مېېسىنىڭ ھىندىستان سەپىرى باشلىنىشى بىلەنلا تۇنجى كۈنى قالايمىقانچىلىقتا ئاخىرلاشتى

爱酷艺
2025-12-13
来源:直播8

ئەلكۈيى تەنتەربىيەسى تەرجىمىسى:بۈگۈن مىسسى ھىندىستان سەپىرىنى باشلاپ، كالكۇتتادىكى 85 مىڭ ئادەم سىغىدىغان تۇز كۆل تەنتەربىيە مەيدانىغا كېلىپ، مەيداننى ئايلىنىپ توپ مەستانىلىرى بىلەن كۆرۈشتى.

ھىندىستان تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، مۇسابىقە تەشكىللىگۈچى تەرەپنىڭ باشقۇرۇشى قالايمىقان ۋە بىخەتەرلىك يوچۇقى مەسىلىسى تۈپەيلىدىن، زور بىر تۈركۈم ئەمەلدارلار ۋە ئۇلارنىڭ ھەمراھلىرى مېسسىنى ئورىۋېلىپ بىرلىكتە سۈرەتكە چۈشۈشنى تەلەپ قىلغان، بۇنىڭ بىلەن كۆرۈش سۇپىسىدىكى توپ مەستانىلىرى مېسسىنىڭ سىيماسىنى كۆرەلمەي ئېتىراز بىلدۈرگەن، مىسى بولسا مەيداننى ئايلىنىپ ئۆتۈشنى مۇددەتتىن بۇرۇن ئاخىرلاشتۇرۇشقا مەجبۇر بولغان.

توپ مەستانىلىرى شۇ جايدىكى ئەمەلدارلارغا ئىسقىرتىپ، سۇ بوتۇلكىسى تاشلىدى، ئاخىرىدا زور بىر تۈركۈم توپ مەستانىلىرى مەيدانغا ئېتىلىپ كىرىپ تەنتەربىيە مەيدانىنى بۇزۇۋەتتى.

ۋەقەنىڭ پۈتۈن جەريان رەسىمى

مېسسى بىلەن سۇئارېس، دې پاۋلو شەنبە كۈنى سەھەردە ھىندىستانغا يېتىپ باردى. مىئامىدىكى بۇ بىر نەچچە خەلقئارالىق توپچى شەخسىي ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ كالكۇتتاغا قونۇپ، ئەسلىدە تۆت شەھەردە ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان ئۈچ كۈنلۈك «تارىختىكى ئەڭ ياخشى»سەييارە ئويۇنىنى باشلىدى.

تۇز كۆل تەنتەربىيە مەيدانى پائالىيىتىنىڭ يېقىنلىشىشىغا ئەگىشىپ، بۇ «شادلىق شەھىرى»نىڭ كەيپىياتى سىجىل جانلاندى، ئېگىزلىكى 70 فۇت كېلىدىغان، 8نۆۋەتلىك ئالتۇن توپ مۇكاپاتىغا ئېرىشكۈچىلەرنىڭ ھەيكىلىمۇ يىراق مۇساپىلىك مۇراسىم ئارقىلىق ئېچىلدى. ھالبۇكى   ھىندىستان تۇز كۆل تەنتەربىيە مەيدانىغا يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، ئەھۋالدا جىددىي بۇرۇلۇش بولدى.

تۇز كۆل تەنتەربىيە مەيدانى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 8 دىن 30 مىنۇت ئۆتكەندە توپ مەستانىلىرىگە ئېچىۋېتىلدى، قوللىغۇچىلار توپ-توپ بولۇپ كېلىپ، مىسسى، سۇئارېز ۋە دې پاۋلونىڭ سالاپىتىنى كۆرۈشكە تەقەززا بولدى. ئۈچ توپ چولپىنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11 ئەتراپىدا تەنتەربىيە مەيدانىغا يېتىپ كەلگەندە، نەق مەيداندا تەقەززالىق كەيپىياتى سىجىل يۇقىرى بولدى.

چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11 دىن 35 مىنۇتلار ئۆتكەندە، مىسسى ۋە ئۇنىڭ سەپداشلىرى قىستا-قىستاڭ بولۇپ كەتكەن كۆرۈرمەنلەرنىڭ ئالقىش سادالىرى ئىچىدە توپ مەيدانىغا كىردى. ئارگېنتىنالىق بۇ توپ چولپىنى سەپداشلىرى بىلەن ئەسلىدە مەيداننى ئايلىنىپ ئېھتىرام بىلدۈرمەكچى بولغان، لېكىن بۇ ھالقا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرى ۋە ئۇنىڭ بىلەن بىللە كەلگەن خادىملارنىڭ مېسسىنى ئورىۋېلىپ، بىرلىكتە سۈرەتكە چۈشۈشنى تەلەپ قىلىشى سەۋەبىدىن ئۈزۈلۈپ قېلىشقا مەجبۇر بولغان.

ئارقىدىن تېخىمۇ كۆپ ئەمەلدارلار ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى مېسسىنى قاتمۇقات قورشىۋالدى، نەق مەيدان ۋەزىيىتى تەدرىجىي كونتروللۇقىنى يوقاتتى. مېسسىنى قورشىۋالغان كىشىلەر توپى شۇنچە زىچ بولغاچقا، مۇنبەر كۆرۈرمەنلىرى توپچىلارنىڭ سىيماسىنى ئەسلا كۆرەلمىدى.

نەق مەيداندىكى توپىلاڭنى كۆزدە تۇتۇپ، مىسسى تۇز كۆل تەنتەربىيە مەيدانىغا كىرىپ ئون مىنۇتتىن كېيىنلا ئامانلىق ساقلاش خادىملىرىدىن ئۆزىنى مۇھاپىزەت قىلىپ ئۆي ئىچىگە قايتۇرۇپ كىرىشنى تەلەپ قىلدى. بۇ قىلمىش كۆرۈرمەنلارنىڭ ئەمەلدارلارغا قارىتا قۇلاقنى يارغۇدەك ئالقىش ساداسىنى قوزغىدى، توپ مەستانىلىرىنىڭ يۈرىكى پارە-پارە بولدى.مېسسى ۋە ئۇنىڭ سەپداشلىرى ئامانلىق ساقلاش خادىملىرى تەرىپىدىن مۇھاپىزەت قىلىنىپ توپ مەيدانىدىن ئايرىلغاندا، توپ مەستانىلىرى سەۋر-تاقىتىنى يوقاتتى. كۆرۈش سۇپىسىدا بەزىلەر ئەمەلدارلار ۋە ھۆكۈمەت خادىملىرىغا سۇ بوتۇلكىسى ئاتتى، تاماشىبىنلار ئورنىدىكى لوزۇنكىلارمۇ يىرتىۋېتىلدى.

ۋەقە بۇ دەرىجىگە يەتكەندە، كۆرۈش سۇپىسىغا ساقچى ئورۇنلاشتۇرۇلدى ھەمدە قىسمەن رايونلاردا ساقچى كالتىكى بىلەن تارقىتىۋېتىلدى. گەرچە بارسېلونا پۇتبول كۇلۇبىدىكى بۇ رىۋايەتلىك شەخس تەنتەربىيە مەيدانىدىن ئايرىلغان بولسىمۇ، كۆرۈش سۇپىسىدىكى توپ مەستانىلىرى يەنىلا توختىماي «مېسسى ،مېسسى »ۋە «بىز   مېسسى بىلەن كۆرۈشىمىز»دەپ توۋلىدى.

نەق مەيداننىڭ پۈتۈنلەي قالايمىقانلىشىشىغا ئەگىشىپ، يۈرىكى پارە-پارە بولۇپ كەتكەن توپ مەستانىلىرى ئاخىرى توپ مەيدانىغا ئېتىلىپ كىرىپ، ئەسلىھەلەرنىڭ پۈتۈنلەي ۋەيران بولۇشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. ۋەقە بۇ دەرىجىگە يەتكەندە، كۆرۈش سۇپىسىغا ساقچى ئورۇنلاشتۇرۇلدى ھەمدە قىسمەن رايونلاردا ساقچى كالتىكى ئارقىلىق تارقىتىۋېتىلدى.

مېسسى ئەسلىدە تۇز كۆل تەنتەربىيە مەيدانىدا شارۇك خان ۋە غەربىي بېنگال ئىشتاتىنىڭ باش مىنىستىرى ماماتا بانناجى بىلەن كۆرۈشمەكچى ئىدى. لېكىن پۈتكۈل پائالىيەت مۇددەتتىن بۇرۇن ئاخىرلاشتى.

نەق مەيداندا ھېچقانداق تەقدىرلەش مۇراسىمى ياكى توپ مەيدانى پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلمىدى، نەق مەيدان قالايمىقان بولغاچقا، مېسسى ۋە ئۇنىڭ سەپداشلىرى مۇددەتتىن بۇرۇن مەيداندىن ئايرىلىشقا مەجبۇر بولدى. سەپەر ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، ئارگېنتىنانىڭ بۇ توپ چولپىنى ھەيدەراباغا ئۇچۇپ بېرىپ، داۋاملىق «تارىختىكى ئەڭ ياخشى» دەپ ئاتالغان سەييارە پائالىيتىنى داۋاملاشتۇرىدىغانلىقى مۆلچەرلەندى، بۇ پائالىيەت بۈگۈن ھىندىستان ئۆلچەملىك ۋاقتى كەچ سائەت 7:30 دا باشلىنىدۇ.

ۋەقە كەسكىنلەشكەندىن كېيىن،   مېسسى تېز سۈرئەتتە كالكۇتا ئايرودۇرۇمىغا يېتىپ كەلدى. بۇ قېتىمقى كالكۇتا پونكىتىنىڭ تەشكىلىي سەۋەنلىكىنى كۆزدە تۇتۇپ، كېيىنكى ئىلگىرىلەشنى يەنىلا كۆزىتىشكە توغرا كېلىدۇ.