
ئەنگلىيە تاراتقۇسى «TEAM talk»نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، لىۋېرپول ترېنېرى سىلوت برايتون بىلەن ئوينىلىدىغان مۇسابىقىدە سالاھنى داۋاملىق مەيدانغا چۈشۈرمەيدىغان بولغان بولۇپ، سالاھ بۇ مەيدان مۇسابىقىگە بىۋاستە قاتنىشالمايدىكەن، شۇنداقلا ئۇ كەچۈرۈم سوراشنى رەت قىلغان ھەمدە كوماندىدىن ئايرىلىشقا تەييارلىنىپ بولغان.
لىۋېرپولنىڭ ئىچكى قىسمىدىكى كىشىلەرنىڭ ئەنگىلىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىغا ئاشكارىلىشىچە، ئۇلار سالاھنى مۇشۇ ھەپتە ئاخىرىدىكى برايتون بىلەن ئوينىلىدىغان مۇسابىقىگە قاتناشمايدۇ دەپ قارايدىكەن. پۈتۈن كوماندا سالاھنىڭ مەيدانغا چىقماسلىقىنى ئالدىنقى شەرت قىلىپ، بۇ مەيدان مۇسابىقىگە تەييارلىق قىلماقتا.
لىۋېرپول يۇقىرى قاتلىمىدىكىلەر سالاھنى برايتون بىلەن بولىدىغان مۇسابىقىگە قاتناشتۇرۇشنىڭ پايدىسى يوق دەپ قارىغان بولۇپ، ئۇلار سالاھقا مۇددەتتىن بۇرۇن كوماندىدىن ئايرىلىپ، مىسىر دۆلەت كوماندىسىنىڭ ئافرىقا لوڭقىسىدىكى مۇسابىقىلىرىگە تەييارلىق قىلسا بولىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغان.
ھازىرغا قەدەر، سالاھ تېخى مۇددەتتىن بۇرۇن كوماندىدىن ئايرىلىش ئويىنى بىلدۈرمىگەن بولۇپ، ئۇ ئىلگىرى ئافرىقا لوڭقىسىغا مېڭىشتىن بۇرۇن توپ مەستانىلىرى بىلەن خوشلىشىش ئۈچۈن، ئاتا-ئانىسىنىڭ نەق مەيدانغا كېلىپ مۇسابىقە كۆرىدىغانلىقىنى جەزملەشتۈرگەن ئىدى.
ئىگىلىنىشىچە، لىۋېرپولنىڭ ھەپتە ئوتتۇرىسىدىكى ياۋروپا چېمپىيونلۇق سەپىرىدىن كېيىن، سالاھ ئىزچىل ئايرىم مەشىق قىلغان. ئەنگلىيە تاراتقۇلىرى يەنە سالاھنىڭ ھازىر ھېچقانداق ئالاقىدار تەرەپ (سىلوتنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دىن كەچۈرۈم سوراشنىڭ ھاجىتى يوق دەپ قارايدىغانلىقىنى بىلگەن.
تاراتقۇلار مۇشۇ ھەپتىنىڭ بېشىدا سالاھنىڭ كوللېكتىپىنىڭ ئەڭ ياخشى ھەل قىلىش چارىسى لىۋېرپول بىلەن سالاھنىڭ قالغان 18 ئايلىق توختام بىكار قىلىش ئىشىنى كېڭىشىش دەپ قارىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.