12-ئاينىڭ 18 ـ-كۈنى، خەينەن ئەركىن سودا پورتى پۈتۈن ئارالدا تاموژنىنى يېپىق باشقۇرۇشنى رەسمىي باشلىدى. بۇ، دۆلىتىمىزنىڭ قەتئىي تەۋرەنمەي يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىش، ئېچىۋېتىش تىپىدىكى دۇنيا ئىقتىسادى بەرپا قىلىشقا ھەقىقىي تۈرتكە بولۇشىدىكى بەلگە خاراكتېرلىك تەدبىرى.

«پۈتۈن ئارالدا تاموژنىنى قامال قىلىش»دېگەن نېمە گەپ؟
تاموژنىنى قامال قىلىش خەينەن ئارىلىنىڭ پۈتۈن ئارىلىنى تاموژنا نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش ئالاھىدە رايونى قىلىپ قۇرۇپ چىقىپ، «< بىرىنچى سەپ > نى قويۇۋېتىش، < ئىككىنچى سەپ > نى باشقۇرۇش، ئارال ئىچىدە ئەركىن بولۇش»نى ئاساسىي ئالاھىدىلىك قىلغان ئەركىنلەشتۈرۈش، قولايلاشتۇرۇش سىياسەت-تۈزۈمىنى يولغا قويۇشنى كۆرسىتىدۇ.
تاموژنا پېچەتلەنگەندىن كېيىن، خەينەن ئارىلىنىڭ پۈتۈن ئارىلىدا تاموژنا نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش بويىچە ئالاھىدە رايون قۇرۇپ چىقىلىدۇ، بۇ رايوندا ئەركىن سودا پورتى ئالاھىدە ئېتىبار سىياسىتىدىن بەھرىمەن بولىدىغان كارخانىلار چەت ئەلدىن خەينەنگە ئىمپورت قىلغان بىر قىسىم ماللىرىدىن «تاموژنا بېجى ئالماسلىق»نى ئىشقا ئاشۇرىدۇ.
ئادەتتىكى كىشىلەرنىڭ خەينەنگە بېرىشى ھازىرقىدەك قولايلىقمۇ؟
قولايلىق! تاموژنا پېچەتلىنىدۇ، ئارال پېچەتلەنمەيدۇ، خادىملارنىڭ خەينەن ئارىلىغا كىرىپ چىقىشى تاموژنا پېچەتلىنىشتىن ئىلگىرىكىگە ئوخشاش، ئارتۇق يول يۈرۈش كىنىشكىسى بېجىرىش ھاجەتسىز، كىملىكنى ئېلىپ، تاللىغان قاتناش قورالىغا ئولتۇرۇپ، ماڭىمەن دەپلا ماڭسا بولىدۇ!
ماللارنىڭ خەينەنگە كىرىپ چىقىشىنى قانداق نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش كېرەك؟

تاموژنا پېچەتلەنگەندىن كېيىن، ئارال ئىچىدە «< بىرىنچى سەپ > نى قويۇۋېتىش، < ئىككىنچى سەپ > نى باشقۇرۇش، ئارال ئىچىدە ئەركىن بولۇش»يولغا قويۇلدى، چەت ئەلدىن خەينەنگە كىرگۈزۈلگەن ماللارنى تاموژنا «بىرىنچى سەپ»تە باشقۇرىدۇ. «ئىككىنچى سەپ»ئاساسلىقى «بىرىنچى سەپ»قويۇۋېتىلگەن ماللارنى باشقۇرىدۇ، بۇ ئۈچ تۈرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ:بىرىنچى، چەت ئەلدىن ئارال ئىچىگە كىرگۈزۈلگەن «تاموژنا بېجى ئېلىنمايدىغان»ماللار كەلگۈسىدە ئىچكىرى رايونلارغا كىرگۈزۈلسە تاموژنا نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ؛ ئىككىنچى، «پىششىقلاپ قىممىتى% 30 ئاشۇرۇلغان»ماللار ئارالدىن چىقىرىلسا تاموژنا نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ. ئۈچىنچى، «بىرىنچى سەپ»تە سودا باشقۇرۇش قويۇۋېتىلگەن ماللار.تاموژنا «ئىككىنچى سەپ»تە نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ.
خەينەننىڭ ئۆزى ئىشلەپچىقارغان ماللىرى ئارالدىن چىقىپ ئىچكىرى رايونلارغا كىرسە، تاموژنىنىڭ نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلمەيدۇ. تاموژنا پېچەتلەشتىن ئىلگىرىكىگە ئوخشاش، تاموژنىغا مەلۇم قىلىش ھاجەتسىز، ھېچقانداق ئۆزگىرىش بولمايدۇ.
ئىستېمالچىلارنىڭ خەينەنگە بېرىپ «سېتىۋېلىشى»غا تەسىرى بارمۇ؟
بۇ يەردە كۆپچىلىككە شۇنى ئېيتىپ بېرەلەيمەنكى، خەينەن ئەركىن سودا پورتىدا تاموژنىنى يېپىق باشقۇرۇش بىلەن «ئارالدىن ئايرىلىدىغاندا باج كەچۈرۈم قىلىش»سىياسىتىنىڭ بىۋاسىتە باغلىنىشى يوق. خەينەننىڭ «ئارالدىن ئايرىلىدىغاندا باج مەنئى قىلىش»سىياسىتى بويىچە، ئىستېمالچىلارنىڭ ئىمپورت تاۋارلىرىنى سېتىۋېلىشى ئاساسلىقى ئۈچ خىل يول بىلەن بولىدۇ:بىرىنچى، ئادەتتىكى سودىدا، چوقۇم ئالاقىدار باج تاپشۇرۇش كېرەك؛ ئىككىنچى، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودىدا، تاموژنا «شەخسىي بۇيۇم»بويىچە نازارەت قىلىپ باشقۇرىدۇ، يەككە قېتىملىق سودا چېكى 5000 يۈەن، يىللىق چېكى 26 مىڭ يۈەن؛ ئۈچىنچى، ئارالدىن ئايرىلىدىغاندا باج كەچۈرۈم قىلىنىدۇ، يىللىق چېكى 100 مىڭ يۈەن، قېتىم سانىغا چەك قويۇلمايدۇ.
تاموژنا پېچەتلەنگەندىن كېيىن، خەينەن تاموژنىنىڭ نازارەت قىلىش-باشقۇرۇش تەرتىپىنى ئاددىيلاشتۇرۇپ، مال سېتىۋېلىپ تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئۈنۈمىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرىدۇ. ساياھەتچىلەر باج كەچۈرۈم قىلىنغان دۇكانلاردىن مال سېتىۋالغاندا، رەسمىيەتلەر تېخىمۇ ئاددىيلىشىدۇ، مال ئېلىش شەكلى تېخىمۇ جانلىنىدۇ.
كارخانىنىڭ تەرەققىياتىغا قانداق پۇرسەتلەرنى ئېلىپ كېلىدۇ؟
تاموژنا پېچىتى تاقالغاندىن كېيىن، باج كەچۈرۈم قىلىش بىلەن ساياھەت، مەدەنىيەت، كۆڭۈل ئېچىش قاتارلىق كەسىپ ھالەتلىرىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشى خەينەننى تېخىمۇ كۆپ ئىش ئورنى بىلەن تەمىنلەيدۇ. ئىستېمال بۇيۇملىرىنى پارچە سېتىش كەسپى، ساياھەتچىلىك، ياسىمىچىلىق ۋە چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودىنىڭ تېخىمۇ ياخشى تەرەققىيات ئىستىقبالىنى كۈتۈۋېلىشىدىن ئۈمىد بار.
زور مىقداردا ئۈسكۈنە ۋە خام ماتېرىيال ئىمپورت قىلىشقا ئېھتىياجلىق ياسىمىچىلىق كارخانىلىرىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، روشەن تەننەرخ ئەۋزەللىكى ئېلىپ كېلىدۇ−
تاموژنا پىچەتلەنگەندىن كېيىن، «تاموژنا بېجى ئېلىنمايدىغان»تاۋارلارنىڭ دائىرىسى 1900 دىن كۆپرەك باج تۈرىدىن 6600 دىن كۆپرەك باج تۈرىگە كېڭىيىپ، % 74 تاۋار باج تۈرىنى قاپلىدى، مەنپەئەتتىن بەھرىمەن بولىدىغان سۇبيېكىتلار پۈتۈن ئارالدىكى كارخانا، كەسپىي ئورۇنلار ھەم پۇقراۋى كارخانا ئەمەس ئورۇنلارغىچە كېڭەيدى، «تاموژنا بېجى ئېلىنمايدىغان»تاۋارلار ھەم ئۇلارنىڭ پىششىقلىنىپ تەييارلانغان مەھسۇلاتلىرى مەنپەئەتتىن بەھرىمەن بولىدىغان سۇبيېكىتلار ئارىسىدا ئەركىن ئوبوروت قىلىنىدىغان بولدى. پىششىقلاش قىممىتىنى ئاشۇرسا تاموژنا بېجىنى كەچۈرۈم قىلىش سىياسىتى تېخىمۇ ئەلالاشتۇرۇلدى، مال سودىسى تېخىمۇ ئېچىۋېتىلدى، ماللارنىڭ قاتنىشى تېخىمۇ قولايلاشتى.
نېمە ئۈچۈن پۈتۈن ئارالدىكى پېچەتلىك تاموژنا مەشغۇلاتىنى خەينەن ئەركىن سودا پورتىنىڭ ئېچىۋېتىش، تەرەققىي قىلىش يېڭى باسقۇچىنىڭ باشلىنىشى دەيمىز؟
پېچەتلىك تاموژنا مەشغۇلاتىنى باشلاش ئەركىن سودا پورتى قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم ئابىدە، لېكىن ئاخىرقى نۇقتا ئەمەس. تاموژنا پېچىتى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، خەينەننىڭ پۈتۈن يەر شارى بىلەن بولغان سودا، مەبلەغ سېلىش ئالاقىسى تېخىمۇ قويۇقلاشتى. «خەينەن ئەركىن سودا پورتى قۇرۇلۇشى ئومۇمىي لايىھەسى»گە ئاساسەن، خەينەن ئەركىن سودا پورتى قۇرۇلۇشى «ئۈچ قەدەمگە بۆلۈپ مېڭىش»قا بۆلۈنگەن:
بىرىنچى قەدەمدە، 2025-يىلىغا بارغاندا، سودىنى ئەركىن قولايلاشتۇرۇش ۋە مەبلەغ سېلىشنى ئەركىن قولايلاشتۇرۇشنى مۇھىم نۇقتا قىلغان ئەركىن سودا پورتى سىياسەت-تۈزۈم سىستېمىسى دەسلەپكى قەدەمدە ئورنىتىلىدۇ، نۆۋەتتە بۇ نىشان ئىشقا ئاشۇرۇلدى. ئىككىنچى قەدەمدە، 2035-يىلىغا بارغاندا، ئەركىن سودا پورتىنىڭ تۈزۈم سىستېمىسى ۋە يۈرۈشۈش ئەندىزىسى تېخىمۇ پىشىپ يېتىلىدۇ. ئۈچىنچى قەدەمدە، مۇشۇ ئەسىرنىڭ ئوتتۇرىلىرىغا بارغاندا، بىرقەدەر كۈچلۈك خەلقئارا تەسىر كۈچكە ئىگە يۇقىرى سەۋىيەلىك ئەركىن سودا پورتى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىلىدۇ.
خەلقئارادىن قارىغاندا، پىشىپ يېتىلگەن ئەركىن سودا پورتى تاموژنىنى يېپىق ئالغا سىلجىتىشنى باشلاشتىن ئىقتىدارىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكىچە نەچچە ئون يىللىق تەرەققىيات جەريانىنى باشتىن كەچۈرگەن. خەينەن ئەركىن سودا پورتىدا تاموژنا يېپىق بولغاندىن كېيىن يەنە ناھايىتى ئۇزۇن يول مېڭىشقا توغرا كېلىدۇ، يەنىلا تۈرلۈك ئىسلاھاتلارغا پۇختا قەدەم بىلەن قاتنىشىشقا توغرا كېلىدۇ.