەندىكىچە:

رېپېرلار تىزىملىكى

باش رېپېر:فاكۇندو تېللو (44 ياش، ئارگېنتىنا)

ياردەمچى رېپىر:خۇئان پائۇل بېلاتى، گابرىئېل چاد  (ئارگېنتىنا)

تۆتىنچى ئەمەلدار:دارىئو ئېرېرا  ( ئارگېنتىنا)

تەييارلىق ياردەمچى رېپىرى:كىرىستىيان ناۋارو (ئارگېنتىنا)

م43未标题-2.jpg

2.تارىخى رېكورت قايسى؟

بەش ئادەمنىڭ ھەممىسى ئارگېنتىنا تەۋەلىكىگە ئىگە، بۇ دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى 1930-يىلى قۇرۇلغاندىن بۇيان تۇنجى قېتىم يەككە مەيداندىكى بارلىق رېپىرلارنىڭ ئوخشاش بىر دۆلەتتىن كېلىشى ھېسابلىنىدۇ.

بۇنىڭدىن ئىلگىرى دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ شاللاش مۇسابىقىسىدە كۆپ دۆلەت، قىتئە ھالقىپ رېپىرلارنى ماسلاشتۇرۇپ، بىر تەرەپلىمە قاراش گۇمانىدىن ساقلىنىش ئادىتى قوللىنىلغان


2.رېپىرنىڭ تالاش-تارتىشى  پىكرىنى قوزغىدى

1) «قانۇن ئىجرا قىلىشنى ئۆزئارا ئالماشتۇرۇش»ۋاقىت لىنىيەسى

7-ئاينىڭ 7-كۈنى ئارگېنتىنا بىلەن مىسىرنىڭ 1/8 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، قانۇن ئىجرا قىلىش كوللېكتىپىنىڭ ھەممىسى فىرانسىيە تەۋەلىكىدىكى رېپىرلاردىن تەركىب تاپقان بولۇپ، بۇ مەيدان جازا مىسىر پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ رەسمىي ئەرزىنى قوزغىغان،ئەمدى 7-ئاينىڭ 9-كۈنى فىرانسىيە بىلەن ماراكەشنىڭ 1/4 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىدە، قانۇن ئىجرا قىلىش كوللېكتىپىنىڭ ھەممىسى ئارگېنتىنالىق رېپىرلاردىن تەركىب تاپقان،بۇ ئەمدى قانداق گەپ؟

ئىككى مەيدان «دەل جايىدا ئۇدۇللاشتۇرۇلغان»دۆلەت تەۋەلىكىنى ئالماشتۇرۇش سىرتتىكىلەر تەرىپىدىن «ياخشىلىققا ياخشىلىق قايتۇرۇش»ياكى «مەنپەئەت ئالماشتۇرۇش»دەپ چۈشەندۈرۈلدى.

2.فىرانسىيە كوماندىسىنىڭ ئىچكى قىسمىدىن قانداق ئىنكاس كەلدى؟

ۋاراتار رىسې:«بىز بۇ تېمىنى مۇزاكىرە قىلىشنىڭ قىلتىقىغا چۈشۈپ قالماسلىقىمىز كېرەك، بۇ رېپىرلارنىڭ بۇ يەردە پەيدا بولۇشى ئۇلارنىڭ بۇ ئورۇنغا ماس كېلىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ»دېدى.

ئارقا مۇداپىئەچى پامېكانو:«مەن رېپىرنىڭ كىملىكىگە دىققەت قىلمايمەن، بىز پەقەت ماراكەشكە كۆڭۈل بۆلىمىز»دېدى.

ھۇجۇمچى ماتتا بۇ ۋەزىپىگە تەيىنلەشنىڭ «ھېچقانداق ئىشنى ئۆزگەرتمەيدىغانلىقى»نى بىلدۈردى


3.باش رېپىرنىڭ ئالاھىدە قىسقارتىلغان تالاش-تارتىش تەرجىمىھالى

2022-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى:

ماراكەش بۇ مەيدان مۇسابىقىدە 1-0 پورتۇگالىيەنىڭ 1/4 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىدە شاللىۋەتكەن. نەق مۇشۇ رېپىر مۇسابىقىدە قانۇن ئېجرا قىلغان، مۇسابىقىدىن كېيىن پورتۇگالىيەلىك مۇداپىئەچى پېپې ئارگېنتىنالىق بۇ رىپىر  قەستەن پورتۇگالىيەنى دۇنيا لوڭقىسىدىن چىقىرىۋەتتى دەپ ئەيىبلىگەن.ئەمدى ئېسىڭلارغا كەلدىمۇ؟

2024يىللىق ياۋروپا لوڭقىسى:شوتلاندىيە بىلەن ۋېنگىرىيە ئوتتۇرىسىدىكى مۇسابىقىدە مۇھىم

جازالاشتا سەۋەنلىك كۆرۈلگەن. رېپېرلار گۇرۇپپىسى شۇنىڭدىن كېيىن شاللاش مۇسابىقىسىدىكى قالغان قانۇن ئىجرا قىلىش تىزىملىكىدىن چىقىرىۋېتىلگەن.

بۇ گۇرۇپپا بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە ئىككى مەيدان گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنى ئىجرا قىلدى، جەمئىي6 سېرىق كارتا ۋە بىر قىزىل كارتا چىقىرىلدى، ھۆكۈم قىلىش ئۆلچىمى دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى رېپېرلىرىنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسىدىن سەل يۇقىرى بولدى،ئۇنداق بۇ مەيدان مۇسابىقە قانداق ھالەتتە ئوينىلىدۇ ؟ كىم زادى 4 كۈچلۈك دۆلەت قاتارىغا كېرىدۇ ، مۇسابىقىنى ئەلكۈيىدە ئۇيغۇرچە كۆرۈپ بۇ مەزمۇنلارغا دىققىتىمىزنى ئاغدۇرايلى

7-10未标题-2.jpg