مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدۇ! رونالدو دۇنيا لوڭقىسىدا چوقۇم ئاساسلىق ئەزا بولىدۇ

ئەلكۈيى تەنتەربىيەسى
2026-06-13
来源:ئەلكۈيى تورى

پورتۇگالىيە تاراتقۇسى «رېكورت گېزىتى»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، پورتۇگالىيە كوماندىسىنىڭ مەشقاۋۇلى مارتىنېز كوماندىنىڭ دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدىكى ئاساسلىق ئەزا سەپ شەكلىنى ئاساسىي جەھەتتىن بېكىتكەن بولۇپ، رونالدو مۇنازىرە تەلەپ قىلمايدىغان ھالدا ئاساسلىق ئەزا بولىدىكەن.

پورتۇگالىيە كوماندىسىنىڭ دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدىكى تۇنجى مەيدان مۇسابىقىسى 6-ئاينىڭ 18-كۈنىبېيجىڭ ۋاقتى سەھەر سائەت 1:00دە كونگو كوماندىسى بىلەن ئوينىلىدۇ. ھازىر مارتىنېزنىڭ تېخى ئېنىق بولمىغان ئاساسلىق ئەزا ئورنى رۇبېن دىياس بىلەن بىللە چىقىدىغان بىر ئوتتۇرا بېك ۋە ئىككى يان ھۇجۇمچى ئىكەن.

بېكىتىلگەن سەپ شەكلىدە، قاپقىدا دىيوگو كوستا تۇرىدۇ، ئىككى يان بېك ئايرىم-ئايرىم ھالدا مېندېس ۋە كانسېلو، دالوت زاپاس بولىدۇ، ئۇ ئوڭ-سول ئىككى تەرەپنىڭ ھۆددىسىدىن چىقالايدۇ.

ئوتتۇرا بېك ئورنىدا رۇبېن دىياس بىر ئاساسلىق ئەزا ئورنىنى ئىگىلىگەن بولۇپ، ئۇنىڭ يېنىدا ئىناسىئو ياكى ۋېگا تۇرىدىكەن. ئىناسىئو يېتەرلىك مۇقىملىقنى نامايان قىلمىدى، سۈرئىتى تېخىمۇ تېز ۋېگا ئاساسلىق ئەزا سەپ شەكلىدە پەيدا بولۇشى مۇمكىن.

ئۇلارنىڭ سەپ شەكلىدىكى ئۈچ نەپەر ئوتتۇرا مەيدان توپچىسىنى بۈگۈنكى دۇنيادىكى ئەڭ مۇنەۋۋەر توپچىلار دېيىشكە بولىدۇ، جوئاۋ نېۋېس بىلەن ۋىتىنىيا كۇلۇبتىمۇ سەپداش بولۇپ، ئۇلار ئۇدا ئىككى يىل ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىنىڭ چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشكەن. بىرۇنو فېرناندېس بۇ مۇسابىقە پەسلىدىكى ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسىنىڭ يەككە مۇسابىقە پەسلىدىكى ياردەمچى پاس بېرىش رېكورتىنى بۇزۇپ تاشلىدى، شۇنداقلا ئوخشاشلا ياخشى ھالەتتە تۇرماقتا. سامۇ كوستا بىلەن رۇبېن نېۋېسمۇ تىرېنېرنىڭ تاللاشلىرىنىڭ ئىچىدە

ھۇجۇم سېپىدە رونالدو ئاساسلىق ئەزا بولىدۇ، گونزالو راموسنىڭ ئۇنىڭ زاپاس ئەزاسى بولۇشىدا گەپ يوق. شۇڭا يان تەرەپ نامزاتىدا ئېنىقسىزلىق مەۋجۇت، سول يان تەرەپ ھۇجۇمچى ئورنىدا نېتو مارتىنېزنىڭ تەلىپىگە تېخىمۇ ماس كېلىدىغاندەك قىلىدۇ، لېكىن فېلىكس بىلەن لېئاۋمۇ ھەر قايسىسى ئەۋزەللىككە ئىگە. ئوڭ تەرەپتىكى تېرىنكاڭ بىلەن كونسېسان يوشۇرۇن كۈچىنى نامايان قىلدى، لېكىن كونسېسان زاپاس ئەزا بولۇپ قېلىشى مۇمكىن. بېرناردو سىلۋا بىرۇنو فېرناندېسنىڭ زاپاس نامزاتى دەپ قارالغان. بۇ مەسىلىلەرگە مارتىنېز كەلگۈسى بىر نەچچە كۈنلۈك مەشىقتىن جاۋاب تېپىشى مۇمكىن.

پورتۇگالىيە كوماندىسى بىلەن چىلى كوماندىسى ۋە نىگېرىيە كوماندىسى ئوتتۇرىسىدىكى ئىككى مەيدان بەدەن قىزىتىش مۇسابىقىسىدە، مارتىنېز 26 نەپەر توپچىنىڭ ھەممىسىنى مەيدانغا چىقىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى. بۇنىڭ ئىچىدە بىرۇنو فېرناندېس، كانسېلو، رۇبېن دىياس، كونسېسان ۋە كىرىستىيانو رونالدونىڭ مەيدانغا چىقىش ۋاقتى 100 مىنۇتتىن ئاشتى، نۇنېز بىلەن مېندېسنىڭ مەيدانغا چىقىش ۋاقتى بىر قەدەر ئاز بولغان.