قورقۇنچلۇق ئۈنۈم! خالاند رونالدونىڭ رېكورتىنى بۇزىۋەتتى

ئەلكۈيى
2025-12-13
来源:جىبوبا

كىرىستىيانو رونالدو بىلەن خالاند ئوخشاشلا بۇ دەۋرنىڭ توپ كىرگۈزۈش ماشىنىسى دەپ تەرىپلەنگەن. ھازىرقى رونالدو سەئۇدى بىرلەشمىسىدە 1000 توپ كىرگۈزۈش رېكورتىغا جەڭ ئېلان قىلىۋاتىدۇ، خالاند بولسا ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسىدە بارلىق توپ كىرگۈزۈش رېكورتلىرىنى بىتچىت قىلدى.

«beinsport»نىڭ سانلىق مەلۇمات ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، خالاندنىڭ ھازىر مانچېستېر شەھىرىدە كىرگۈزگەن توپ سانى كىرىستىيانو رونالدونىڭ مانچېستېر بىرلەشمىسىدىكى ۋاقتىدا كىرگۈزگەن ئومۇمىي توپ سانى بىلەن تەڭلەشكەن بولۇپ، ئۇنىڭ سەرپ قىلغان مۇسابىقە قېتىم سانى رونالدونىڭ يېرىمىچىلىكمۇ كەلمەيدۇ.

كىرىستىيانو رونالدو بىلەن خالاند ئايرىم-ئايرىم ھالدا مانچېستېر بىرلەشمىسى ۋە مانچېستېر شەھىرىگە ۋاكالىتەن ئېرىشكەن سانلىق مەلۇماتلىرى:

كىرىستىيانو رونالدو مانچېستېر بىرلەشمىسىدە 346 مەيدان مۇسابىقىدە 145 توپ كىرگۈزگەن

خالاند مانچېستېر شەھىرىدە 167 مەيدان مۇسابىقىدە 145 توپ كىرگۈزگەن