مەركەز ئالاقە تور-ئۇچۇر ئىشخانىسىنىڭ توردىكى داڭلىق كىشىلەرنىڭ ھەرىكىتىنى باشقۇرۇشنى قېلىپلاشتۇرۇش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇشى
来源:“网信中国”微信公众号ئەلكۈيى پۈتۈن تاراتقۇ مەركىزى تەرجىمىسى
ھەرقايسى ئۆلكىلىك، ئاپتونوم رايونلۇق، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتلىرى تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى ئىشخانىلىرى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش-قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى پارتىيە كومىتېتى تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش كومىتېتى ئىشخانىلىرى:
توردىكى داڭلىق شەخسلەر ھېسابات نومۇرىنىڭ مەستانىلىرىنىڭ سانى كۆپ، جەمئىيەتنىڭ كۆڭۈل بۆلۈش دەرىجىسى يۇقىرى بولۇپ، ئالاقە تورىدا بىرقەدەر كۈچلۈك تەسىر كۈچى ۋە ئۈلگە كۆرسىتىش ئۈنۈمىگە ئىگە. توردىكى داڭلىق شەخسلەر ھېسابات نومۇرىنى دائىملىق باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئۇلارنى تور ھەرىكىتىنى ئاڭلىق قېلىپلاشتۇرۇشقا يېتەكلەپ، نامۇۋاپىق تور سۆز-ھەرىكىتىنىڭ سەلبىي تەسىر پەيدا قىلىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، ئىشخانىمىز توردىكى داڭلىق شەخسلەر ھېسابات نومۇرى ھەرىكىتى پاسسىپ تىزىملىكىنى تۈزۈپ، ھەرىكەت چېگراسى توغرىسىدا ئېنىق بەلگىلىمە چىقاردى. ھەرقايسى تور بېكەت سۇپىلىرى قانۇن-نىزام تەلەپلىرىنى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈشى كېرەك،ھەمدە «تور ئۇچۇر مەزمۇنى ئېكولوگىيەسىنى تۈزەش بەلگىلىمىسى»«ئالاقە تورى ئابۇنىچىلىرىنىڭ ھېسابات نومۇرى ئۇچۇرىنى باشقۇرۇش بەلگىلىمىسى»«< ئۆز تاراتقۇ > لارنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش»قاتارلىق ئالاقىدار بەلگىلىمىلەر سەلبىي تىزىملىككە سېلىشتۇرۇپ، سۇبيېكىت مەسئۇلىيىتىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، توردىكى داڭلىق شەخسلەرنىڭ ھېسابات نومۇرىنى باشقۇرۇشقا چېتىلىدىغان سۇپا قائىدىسى، ئابۇنىچىلار كېلىشىمىنى يەنىمۇ تاكامۇللاشتۇرۇپ، توردىكى داڭلىق شەخسلەرنىڭ ھېسابات نومۇرىغا قارىتا ئۇچۇر ئېلان قىلىش، بىۋاسىتە كۆرسىتىشتە ھەمتۈرتكە بولۇش، تېما تەسىس قىلىش قاتارلىق ھەرىكەتلەرنى باشقۇرۇشنى قانۇن بويىچە، كېلىشىم بويىچە كۈچەيتىپ، توردىكى داڭلىق شەخسلەرنىڭ ھېسابات نومۇرى تىجارەتچىلىرىنى تەسىر كۈچىدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىشقا يېتەكلەپ، توردىكى سۆز-ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇش كېرەك.
ھەرقايسى جايلاردىكى تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش تارماقلىرى تەۋەلىك بويىچە باشقۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، يېتەكچىلىك قىلىش، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ،ئالاقىدار تور بېكەت سۇپىلىرىنىڭ توردىكى داڭلىق شەخسلەرنىڭ ھېسابات نومۇرى ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ باشقۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىش كېرەك.
قوشۇمچە ھۆججەت:توردىكى داڭلىق شەخسلەرنىڭ ھېسابات نومۇرى ھەرىكىتى پاسسىپ تىزىملىكى
مەركىزىي كومىتېت تور ئۇچۇر ئىشخانىسى كاتىبات ئىدارىسى

توردىكى داڭلىق شەخسلەرنىڭ ھېسابات نومۇرى قىلمىشى پاسسىپ تىزىملىكى
(1) چاكىنا مەزمۇنلارنى تارقىتىش. تىل-يېزىقنى قەستەن قېلىپلاشتۇرماي ئىشلىتىش، قارا گەپ، قاملاشمىغان گەپ-سۆزلەرنى ئويدۇرۇپ چىقىرىش، سېسىق گەپ-سۆز، قوپال ئىپادىلەشنى ئىشلىتىش، چەكتىن ئاشۇرۇۋېتىش، مەخپىي سۆز ئىشلىتىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق يۇمشاق شەھۋانىيلىق، جىنسىي شەپە قاتارلىق چاكىنا، تەخسىكەش مەزمۇنلارنى تارقىتىش.
(2) ناچار قىممەت يۆنىلىشىنى تەرغىب قىلىش. سۆز سىستېمىسىنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، «ئوڭدا يېتىپ ئۆز مەيلىگە قويۇۋېتىش»«چۈشكۈنلىشىپ دۇنيادىن بىزار بولۇش»«بايلىقىنى كۆز-كۆز قىلىش، پۇلغا چوقۇنۇش»قاتارلىق سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىغا خىلاپ ناچار ئىدىيەلەرنى تەرغىب قىلىپ، چېكىدىن ئاشقان ئاشۇرۇۋېتىش كەيپىياتىنى تەرغىب قىلىپ، ئاساسىي ئېقىم قىممىتى توغرىسىدا مەسخىرە قىلىپ، تەشۋىش پەيدا قىلىش، ئېلىپ سېتىش.
(3) سەتچىلىكى بار ناچار ئوبراز يارىتىش. كۆپتۈرمىچىلىك قىلىدىغان، ساراڭ بولۇۋالىدىغان، سەتچىلىكنى گۈزەل بىلىدىغان، ئۆزىنى قەستەن «چۆشۈرۈش» قاتارلىق ئاممىۋى تەرتىپ ۋە ياخشى ئۆرپ-ئادەتلەرگە خىلاپ ئوبراز يارىتىپ، «ئىلگىرىكى جىنايەت خاتىرىسى بار خادىملار»، «قارا جەمئىيەت ئادەملىرى»قاتارلىق سالاھىيەتلەرنى يامان غەرەزدە سېتىپ، ئاممىنىڭ تونۇش تۆۋەن چېكىگە جەڭ ئېلان قىلىش.
(4) ئەمەلىيەتكە ئۇيغۇن بولمىغان ئۇچۇر تارقىتىش. يالغان كەچۈرمىشنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، سالاھىيەتنى تەقلىد قىلىپ، ساختا پەننى ئومۇملاشتۇرۇش، ساختا تارىخشۇناسلىق قاتارلىق ساختا بىلىملەرنى تارقىتىپ، مەھسۇلات، مۇلازىمەت ئۈنۈمىنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ كۆپتۈرۈپ، بەلگە قويماي، ۋەقەلىكنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، ئورۇنلاشتۇرۇپ سۈرەتكە ئېلىپ، يېشىپ چۈشەندۈرۈپ، كۆز بويامچىلىق قىلىش.
(5) سىياسەت ۋە ئاممىۋى ۋەقەلەرنى بۇرمىلاپ چۈشەندۈرۈش.ئۇ يەر-بۇ يەردىن نەقىل كەلتۈرۈپ، دۆلەتنىڭ مۇھىم سىياسەت-فاڭجېنلىرى ۋە سىياسەت-نىزاملىرىنى قارىمۇقارشى چۈشەندۈرۈپ، دەلىللەنمىگەن ئۇچۇرلارنى تارقىتىپ، ئاممىۋى ۋەقەلەرنىڭ سەۋەبى، تەپسىلاتى، ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى قۇراشتۇرۇپ، كېسىپ تەھرىرلەپ ۋە بۇرمىلاپ، ئاتالمىش خەلق رايىنى بېلەت تاشلاپ تەكشۈرۈش قاتارلىقلارنى قوزغاپ، ئاممىنىڭ تونۇشىنى تىزگىنلەپ ياكى خاتا يېتەكلەپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ ئاممىۋى ئىشەنچلىكلىكىگە زىيان يەتكۈزگەنلەر.
(6) كىشىلەرنى قارشىلىشىشقا قۇترىتىش. رايون، مىللەت، جىنس، كەسىپ قاتارلىق ئۇچۇرلارغا نامۇۋاپىق باغلىنىشلىق پەيدا قىلىپ، جەمئىيەتتىكى قىزىق نۇقتا ۋەقەلىرىنى بەلگىلەشتۈرۈپ، نامىغا داغ تەگكۈزۈپ كۆپتۈرۈپ، تور ئەھلىنى بىر-بىرىنى ئېچىپ تاشلاش، تىللاش، تارتىپ چىقىرىش، توردا دەسسەشكە قۇترىتىپ ئۇرۇشقا يېتەكلەپ، جەمئىيەتتە زىددىيەت قارشىلىقى پەيدا قىلغانلار.
(7) قىياسان كىشىلەرنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى ئېچىپ ئاشكارىلاش.توردا باشقىلارنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، سۈرىتى، كىملىك نومۇرى، يۈرۈش-تۇرۇشى، تۇرۇشلۇق جايى قاتارلىق شەخسىي سىر ئۇچۇرلىرىنى ئېلان قىلىش ياكى تارقىتىش ياكى تور ئەھلىنى كەمسىتىش، ھاقارەتلەش، تىللاش، پىتنە-ئىغۋا توقۇپ تۆھمەت قىلىش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ ۋە ناچار ئۇچۇرلارنى ئېلان قىلىشقا تەشكىللەپ، قۇترىتىپ، تور زوراۋانلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىش.
(8)مۇنازىرە ئۇرۇشۇشى پەيدا قىلىش . شەخسىي تالاش-تارتىش ۋە مەنپەئەت توقۇنۇشى قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن، توردا بەس-مۇنازىرە قىلىش، تىللاش، تور سىرتىدا ئۇرۇشۇشنى پىلانلاپ ياكى تەشكىللەپ، رىقابەتچىسىگە ھۇجۇم قىلىپ، توردا ئۆكتەملىك كەيپىياتى پەيدا قىلىش، ئاممىۋى بايلىقنى ئىگىلىۋېلىش.
(9) سەلبىي يىپ ئۇچى توپلاش. «ۋاكالىتەن ھوقۇقنى قوغداشنى پاش قىلىش»قاتارلىق ناملار بىلەن،يەرلىك، كارخانا، ئورۇن، باشقىلارغا چېتىلىدىغان سەلبىي ئۇچۇر ياكى سودا مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارا توپلاپ، قارا چاپلاپ ھۇجۇم قىلىش، قاقتى-سوقتى قىلىشقا ئىشلىتىدۇ.
(10) مەستانىلەرنى توپلىنىشقا چاقىرىق قىلىش. تور ئەھلىنى ئېچىلمىغان رايون، قاتناش مۇھىم يولى قاتارلىق بىخەتەرلىك يوشۇرۇن خەۋپى ساقلانغان سورۇنلارغا داكا قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، مەستانىلەرنى جەمئىيەتتىكى قىزىق نۇقتا ۋەقەلىرىگە مۇناسىۋەتلىك رايون، ئورۇنلارغا بېرىشقا يېتەكلەپ، ئاممىۋى تەرتىپكە كاشىلا قىلىپ، باشقىلارنىڭ نورمال تۇرمۇشىغا تەسىر يەتكۈزۈش.
(11) مەنپەئەت تەھدىتى سېلىش. «ۋاڭخۇڭ سالاھىيىتىگە تايىنىپ، توردا باشقىلارنى ئاشكارىلاش ئارقىلىق تەھدىت سېلىپ، ئالاھىدە مۇلازىمەت قىلىش، «ئېتىبار بېرىش، تالوننى كەچۈرۈم قىلىش»قاتارلىق ئېتىبارلارنى بېرىشنى تەلەپ قىلىش،ياكى ئاممىۋى سورۇنلاردا جەمئىيەت تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرۇش قاتارلىق قىلمىشلارنى سادىر قىلىدۇ.
(12) سالاھىيىتى يوق تىجارەتنى قانات يايدۇرۇش. ئىجازەت ئالماي ياكى مۇناسىپ سالاھىيەتكە ئېرىشمەي تۇرۇپ، ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن پاي چېكى تەۋسىيە قىلىپ مەبلەغ سېلىش، داۋالاش، دورا سېتىش، كەسپىي ۋاسىتىچىلىك، ئاخبارات زىيارىتى، تەجرىبە سۆزلەش، دىن تارقىتىش قاتارلىق ئالاھىدە سالاھىيەتكە ئېھتىياجلىق پائالىيەتلەر، شۇنىڭدەك قانۇن-نىزاملاردا مەنئى قىلىنغان باشقا پائالىيەتلەر بىلەن شۇغۇللىنىش.
(13) قارا، كۈل رەڭ كەسىپلەر بىلەن يوشۇرۇن شۇغۇللىنىش. مەشغۇلات قىلغاندا سەپ ھېسابات نومۇرىدىن پايدىلىنىپ، تور ئەھلىنى توپ، گۇرۇپپا قاتارلىق ھالقىلارغا يېتەكلەپ، ئەسەبىي سۆزلەرنى ئېلان قىلىش ياكى قىمار، ئالدامچىلىق، سۇ لەشكەرلىرى(توردا سەلبى قۇشۇنلىرى)، شاخلىتىپ سېتىش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلار بىلەن شۇغۇللىنىش.
各省、自治区、直辖市党委网信办,新疆生产建设兵团党委网信办:
网络名人账号粉丝数量大、社会关注度高,在互联网上有较强影响力和示范效应。为加强网络名人账号常态化管理,引导其自觉规范网上行为,防范不当网络言行造成负面影响,我办制定了网络名人账号行为负面清单,对行为边界作出明确规定。
各网站平台要认真落实法律法规要求,以及《网络信息内容生态治理规定》《互联网用户账号信息管理规定》《关于加强“自媒体”管理的通知》等相关规定,对照负面清单,严格落实主体责任,进一步健全涉及网络名人账号管理的社区规则、用户协议,依法依约加强对网络名人账号发布信息、直播互动、开设话题等行为管理,引导网络名人账号运营者合理使用影响力,规范网上言行。各地网信部门要履行属地管理责任,强化指导监管,督促相关网站平台做好网络名人账号行为规范管理工作。
附件:网络名人账号行为负面清单
中央网信办秘书局
2025年12月25日
网络名人账号行为负面清单
(一)传播低俗内容。故意不规范使用语言文字,编造黑话烂梗,使用污言秽语、粗鄙表达,以打擦边球、使用暗语等方式传播软色情、性暗示等低俗媚俗内容。
(二)宣扬不良价值导向。编造话语体系,宣扬“躺平摆烂”“颓废厌世”“炫富拜金”等违背社会主义核心价值观的不良思想,鼓吹极端偏激情绪,调侃戏谑主流价值,制造贩卖焦虑。
(三)打造审丑不良人设。打造恶搞浮夸、装疯卖傻、以丑为美、自我矮化等违背公序良俗的人设,恶意营销“前科人员”“黑社会”等身份,挑战公众认知底线。
(四)传播不实信息。杜撰经历、仿冒身份,传播伪科普、伪史学等伪知识,虚构夸大产品、服务效果,未作标注编造剧情、摆拍演绎,混淆视听。
(五)歪曲解读政策和公共事件。断章取义、对立解读国家大政方针和政策法规,传播未经证实的信息,拼凑剪辑歪曲公共事件原因、细节、进展,发起所谓民意投票调查等,操纵或误导公众认知,损害党和政府公信力。
(六)鼓动群体对立。不当关联地域、民族、性别、职业等信息,标签化、污名化炒作社会热点事件,挑动网民互撕谩骂、拉踩引战,制造社会矛盾对立。
(七)随意开盒挂人。在网上发布或传播他人姓名、照片、身份证号、行踪轨迹、住所等隐私信息,或组织煽动网民发布贬低歧视、侮辱谩骂、造谣诽谤等违法和不良信息,引发网络暴力。
(八)组织约架论战。因个人争端和利益冲突等原因,策划或组织网上论战骂战、线下约架,攻击竞争对手,挑起网络戾气,占用公共资源。
(九)征集负面线索。以“代理维权举报”等名义,公开征集涉地方、企业、单位、他人负面信息或商业秘密,用于抹黑攻击、敲诈勒索。
(十)号召粉丝聚集。鼓励网民打卡未开发区域、交通要道等存在安全隐患的场所,诱导粉丝前往与社会热点事件相关的区域地点,干扰公共秩序,影响他人正常生活。
(十一)实施利益要挟。凭借“网红”身份,以在网上曝光他人为要挟,要求给予特殊服务、“优惠免单”等优待,或在公共场合实施扰乱社会秩序等行为。
(十二)开展无资质运营。未经许可或未取得相应资质,擅自从事荐股投资、医疗售药、职业中介、新闻采访、讲经传教等需要特定资质的活动,以及其他法律法规禁止的活动。
(十三)隐蔽从事黑灰产。操作利用矩阵账号,将网民引流到群组等环节,发布极端言论,或从事赌博、诈骗、水军、传销等违法犯罪行为。
来源:“网信中国”微信公众号
翻译:爱酷艺ALKUYi
