«بەخت سىزگە كۈلگەندە» ناملىق فىلىم ئەلكۈيى كىنو قانىلىدا تارقىتىلدى

爱酷艺app
2025-12-19
来源:ئەلكۈيى كىنوخانىسى

ئەلكۈيى كىنو ئەپ دىتالى تەۋسىيەسى:ئىنسان تەبىئىتىنىڭ ماھىيىتىنى ئۆزىگە خاس ئۇسلۇب بىلەن نامايەن قىلغان فىلىم «بەخت سىزگە كۈلگەندە»

ئاچكۆزلۈك ۋە نەپسانىيەتچىلىك بىر قىسىم ئىنسان روھىنى چىرماپ ئالغان، ياخشىلىق ۋە يامانلىق ئۆز قىممىتىنى يوقاتقان بۈگۈنكى كۈندە بەخىت سىزگە كۈلگەندە ناملىق تور تىياتىرى ئۆزىگە خاس ئۇسلۇب بىلەن ئۆز قىممىتىنى نامايان قىلدى.

WechatIMG48.jpg

فىلىمدىكى باش پېرسوناژ دىليار دادىسىنىڭ ئىگىلىكىگە ۋارىسلىق قىلىپ مەلۇم بىر ئىچىملىك شىركىتىنى باشقۇرۇش جەريانىدا سودىدىكى رىقابەت ۋە باشقا سەۋەبلەر تۈپەيلى شىركىتىدە ئېغىر زىيان كۆرۈلىدۇ. دىليار شىركەتنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن تۈرلۈك ئاماللارنى قىلىپ باقسىمۇ ، ئەمما شىركەتنى ساقالپ قېلىشقا ئىمكانىيىتى يار بەرمەيدۇ. دىليار كۆپ ئويلىنىش ئارقىلىق

ئاخىرى ئۆينى سېتىۋېتىپ شىركەتنى ساقلاپ قالماقچى بولىدۇ. لېكىن ئايالىنىڭ قارشىلىقىغا ئۇچراپ ئۆينى سېتىۋېتىشتىن ۋاز كېچىدۇ. شىركەتنى ساقلاپ قېلىش ئۈچۈن ھېچبىر ئامالى قالمىغان دىليار ئاچچىق رېئاللىق ئالدىدا ئامالسىز قېلىپ ئاخىرى شىركىتى ۋەيران بولىدۇ.

ئايالىمۇ دىليارنى خاتا چۈشىنىپ ئاجرىشىپ كېتىدۇ. روھىي جەھە تتىن قاتتىق زەربىگە ئۇچرىغان دىليار ئۆزىنى يۈكسەك دەرىجىدە تۇتۇۋېلىپ ئەرلەرگە خاس جاسارىتى بىلەن شىركەتنىڭ كەلگۈسى ۋە كىشىلىك تۇرمۇش ھەققىدە قايتا ئويلىنىدۇ. .. ئاخىرى ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە ئاپىسىنىڭ ياردىمى ئاستىدا شىركەتنى قايتىدىن قولىغا ئېلىپ روناق تاپىدۇ.

فىلىمنىڭ ۋەقەلىكى رېئال تۇرمۇشتىكى تۈرلۈك زىددىيەت-توقۇنۇشى ئارقىلىق ئىنسان تەبىئىتىنىڭ ماھىيىتىنى، ئاچچىق تۇرمۇش كارتىنىسنى ئۆزىگە خاس ئۇسلۇبتا يارقىن يورۇتۇپ بەرگەن بولۇپ ، كۆرۈرمەنلەرگە ئۆزگىچە تەسىر بېرىش بىلەن بىرگە كىشىلىك تۇرمۇش ھەققىدە چوڭقۇر ئويلارغا سالىدۇ.

tuopintanchu.png