ئەلكۈيى تەنتەربىيەسى تەرجىمىسى: «ھىندىستان ۋاقىت گېزىتى»نىڭ خەۋىرىدە، مېسسىنىڭ تەقەززالىق بىلەن كۈتكەن 2025-يىللىق «GOAT ھىندىستان سەپىرى» بۈگۈن رەسمىي باشلانغان ، ئارگېنتىنالىق بۇ پۇتبول رىۋايىتى 12-ئاينىڭ 13-كۈنىدىن 15-كۈنىگىچە، توپ مەستانىلىرىنىڭ كۆپ يىللىق ئارزۇسى بىلەن ئۇچرىشىش پۇرسىتىنى ئېلىپ، ھىندىستاندىكى تۆت چوڭ شەھەرنى ئايلىنىپ چىقىدۇ. بۇ، مېسسىنىڭ 2011-يىلىدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ھىندىستاندا زىيارەتتە بولۇشى.
بۇ قېتىمقى سەييارە ساياھەتتە مېسسىنى باشلاپ كالكۇتا، ھەدېرابا، بومباي ۋە يېڭى دېھلىنى زىيارەت قىلىدۇ، ھەربىر شەھەردە ئوخشاش بولمىغان ئېسىل پائالىيەتلەر بار. سەييارە ساياھەتنىڭ ئەڭ ئاخىرقى بېكىتى − يېڭى دېھلىدا، مىسسى ئاخىرىدا ھىندىستان زۇڭتۇڭى نارېندرا-مودى بىلەن كۆرۈشىدۇ. مېسسىنىڭ سەپدىشى سۇيارېس ھەمدە دې پاۋلومۇ بىرلىكتە قىسمەن پائالىيەتلەرگە قاتنىشىدۇ.
مېسسىنىڭ «GOAT ھىندىستان سەپىرى»نىڭ تولۇق مۇساپىسى:
12-ئاينىڭ 13-كۈنى – جاكورتا
سائەت 1:30 دا:يېتىپ بارىدۇ
سائەت 9:30 دىن 10:30 غىچە:مەسانىلەر بىلەن كۆرۈشۈش يىغىنى
10:30-11:15 am:مېسسى ھەيكىلىنىڭ يوپۇقىنى ئېچىش مۇراسىمى
11:15 am-12 pm:يۇۋا-باراتى تەنتەربىيە مەيدانىغا يېتىپ باردى
12-12:30 pm:دوستلۇق مۇسابىقىسى، تەقدىرلەش ۋە ھەمتۈرتكە بولۇش
2 pm:ھەدېراباغا بېرىش
12-ئاينىڭ 13-كۈنى-ھېيدېرابا
7 pm:ئوپال تەنتەربىيە مەيدانى كۆرگەزمە مۇسابىقىسى، مېسسى بىلەن باش مىنىستىر رېۋاند رېدى بىرلىكتە قاتنىشىش
12-ئاينىڭ 14-كۈنى-بومباي
3:30 pm:پادېل لوڭقىسى مۇسابىقىسىگە قاتنىشىش
4 pm:داڭلىق شەخسلەر پۇتبول مۇسابىقىسى
5 pm:Wankhede تەنتەربىيە مەيدانى پائالىيىتى+خەير-ساخاۋەت كىيىم-كېچەك كۆرگەزمىسى
12-ئاينىڭ 15-كۈنى-يېڭى دېھلى
زۇڭتۇڭ نارېندېرا-مودى بىلەن كۆرۈشۈش
1:30 pm:ئاللېن-جاتلېي تەنتەربىيە مەيدانى پائالىيىتى، مېنوۋا شۆيۈەن
توپچىلىرىنى تەقدىرلەيدۇ