بېيجىڭ ۋاقتى 12-ئاينىڭ 8-كۈنى سەھەردە ئۆتكۈزۈلگەن بىر مەيدان مۇسابىقىدە، خانلىق مادرىد ساھىبخان مەيداندا 2:0 نەتىجە بىلەن سېلتاغا ئۇتتۇرۇپ قويۇپ، رەت تەرتىپتە بارسېلونادىن تۆت نومۇر ئارقىدا قالدى. مۇسابىقىدىن كېيىن، ئالونسو توپچىلار ۋە رېپىرنى تەنقىدلىدى. ئۇنىڭدىن باشقا، بەزى تاراتقۇلار ئەگەر خانلىق مادرىد يەنە ئۇتتۇرۇپ قويسا، ئالونسونىڭ ئىشتىن بوشىتىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خانلىق مادرىدنىڭ يېقىندىن بۇيانقى ئىپادىسى ئىنتايىن ناچار بولۇپ، يېقىنقى بەش ئايلانما ئىسپانىيە بىرلەشمىسى مۇسابىقىسىدە، خانلىق مادرىد ئاران بىر مەيدان غەلىبە قىلىپ، توققۇز نومۇر كەتكۈزدى، بۇ ئۇلارنىڭ بارسېلونادىن بەش نومۇر ئۈستۈنلۈكتىن ھازىرقى تۆت نومۇر ئارقىدا قېلىشىغا بىۋاستە تۈرتكە بولدى. ئۇنىڭدىن باشقا، ھەر تۈرلۈك مۇسابىقىلەردىكى يېقىنقى يەتتە مەيدان مۇسابىقىدە خانلىق مادرىد پەقەت ئىككى قېتىملا غەلىبە قىلدى.

سېلتاغا ئۇتتۇرۇپ قويغاندىن كېيىن، خانلىق مادرىد توپچىلىرىنىڭ چىرايى تاتىرىپ كەتتى، ئالونسو بولسا بېشىنى تۆۋەنگە قارىتىپ گەپ قىلمىدى. بېرنابۇدىكى 80 مىڭ ئادەمنىڭ ئىسقىرتىشى ئالدىدا، ئۇ ۋاقتىنچە كوماندىنى يېتەكلەپ قىيىن ئەھۋالدىن قۇتۇلۇشنى بىلەلمەي قالدى. بىراق، ئۇنىڭغا قالىدىغان ۋاقىت كۆپ قالمىدى. تاراتقۇلارنىڭ كۆرسىتىشىچە، ئەگەر خانلىق مادرىد ئۈچ كۈندىن كېيىن ياۋروپا چېمپىيونلۇق بىرلەشمىسىدە يەنە مانچېستېر شەھىرىگە ئۇتتۇرۇپ قويسا، ئالونسو ئىشتىن بوشىتىلىدىكەن.

بۇ مەغلۇبىيەت ئالونسونى ئىنتايىن نارازى قىلدى، ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، ئۇ ئالدى بىلەن توپچىلارنى تەنقىدلەپ: «توپچىلارنىڭ بۈگۈن كەچتىكى تىرىشچانلىقى ۋە سىجىللىقى؟ راست گەپ قىلسام، مەن ئازراق ئۈمىدسىزلىنىپ قالدىم» دېدى. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئالونسو باش رېپېرنى غەزەپ بىلەن تەنقىدلەپ مۇنداق دېدى: «رېپىرنىڭ جازاسى بىزنى تەمتىرىتىپ قويدى، بىز ئۇنىڭ ھۆكۈمىدىن رازى ئەمەس. ئۇ خالىغانچە قىزىل كارتا چىقاردى. سىز ئۇنىڭ كارېراسقا بەرگەن قىزىل كارتىسىنىڭ ئىنتايىن چوڭ تالاش-تارتىش قوزغايدىغانلىقىنى كۆرۈۋالالايسىز. مەن بۇنداق جازانى ئېتىراپ قىلمايمەن، مەن ئۇنىڭدىن بەك ئۈمىدسىزلەندىم.»

ئۇ توپچىلارنىڭ دەرھال روھلىنىپ كېتىشىنى ئۈمىد قىلىپ :«ھەممىمىز غەزەپلىنىۋاتىمىز. بۇ بىز ئېرىشمەكچى بولغان نەرسە ئەمەس. مىلىتاۋنىڭ يارىلىنىشى بىزگە زىيانكەشلىك قىلدى. بىز چوقۇم پايدىسىز ۋەزىيەتنى تېزدىن ئۆزگەرتىشىمىز كېرەك. بۇ پەقەت ئۈچ نومۇر، بىرلەشمە تېخى ئۇزۇن.» دېدى. ئۇنىڭ قارىشىچە كوماندىدىكى ھەممە ئادەم ھازىرقى پەسكويغا چۈشۈپ قالغان ئەھۋالغا مەسئۇل بولۇشى كېرەك ئىكەن. ئۇ بۇ ھەقتە مۇنداق دېدى: «بۇ ھەممە ئادەمنىڭ مەجبۇرىيىتى. بىز چوقۇم بىرلىكتە ئالدىمىزغا قارىشىمىز لازىم. بىز ئۆزىمىزنىڭ تېخىمۇ ياخشى ئوينىيالايدىغانلىقىمىزنى ئىسپاتلىماقچ.»