بۈگۈن كېچىدىكى قايسى مۇسابىقىلەرنى ئۇخلىماي كۆرۈش كېرەك؟

ئەلكۈيى تەنتەربىيەسى
2026-06-26
来源:爱酷艺体育

202662625555未标题-3-拷贝.jpg

2026-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ  6-ئاينىڭ 26-كۈنى يەنى بۈگۈنكى  مۇسابىقە كۈنتەرتىپى تۆۋەندىكىچە،ئەلۋەتتە ئەلكۈيىدە بۈگۈنكى 6 مەيدان مۇسابىقىنىڭ ھەممىسى ئۇيغۇرچە بىۋاستە تارقىتىلىدۇ ، بىراق دوستلارغا بۇ مۇسابىقىلەرنى قانداق تاللاپ كۆرۈش ھەققىدە بۇ مەزمۇننى تەييارلىدۇق!مۇسابىقە كۆرۈشتە ياخشى پايدىلانسىڭىز بولىدۇ.

6-ئاينىڭ 26-كۈنى (پەيشەنبە) ئالتە مەيدان ئۇدا كۆرسىتىلىدۇ،ھەر بىر گۇرۇپپىدىكى 4دۆلەت بىرلا ۋاقىتتا مۇسابىقە ئوينايدۇ ، چۈنكى بۇ ئەڭ ئ‍اخىرقى مەيدان گۇرۇپپا مۇسابىقىسى ،ئۇنداقتا  قايسى مەيدان تۈنەپ كۆرۈشكە بەكرەك  ئەرزىيدۇ؟

984343tuz1-43434324324拷贝.jpg

سائەت 04:00  ئوينىلىدىغان E گۇرۇپپىنىڭ ئاخىرقى ئايلانمىسى

چوقۇم كۆرۈشكە تىگىشلىك مۇسابىقە : كۇراسو كوتېدىۋويرې

مۇھىملىقى:

بۇ مۇسابىقە گۇرۇپپىنىڭ ئىككىنچى بولۇپ تاللىنىش سانىنى بىۋاسىتە بەلگىلەيدۇ!  كوتېدىۋويرې يېڭىلمىسىلا كېيىنكى باسقۇچقا كىرىدۇ، كۇراسو جەزمەن مۇسابىقىدە يەڭگەندىلا ئاندىن ئۈمىد بولىدۇ. دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتنىشىدىغان نوپۇسى ئەڭ ئاز دۆلەت (185 مىڭ ئادەم) تارىخىي داستان دەرىجىسىدە قايتارما ھۇجۇمغا ئۆتەلەمدۇ؟  بۇ مەيدان مۇسابىقە بۈگۈنكى ھايات-ماماتلىق جەڭ مۇسابىقىسى ،. مۇسابىقە ئەلكۈيى كىنو ئەپ دىتالى ۋە ئەلكۈيى سالونىدا ئۇيغۇرچە بىۋاستە تارقىتىلىدۇ


ئوخشاشلا  4:00 تە باشلىنىدىغان ئېكۋادور بىلەن  گېرمانىيەنىڭ مۇسابىقىسى: كۆرسىڭىزمۇ بولىدۇ، كۆرمىسىڭىزمۇ بولىدۇ

ekgertuz1-43434324324拷贝.jpg

مۇھىملىقى:

گېرمانىيە گۇرۇپپا بويىچە بىرىنچىلىكنى مۇددەتتىن بۇرۇن بېكىتىپ بولدى، چوڭ ئېھتىماللىق بويىچە نۆۋەت بىلەن مەشىق مۇسابىقىسى ئوينايدۇ،ئېكۋادور يەڭگەن تەقدىردىمۇ باشقىلارنىڭ چىرايىغا قاراپ ئىش كۆرىدۇ، تەشۋىش زور دەرىجىدە تۆۋەنلەيدۇ.

3989789790.jpg

بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 07:00 Fدە ئوينىلىدىغان گۇرۇپپىنىڭ ئاخىرقى ئايلانمىسى

چوقۇم كۆرۈشكە تىگىشلىك مۇسابىقە : ياپونىيە بىلەن شىۋېتسىيە

مۇھىملىقى:

ئۈچ كوماندا تاللىنىش سانىدىن ئىككىنى تالىشىدۇ!  ياپونىيە يېڭىلمىسە دەرىجىسى ئۆسىدۇ، شىۋېتسىيە چوقۇم يەڭگەندە ئاندىن گۇرۇپپىدىن چىقالايدۇ. ئاسىيا تېخنىكا ئېقىمى vs شىمالىي ياۋروپا بەدەن ئېقىمى، بۇ مۇسابىقە  بۈگۈنكى تېخنىكا، تاكتىكا مىقدارى ئەڭ يۇقىرى بولغان بىر مەيدان ھايات-ماماتلىق جەڭ!

بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 07:00 Fدە ئوينىلىدىغان تۇنىس بىلەن گوللاندىيە جېڭى

54543543tuz1-43434324324拷贝.jpg

مۇھىملىقى:

گوللاندىيە مۇسابىقىدە يەڭسىلا گۇرۇپپىدا بىرىنچى بولىدۇ، لېكىن رەقىبى تۇنىس مۇددەتتىن بۇرۇن شاللىنىپ بولغان كوماندا، ياپونىيەنىڭ مۇسابىقىسىنى كۆرىۋېتىپ ،  مۇسابىقە ئارىلىقىدا نومۇرغا دىققەت قىلىشقا ماس كېلىدۇ گاكبونىڭ قىزغىن ھالىتىنى داۋاملاشتۇرالايدىغان-داۋاملاشتۇرالمايدىغانلىقىغا قاراش كېرەك.

ئەتە ئەتتىگەندە بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 10:00دا ئوينىلىدىغان D گۇرۇپپىنىڭ ئاخىرقى ئايلانمىسى

چوقۇم كۆرۈشكە تىگىشلىك مۇسابىقە : پاراگۋاي بىلەن  ئاۋسترالىيە جېڭى

6989789790.jpg

مۇھىملىقى:

ئامېرىكا 1-لىكنى مۇقىملاشتۇردى، بۇ مەيدان مۇسابىقە D گۇرۇپپىنىڭ 2 -لىكنى بېكىتىدۇ!  كىم يەڭسە شۇ دەرىجە ئۆستۈرىدۇ، جەنۇبىي ئامېرىكىدىن كەلگەن كوماندا بىلەن ئوكيانىيەنىڭ جەڭ كېمىسى  قاتتىق تۇتۇشۇش ئارقىلىق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىگە چۈشىدۇ.

ئەتە ئەتتىگەندە بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 10:00دا ئوينىلىدىغان D گۇرۇپپىنىڭ ئاخىرقى ئايلانمىسىدىكى  تۈركىيە بىلەن  ئامېرىكا جېڭى

5989789790.jpg

مۇھىملىقى:

ئامېرىكا مۇددەتتىن بۇرۇن گۇرۇپپىدىن چىقىپ بولدى +تۈركىيە مۇددەتتىن بۇرۇن دۇنيا لوڭقىسدىن شاللىنىپ كەتتى، ئىككى تەرەپنىڭ ئۇرۇش قىلىش ئويى يوق بولۇپ، ساپ مەشىق قىلىش تىپىدىكى جەڭ ،  ئويغانغاندىن كېيىن تەكرار كۆرسىڭىزمۇ بۇلىدۇ.

بۈگۈنكى مۇسابىقە كۆرۈش ئالدىنلىق دەرىجىسى ئومۇمىي تىزىملىكى


4:00 كۇراسو كوتېدىۋويرې ھايات-ماماتلىق جېڭى

07:00 ياپونىيە-شىۋېتسىيە ھايات-ماماتلىق جېڭى

10:00 پاراگۋاي ئاۋسترالىيەنىڭ تاللىنىش ھوقۇقى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى

سائەت 4:00 تە ئېكۋادور، گېرمانىيەنى تاللاپ كۆرسىڭىز بولىدۇ

07:00 تۇنىس گوللاندىيە گىرەلەشمە كۆرسىڭىز بولىدۇ

6:10:00 تۈركىيە ئامېرىكىدىن ۋاقتىنچە ھالقىپ ئۆتكىلى بولىدۇ


ئەلكۈيىنىڭ سىزگە تەكلىپى : ھەر بىر مەيدان مۇسابىقە ئەلكۈيىدە ئۇيغۇرچە بىۋاستە تارقىتىلىدۇ ، بىراق سىز ئامال بار كۇراسو vs كوتېدىۋويرې (سائەت 04:00 تە ئوينايدۇ) ، ئوتتۇرا مەيداندا ياپونىيە vs شىۋېتسىيە (سائەت 7:00دە ئوينايدۇ ) ئاخىرقى مەيداندا پاراگۋاي بىلەن ئاۋسترالىيەنىڭ جېڭىنى ئاساسىي مۇسابىقە قالغان ئۈچ مەيدان مۇسابىقىلەرنى قۇشۇمچە مۇسابىقە قىلىپ كۆرسىڭىز بولىدۇ

ئەيكۇيى ALKUYi نى قۇلۇپلاڭ، نادىر مۇسابىقىلەر قىزىپ قالمايدۇ!

tuopintدسھدسھanchu.png