سېۋىملى يېڭى مەھسۇلات مۇراسىمى نەق مەيدان تولۇق فىلىم ئەلكۈيىدە直播回放ALKUYi

爱酷艺直播
2026-03-28
来源:ئەلكۈيى تورى

Sevimli新品发布会ALKUYi直播回放

سېۋىملى يېڭى مەھسۇلات ئېلان قىلىش مۇراسىمى ئەلكۈيى تورى نەق مەيدان تارقاتقان تولۇق فىلىم قايتىلانمىسى     

«يىپەك يولىنىڭ يېڭى مېلودىيەسى، چەكسىز گۈزەللىك سۋىملىدا »

Sevimliيېڭى مەھسۇلاتلىرىنى ئېلان قىلىش مۇراسىمى

ۋاقىت:2026-يىلى 3-ئاينىڭ 28-كۈنى   17:00

مۇراسىم ئۆتكۈزگۈچى ئورۇن: سېۋىملى ماركىسى شىركەت ئورگان تەرەپ

مۇراسىم مەسئۇلى : زۇلخۇمار جاۋدەت ، فائىزە ئەخمەتوف

مۇراسىم باش پىلانلىغۇچى/باش رېژىسسورى :مەمەتجان مۇھەممەدتۇرسۇن   (ئەلكۈيى   پۈتۈن تاراتقۇ مەركىزنىڭ مۇدىرى)

**سانلىق مەلۇمات**توردىكى نەق مەيداننى300 مىڭ+ئادەم قېتىم بىۋاسىتە كۆرسىتىشنى كۆردى، 2.5 سائەتلىك كاتتا مۇراسىم، 15+ نادىر سەنئەت نومۇرى، سەككىز سەنئەتكار، 200+ۋاكالەتچى سودىگەر ۋە ئالاھىدە تەكلىپلىك مېھمانلار ، چولپانلار ،كارخانىچىلار ۋە ۋاڭخۇڭلار مۇراسىمغا قاتناشتى.بىۋاستە تارقىتىشنى ۋاقتىدا كۆرەلمىگەن ياكى قايتا كۆرۈشنى ئارزۇ قىلىدىغان تورداشلار ئۈستىدىكى فىلىم ئارقىلىق قايتىلاپ كۆرسە بولىدۇ.

سەمىمىي ئەسكەرتىش:ئەلكۈيى شىركىتىنىڭ روخسىتىسىز فىلىمنى قالايمىقان ئۆزگەرتىپ تارقىتىشقا بولمايدۇ.

未标题apptik-3.png

ئەلكۈيى پۈتۈن تاراتقۇ مەركىزى تەۋسىيەسى: 2026-يىلى 3-ئاينىڭ 28-كۈنى چۈشتىن كىيىن «يىپەك يولىنىڭ يېڭى مېلودىيەسى، چەكسىز گۈزەللىك سېۋىملىدا» Sevimliيېڭى مەھسۇلاتلىرىنى ئېلان قىلىش مۇراسىمى ئۈرۈمچى شەھىرى جۈنباڭ ئالىي مېھمانسارىيىدا داغ-دۇغىلىق ھالدا ئۆتكۈزۈلدى.مۇراسىمنىڭ تولۇق جەريانىنى   ئەلكۈيى مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى ،ئەلكۈيى پۈتۈن تاراتقۇ مەركىزى نەق مەيداندىن سۈرەتكە ئېلىپ بىۋاستە تارقاتتى ، توردىكى   300 مىڭ+بىۋاسىتە كۆرسىتىشنى كۆرگەن ھەرقايسى تورداشلار يېڭىدىن بەرپا بولغان بۇ سېۋىملى ماركا كۈچىگە گۇۋاھ بولدى.

666未标题-1.jpg

بۇ قېتىمقى مۇراسىمنى شىنجاڭ ئەلكۈيى مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتىنىڭ قۇرغۇچىسى، ئەلكۈيى پۈتۈن تاراتقۇ مەركىزىنىڭ مەسئۇلى مەمەتجان مۇھەممەدتۇرسۇن   ئۆزى باش پىلانلىغۇچى، باش رېژىسسورلۇقنى ئۈستىگە ئالدى. ئىجادىي پىكىر يۈرگۈزۈشتىن نەق مەيداندا ئىجرا قىلىشقىچە، مەمەتجان ئەپەندىم مۇراسىم جەريانىغا پۈتۈن جەرياندا مەسئۇل بولۇپ، 300 مىڭ+بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئېقىم مىقدارى ۋە نەق مەيداندىكى 200 دىن ئارتۇق ئەزىز مېھماننىڭ پائالىيەتنىڭ ئومۇمىي جەريانىدىن تولۇق خەۋەردار بولىشىغا ،مۇراسىمنىڭ غەلبىلىك ئۆتكۈزىلىشىگە كاپالەتلىك قىلدى.بۇ، شىنجاڭنىڭ يەرلىك گىرىم بۇيۇملىرى ماركىسى بىلەن كەسپىي تاراتقۇ كۈچىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ.

p11未标题-2.jpg


吗未标题-1.jpg


094343未标题-3.jpg


09未标题-3.jpg

مەھسۇلات ئېلان قىلىش مۇراسىمىدا «يىپەك يولىنىڭ يېڭى تۈسى، گۈزەللىكنىڭ چېكى يوق»باش تېما قىلىنىپ، Sevimli ماركىسىنىڭ قۇرغۇچىسى زۇلخۇمار جاۋدەت (ئىنژېنېرلىق سالاھىيىتى بىلەن ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ، 13 يىللىق مائارىپ كەسپى جۇغلانمىسىغا ئېگە )بىلەن فائىزە ئەخمتوف(رۇسىيەدە 16 يىل ئوقۇغان،روسىيەدە ئايروخانقىزلىق كەسپىنى پۈتتۈرگەن   تاشقى سودا ساھەسىدە خىزمەت قىلغان) قول تۇتۇشۇپ ئوتتۇرىغا چىقتى. شىنجاڭلىق ئىككى ئايالنىڭ ئىگىلىك تىكلەش ھېكايىسى ئەلكۈيى شىركىتى.ئەلكۈيى پۈتۈن تاراتقۇ مەركىزىنىڭ   كەسپىي كامېرا تىلى ئارقىلىق نامايان قىلىنىپ، كۈچلۈك ئورتاق سادا قوزغىدى.

مۇراسىمغا رايونىمىزدا ئەمەلىي كۈچى بار سەنئەتكار يىغىلدى، داڭلىق ناخشىچى ،ئىجادىيەتچى تاشمۇھەممەد باتۇر ، مۇقام مەلىكىسى ، داڭلىق ناخشىچى گۆھەر ھوشۇر،تالانتلىق ياش ناخشىچىلاردىن    ئابدۇخالىق تۇرغۇن ،ئېليار مۇھەممەد،ئالىم ئابلەت ،ئۇسۇلچى نۇرجامال ئەسقەر قاتارلىقلار 15 تىن ئارتۇق ناخشا-ئۇسۇل، نەق مەيدان ناخشىلىرىنى ئورۇنلاپ، كسېۋىملى يېڭى مەھسۇلات   ئېلان قىلىش مۇراسىمىنىڭ دەرىجىسىنى ئۈن-سىن كاتتا زىياپىتىگە ئۆستۈردى. .يېڭى مەھسۇلات   ئېلان قىلىش يىغىنى نەق مەيدانىدا پىسخىكا يىتەكچىسى مەمەتئەلى مۇئەللىم بىلەن سېۋىملى شىركىتىنىڭ ھەمكارلىق ئورنىتىش ،پىسخىكىلىق يىتەكلەش ۋە كارخانا مەسلىھەتچىلىك توختامى ئىمزالاندى.ئەلكۈيى پۈتۈن تاراتقۇ مەركىزى پۈتۈن جەرياندا سەھنىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، چىراغ، ئاۋاز ھەم كۆپلىگەن سۈرەتكە ئېلىش ئۈسكۈنىسىدە نەق مەيداندىن سۈرەتكە ئېلىپ بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئېلىپ باردى.

未标题alkuyi-2.jpg

مۇراسىمدا ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن 50دىن   دىن ئارتۇق ۋاكالەتچى سودىگەرلەر ،دورىخانا مەسئۇللىرى ھەمدە   ئالاھىدە تەكلىپ قىلىنغان كارخانىچىلار، ۋاڭخۇڭ دارېنلار   نەق مەيداندا پىكىر ئالماشتۇردى.دورىخانا بىلەن ئىستراتېگىيەلىك كېلىشىمى ئىمزالاش،داشۆ ئوقۇغۇچىلىرىنىڭ ئىگىلىك تىكلەش پىلانىنى باشلاش، مىننەتدارلىق بىلدۈرۈش ،ۋاكالەتچىلەر بىلەن توختام ئىمزالاش قاتارلىق ئاچقۇچلۇق ھالقىلار غەلبىلىك   تاماملاندى.

WechatIMG2420.jpg

ئاخىرىدا بىز ئەلكۈيى پۈتۈن تاراتقۇ مەركىزىگە ۋاكالىتەن، بۇ قېتىمقى مۇراسىم ئارقىلىق بارلىققا كەلگەن سېۋىملى مەھسۇلاتلىرىنى مۇبارەكلەيمىز ، سېۋىملىنىڭ بۇنىڭدىن كىيىنكى يوللىرى تېخىمۇ داغ-دۇغا بىلەن داۋام قىلسۇن ! ئەلكۈيى شىركىتى قەرەللىك ھالدا بۇ ماركىنىڭ بۇنىڭدىن كىيىنكى يېڭىلىقلىرىغا ھەمدەم بولىدۇ .بۇ قېتىملىق مۇراسىمنى قايتا كۆرگۈسى بار تورداشلار ئۈچۈن مۇراسىمنىڭ تولۇق جەريانى ئەلكۈيى كىنو ئەپ دىتالى ، ئەلكۈيى بىۋاستە تارقىتىش قانىلى ۋە ئەلكۈيىگە تەۋە بارلىق تاراتقۇلاردا ئېلان قىلىندى .

084343未标题-2.jpg


خېرىدارلارنىڭ باھاسى**

543534未标题-3.jpg

مۇراسىمدىن كىيىن ،Sevimliماركا تەرەپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى:«ئەلكۈيى كوللېكتىپى شىنجاڭدىكى ئالىي دەرىجىلىك مەدەنىيەت تارقىتىش شىركەتلىرىنىڭ كەسپىي ساپاسىنى نامايان قىلىپ،ئوزۇن يىللىق خىزمەت تەجرىبىسى ۋە ئالاھىدىلىكىگە تايىنىپ، مۇراسىمنى   پىلانلاشتىن ئىجرا قىلىشقىچە، بىۋاسىتە كۆرسىتىشتىن كېيىنكى مەزگىلگىچە، بىزنىڭ < ساغلام، ئىشەنچلىك > سۈپەتلىك ماركا ئىدىيەمىزنى مۇكەممەل نامايان قىلىپ، كېڭەيتىش نىشانىنى ئەمەلگە ئاشۇردى».


mgmgg未标题-2.jpg

ئەلكۈيى پۈتۈن تاراتقۇ مەركىزىنىڭ مۇدىرى،ئەلكۈيىنىڭ قۇرغۇچىسى مەمەتجان ئەپەندىم مۇنداق بىلدۈردى:«بۇ خىلدىكى پائالىيەتلەردىن ئەلكۈيى شىركىتى يېقىنقى 10 نەچچە يىل داۋامىدا 300 مەيداندىن كۆپ پائالىيەتنى تەشكىللىدى، بۇ قېتىمقى پائالىيەت يېڭى مەھسۇلات ئېلان قىلىشنىڭ   يەنە بىر ئۈلگىلىك مىسالى. بىز داۋاملىق كەسپىي پىلانلاش ئىقتىدارى+پۈتۈن تاراتقۇ تېخنىكىسى ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ تېخىمۇ كۆپ سۈپەتلىك ماركىلىرىنىڭ ھەممەيلەنگە   يۈزلىنىشىگە كۈچ قوشىمىز».

ھۆرمەتلىك كۆرۈرمەن ، ناۋادا سىزنىڭمۇ مۇشۇنداق مۇراسىم ياكى يېڭى پائالىيەتلىرىڭىز بولسا پىلانلاشتىن ئىجرا قىلىشقىچە، بىۋاسىتە كۆرسىتىشتىن قايتا قويۇشقىچە، ئەلكۈيى شىركىتى سىزگە   پۈتۈن ھاياتلىق دەۋرىيلىكى مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەيدۇ.بىز كىيىنكى يېڭى مەزمۇنلاردا كۆرىشەيلى !


biz未标题-1.jpg

**ئەلكۈيى شىركىتى ۋە ئەلكۈيى پۈتۈن تاراتقۇ مەركىزى ھەققىدە   **

شىنجاڭ ئەلكۈيى مەدەنىيەت تارقىتىش چەكلىك شىركىتى،دۆلىتىمىزنىڭ رادىيو-تېلېۋىزىيە پىروگراممىلىرىنى ئىشلەش ئىجازەتنامىسى، ICP ئىجازەتنامىسى، تور مەدەنىيەت مەزمۇنىنى تەكشۈرۈش سالاھىيىتى،توردا مەدەنىيەت تارقىتىش تىجارىتى قىلىش   ئ‍ىجازىتى قاتارلىق 12 تۈرلۈك كەسپىي سالاھىيەتكە ئىگە مەدەنىيەت تارقىتىش شىركىتى بولۇپ،23 يىللىق كەسپىي تارىخقا ئېگە. مەزمۇن پىلانلاش، كىنو-تېلېۋىزىيە فىلىملىرىنى ئىشلەش، پۈتۈن تاراتقۇدا بىۋاسىتە تارقىتىش، سەنئەتكارلار ۋاسىتىچىلىكى،ئۈن-سىن تىجارىتى ، تور تاراتقۇسى قاتارلىق تۈرلۈك مۇلازىمەتلەر   بىر گەۋدىلەشكەن ئۇنىۋېرسال تاراتقۇ شىركىتى.