«دۇنيا تەنتەربىيە گېزىتى»: ھازىرقى باسقۇچتا رونالدو تېخى مېسسى بىلەن تەڭ ئورۇندا تۇرالمايدۇ

2026-06-20
来源:

ئامېرىكا-كانادا-مېكسىكا دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ تۇنجى ئايلانما مۇسابىقىسىدە پورتۇگالىيە كوماندىسى 1:1 نەتىجىدە كونگو كوماندىسى بىلەن تەڭلىشىپ قالدى، 41 ياشلىق رونالدونىڭ پۈتۈن مەيدان مۇسابىقىدىكى ئىپادىسى ئادەتتىكىچە بولدى. ئىسپانىيە «دۇنيا تەنتەربىيە گېزىتى» باھا بېرىپ، رونالدو بىلەن پورتۇگالىيە كوماندىسىنىڭ بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدىكى تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسى كىشىنى ھاڭ-تاڭ قالدۇردى، ئۇ مېسسى بىلەن بولغان رىقابەتتە ئۇتتۇرۇپ قويدى، ھازىرقى باسقۇچتا رونالدو تېخى مېسسى بىلەن تەڭ ئورۇندا تۇرالمايدۇ، دەپ قارىدى.

ئەسلى تېكىستى تۆۋەندىكىچە:

پورتۇگالىيەنىڭ دۇنيا لوڭقىسىدىكى تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسى ئاياغلاشتى، پۈتۈن كوماندىنىڭ جەڭگىۋارلىقى تۆۋەن بولدى، بۇنىڭ ئىچىدە كۈرەش ئىرادىسى مەڭگۈ يوقالمىغان كىرىستىيانو رونالدو ئەڭ ئۈمىدسىزلەنگەن ئادەم ئىدى. پورتۇگالىيەلىك بۇ رىۋايەتلىك پۇتبول چولپىنى ئەزەلدىن سىرتقى ساھەدىكىلەرنىڭ غىدىقلىشىغا ئۇچراپ، ئۆزىنىڭ توپ كىرگۈزۈش ئارزۇسىنى ئۈزلۈكسىز پەيدا قىلىپ، غايەت زور «قارا نىيەت»ىنى كۆڭلىگە پۈكۈپ، بۇ قېتىمقى ھاياتىدىكى ئەڭ ئاخىرقى بىر نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك سەھنىسىدە يېڭى تارىخ يېزىشنى ئويلىغان ئىدى. ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك دېگەندەك، ئۇنىڭ ئۆمۈرلۈك رەقىبى مېسسى ئوخشاشلا ئۆزىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بىر نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنى كۈتۈۋالدى، بۇ مەيدان مۇسابىقىدىن بىر كۈن بۇرۇن، مېسسى ئارگېنتىناغا ۋاكالىتەن قالپاق ئويۇنى ئويناپ، مۇسابىقە باشلىنىشى بىلەنلا پۈتۈن دۇنيانى ھەيران قالدۇردى.

مۇشۇنداق ئارقا كۆرۈنۈش ئاستىدا، رونالدو مىسلى كۆرۈلمىگەن غەلىبە قىلىش ئارزۇسى بىلەن كونگو كوماندىسى بىلەن ئوينىلىدىغان مۇسابىقە مەيدانىغا قەدەم قويدى، لېكىن پۈتۈن مەيدان مۇسابىقە ئويلىغان يەردىن چىقمىدى. مۇسابىقە باشلىنىش باسقۇچىدا ئۇ تولۇپ تاشقان كۈرەش ئىرادىسى ئارقىلىق كوماندا كاپىتانى بولۇش سۈپىتى بىلەن سەپداشلىرىنىڭ جەڭگىۋارلىقىنى ئۈزلۈكسىز قوزغىدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا كۆپ قېتىم باش رېپىرغا بولغان نارازىلىقىنى بىلدۈردى. بۇ مەيدان بېرناردو سىلۋانىڭ خان مادرىدقا يۆتكەلگەندىن كېيىنكى تۇنجى مەيدان دۆلەت كوماندىسى مۇسابىقىسى بولۇپ، ئۇ بالدۇرلا سېرىق كارتا ئالدى.

سىرتتىكىلەر ئەسلىدە خانلىق مادرىدنىڭ بۇ يېڭى ئوتتۇرا مەيدان توپچىسىنىڭ رونالدو بىلەن ياخشى ماسلىشىشىنى ئۈمىد قىلغان بولسىمۇ، لېكىن ئىككىيلەننىڭ ھېچقانداق ئۈنۈمى بولمىغاچقا، سىلۋا يېرىم مەيدان مۇسابىقە ئويناپلا مەيداندىن چۈشۈپ ئارام ئالدى. ئالدىنقى يېرىم مەيداندىكى 45 مىنۇتتا، رونالدو پۈتۈن كۈچى بىلەن تىرىشقان بولسىمۇ قاپقىغا توپ كىرگۈزەلمىدى، شۇنداقلا ھېچقانداق ماھىيەتلىك تەھدىت پەيدا قىلالمىدى.

مۇسابىقىنىڭ 68 مىنۇتىغا كەلگەندە، پورتۇگالىيەنىڭ بۇ كوماندا كاپىتانى ئاندىن تۇنجى قېتىم تەھدىت پەيدا قىلغان توپنى قاپقىغا قارىتىپ تەپتى. 74 مىنۇت بولغاندا پورتۇگالىيە كوماندىسى پۈتۈن كۈچى بىلەن غەلىبىنى مۇقىملاشتۇرماقچى بولغاندا، ئۇ يەنىلا تۆھپە قوشالمىدى. بۇ قېتىمقى مۇسابىقىدىن كېيىن، رونالدونىڭ تۇنجى مەيدان مۇسابىقىدىكى ئىپادىسىنى مېسسى بىلەن سېلىشتۇرغىلى بولمايدۇ، كېيىنكىسى ئاللىقاچان 6-نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە ياخشى باشلىنىشنى قولغا كەلتۈردى، رونالدومۇ ئوخشاشلا 6-قېتىملىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنى كۈتۈۋالدى، لېكىن ئىككىيلەننىڭ ئىپادىسىدە پەرق زور بولدى.

كونگو بىلەن مۇسابىقىلەشكەندە، 41 ياش 132 كۈن بولغان رونالدو پېپېدىن ئېشىپ، پورتۇگالىيە كوماندىسى تارىخىدىكى دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىگە قاتناشقان يېشى ئەڭ چوڭ توپچى بولۇپ قالدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا ئۇ يەنە دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ تارىخىنى يېڭىلاپ، تارىختىكى ئاساسلىق ئەزا سۈپىتىدە مەيدانغا چىققان قاپقىچىدىن باشقا يېشى ئەڭ چوڭ توپچىغا ئايلاندى. مۇسابىقە مۇساپىسى ئۇزۇن، رونالدو يەنىلا يۇقىرى ئەمەلىي كۈچ ۋە تولۇق كۈرەش ئىرادىسىگە ئىگە بولۇپ، ئۇنىڭ بۇ نۆۋەتلىك دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە تارىخ يارىتىش پۇرسىتى بار. لېكىن تۇنجى مەيدان مۇسابىقىدە ئەسلىدە ئاسانلا يېڭىشكە تېگىشلىك كۈچ سىنىشىشتا، ئۇ كۆزگە كۆرۈنەرلىك جاۋاب بېرەلمىدى، ئەمما مېسسى قىلالىدى.