رونالدونىڭ تەسىر كۈچى پۇتبولدىن ھالقىغان، ھېچكىم ئۇنىڭغا تەڭ كېلەلمەيدۇ

爱酷艺体育
2025-12-21
来源:zhibo8

يېقىندا رونالدو ئالاقە تورىغا بىر پارچە مۇسكۇللۇق سۈرىتىنى يوللىغان بولۇپ، پۈتۈن تورغا ناھايىتى تېزلا قىزىق نۇقتىغا ئايلانغان. «ئاس گېزىتى» مۇشۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، رونالدونىڭ ماركا تەسىر كۈچى ۋە سودا قىممىتىنى تەھلىل قىلغان.

رونالدونىڭ بۇ سۈرىتى 10 سائەت ئىچىدىلا 13 مىليوندىن ئارتۇق يۈرەككە، 300 مىڭ ئىنكاس ۋە 1 مىليونغا يېقىن ھەمبەھرلەشكە ئېرىشكەن. ئالاقە تورىدىكى دۇنيادىكى ئەڭ كۆپ ئەگەشكۈچى شەخس بولۇش سۈپىتى بىلەن، رونالدونىڭ ئالاقە تورىدا 669 مىليون مەستانىسى بار بولۇپ، 506 مىليون مەستانىسى بار مېسسىنىڭ، 418 مىليون مەستانىسى بار سېلىنا گومەزنىڭ، 393 مىليون مەستانىسى بار دىۋايىن جونسوننىڭ ئالدىدا تۇرىدۇ.

رونالدونىڭ بۇ يىل ئەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن مەزمۇنى 11-ئاينىڭ 19-كۈنى ئاقسارايدا ئامېرىكا زۇڭتۇڭى تىرامپ بىلەن چۈشكەن سۈرىتى بولۇپ، 30 مىليونغا يېقىن يۈرەك، 437 مىڭ قېتىم ئىنكاس ۋە 1 مىليون 900 مىڭ ھەمبەھرىلەشكە ئېرىشكەن. Absolort Sport تەنتەربىيە ئورگىنىنىڭ باش نازارەتچىسى تەھلىل قىلىپ مۇنداق دېگەن: «CR7نىڭ تەسىر كۈچى پۇتبولدىن ئېشىپ، ئۇنى زور قىممەتكە ئىگە يەر شارىۋى ماركا ئورنى قىلىپ تىكلىدى. رونالدونىڭ توپ مەيدانىدىكى ئىپادىسى، ئالاقە تورىدىكى ھۆكۈمرانلىق ئورنى ۋە پايدىسى مول بولغان ئېلان توختامىنىڭ بىرلىشىشى ئۇنىڭ دۇنيادىكى ئەڭ قىممىتى ۋە تەسىر كۈچى ئەڭ زور تەنھەرىكەتچى بولۇش ئورنىنى مۇستەھكەملىدى. ئۇ قانداق قىلىپ ئالدىنقى قاتاردىكى تەنھەرىكەتچىلەرنىڭ ھەقىقىي سودا چولپىنىغا ئايلىنىپ، توپچىلارنىڭ مائاشىدىن خېلىلا يۇقىرى كىرىم يارىتالايدىغانلىقىنى كۆرسىتىپ بەرگەن ھەقىقىي مىسال.»

بىرازىلىيە Roc Nation Sports شىركىتىنىڭ تىجارەت باش نازارەتچىسى مۇنداق دېگەن: «رونالدو توپ مەيدانىدا يەنىلا تەسىر كۈچىنى ساقلاپ كېلىۋاتىدۇ، لېكىن ئۇنىڭ رىۋايەتلىك ئورنى تېخىمۇ مۇھىم. ئۆتكەن ئون يىلدا باشقا ساھەلەردە پەيدا قىلغان ئۆزگىرىشى مۇستەھكەملەندى. ئۇ دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى ياشلارنىڭ تەنھەرىكەتچىگە ئايلىنىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتتى، دېمەك، ئۇ ئەمدى نۇرغۇن شەخسىي ماركىلارنىڭ بىرى ئەمەس، بەلكى ماركىنىڭ ئۆزىگە ئايلاندى، شۇنداقلا توپچىلار ئىچىدىكى بىردىنبىر ئۆلچەم بولۇپ قالدى. رونالدونىڭ توپ مەيدانى سىرتىدىكى تەسىر كۈچى خۇددى پېلىنىڭ توپ مەيدانىدىكى تەسىر كۈچىگە ئوخشايدۇ. ئۇ سېلىشتۇرۇش توغرىسىدىكى بارلىق مۇنازىرىلەرنى ئاخىرلاشتۇردى.»

ESPM تەنتەربىيە ماركېتىڭ پىروفېسسورى چۈشەندۈرۈپ مۇنداق دېگەن: «رونالدو كىشىنىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان رېكورتلار ئارقىلىق بەرپا قىلغان تەسىر كۈچىگە تايىنىپ، توپ مەيدانى ۋە سودا ساھەسىدىن ھالقىپ، دۇنيادىكى ھەرقايسى ساھەلەرگە چېتىلدى. ئۇ كىشىلەرنى ئىلھاملاندۇرىدىغان، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىنى بەرپا قىلىدىغان ھەمدە كەڭ تەسىر كۈچىگە ئىگە دۇنياۋى ماركىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدۇ.»