نېيمار بىرازلىيەنىڭ مۇسابىقىلىرىگە قاتنىشالماسلىقى مۇمكىن

2026-06-18
来源:


بىرازىلىيەدىكى نۇرغۇن تاراتقۇلارنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بىرازىلىيە پۇتبولچىلار بىرلەشمىسى بايانات ئېلان قىلىپ، نېيمارنىڭ كوماندا بىلەن فىلادېلفىيەگە بارمايدىغانلىقىنى، دىققىتىنى سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈشكە قارىتىدىغانلىقىنى، ھايتى بىلەن بولغان دۇنيا لوڭقىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ 2-نۆۋەتلىك مۇسابىقىسىگە قاتنىشالمايدىغانلىقىنى ئېيتقان.

[بىرازىلىيە پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ باياناتى]

نېيمار ۋەكىللەر ئۆمىكى بىلەن فىلادېلفىيەگە بارمايدۇ. ئۇ يېڭى جېرسېيدا قېلىپ، ئەسلىگە كېلىش جەريانىنى ئەلالاشتۇرۇشنىڭ ئەڭ ئاخىرقى باسقۇچىدا ھەم مېھمانساراي ۋە مەشىق مەركىزىنىڭ ئالدىنقى قاتاردىكى ئەسلىھەلىرىدىن پايدىلىنىپ داۋاملىق ئەسلىگە كەلتۈرۈش مەشىقى ئېلىپ بارىدۇ.