
FIFA ئورگان تەرەپ رېپىرلار ئورۇنلاشتۇرۇشىنى ئېلان قىلدى، دۆلىتىمىز رېپىرى ما نىڭ ئېكۋادور vs كۇراسونىڭ باش رېپىرى بولىدىكەن، جۇ فېي ياردەمچى رېپىرلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالىدىكەن، بۇ ما نىڭنىڭ تۇنجى قېتىم دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ باش رېپىرى. بۇ مۇسابىقە 6-ئاينىڭ 21-كۈنىبېيجىڭ ۋاقتى ئەتىگەن سائەت 8دە ئۆتكۈزۈلىدۇ.
ئېكۋادور vs كۇراسۇ رېپىرلىرىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى
باش رېپىر: ما نىڭ ( جۇڭگو )
ياردەمچى رېپىر: جۇ فېي ( جۇڭگو )، ماكالېخ ( قاتار )
تۆتىنچى ئەمەلدار: كاۋانا ۋو ( يېڭى زېلاندىيە )
كاندىدات ياردەمچى رېپىر: ترېۋېس ( يېڭى زېلاندىيە )
تارىختا دۆلىتىمىزنىڭ باش رېپىرى بۇنىڭدىن ئىلگىرى پەقەت لۇ جۈننىڭلا دۇنيا لوڭقىسى رەسمىي مۇسابىقىسىنى ئىجرا قىلىپ باققان، لۇ جۈن 2002-يىلى كورېيە-ياپونىيە دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە ئىككى مەيدان گۇرۇپپا مۇسابىقىسى (كرودىيە 1:0 مېكسىكا، پولشا 1:3 ئامېرىكا) مۇسابىقىسىنى ئىجرا قىلغان ھەمدە شۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىنىڭ تۇنجى قىزىل كارتىنى چىقارغان.
بۇ نۆۋەتلىك ئامېرىكا-كانادا-مېكسىكا دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى ما نىڭنىڭ 2-قېتىم دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىنىڭ رېپىرلار سېپىگە تاللىنىشى بولۇپ، ئۇ ئىلگىرى 2022-يىللىق قاتار دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە 6 قېتىم 4-ئەمەلدار بولغان، گۇرۇپپا مۇسابىقىسى ئاخىرلاشقاندىن كېيىن مۇسابىقە ئىجرا قىلىش ۋەزىپىسىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ ۋەتەنگە قايتقان.
دۆلىتىمىزدىكى ما نىڭ، فۇ مىڭ، جۇ فېيلار بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە ئاساسلىق رېپىر VAR رېپىرى ۋە ياردەمچى رېپىر سالاھىيىتى بىلەن دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسى رېپىرلىرى تىزىملىكىگە كىرگەن.
ما نىڭ 2022-يىللىق دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدە 4-ئەمەلدار بولغان 6 مەيدان مۇسابىقە ئايرىم - ئايرىم ھالدا ئامېرىكا 1-1 ۋېلش، ئىسپانىيە 7-0 كوستارىكا، فىرانسىيە 2-1 دانىيە، كامېرون 3-3 سېربىيە، گوللاندىيە 2-0 قاتار، كامېرون 1-0 بىرازىلىيە قاتارلىق مۇسابىقىلەردە خىزمەت قىلغان.