ياۋروپا لوڭقىسىدىكى 16 كۈچلۈك كوماندا تولۇق مەيدانغا كەلدى

2024-06-27
来源:

5-كوماندا ئۆلگەنلەرنىڭ يېرىمى!

ياۋروپا لوڭقىسىدىكى 16 كۈچلۈك كوماندا بىلەن ئېلىشىش:

فىرانسىيە vs بېلگىيە

پورتۇگالىيە vs سىلوۋېنىيە

ياۋروپا لوڭقىسىدىكى 16 كۈچلۈك كوماندا تولۇق مەيدانغا كەلدى، ياۋرۇپا لوڭقىسى   1/8 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقە 6-ئاينىڭ 29-كۈنى كەچتىن باشلاپ   قىزغىنلىق ئىچىدە داۋاملىق ئەلكۈيىدە ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈلۈپ بىۋاستە تارقىتىلىدۇ!

ئۆلۈم گىردابى بىلەن ئوينىلىدىغان شاللاش مۇسابىقىسى قايناملىرىدا كىم لەيلەشكە ۋە قايسى كوماندا چۆكۈپ شاللىنىدۇ؟

8b5102d0-55d2-453a-95ca-2893274697db.png

  ھازىر ئاياغلاشقان ياۋروپا لوڭقىسى گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ   ئىس-تۈتەكلىرى تارقاپ، 16 كۈچلۈك كوماندا رەسمىي بارلىققا كەلدى! 6-ئاينىڭ 14-كۈنىدىن 6-ئاينىڭ 27-كۈنىگىچە ئوينالغان 36 مەيدان مۇسابىقىنىڭ ھەممىسى ئەلكۈيىدە ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈلۈپ بىۋاستە تارقىتىلدى.سىز كۈتكىلى ئۇزاق بولغان 16 كۈچلۈك كوماندا ئىچىدىن 8 كۈچلۈكنى تاللاش يەنى   8/1 ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى 6-ئاينىڭ 29-كۈنى   كەچتىن باشلاپ ئەلكۈيىدە داۋاملىق ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈلۈپ بىۋاستە تارقىتىلىدۇ.كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان تىركىشىش، كەسكىن ھايات-ماماتلىق جەڭ پات ئارىدا رەسمىي باشلىنىدۇ!

ئالدىنقى يېرىم رايوندا-ئىسپانىيە بىلەن گىرۇزىيە مۇسابىقە ئويناپ 8 كۈچلۈككە كىرىشنى تالىشىدۇ؟ گېرمانىيە بىلەن دانىيەنىڭ كۈچ سىنىشىشىدا كىم تېخىمۇ قالتىس نەتىجىسى بىلەن 8 كۈچلۈككە كىرىدۇ؟ پورتۇگالىيەبىلەن سىلوۋېنىيە ھايات-مامات جېڭىدە ،كېرىستىيانو رونالدو يەنە بىر قېتىم جىددىي ۋەزىيەتنى ئوڭشىيالامدۇ؟ فىرانسىيە بىلەن بېلگىيەنىڭ تىركىشىشى «ھالاكەتلىك يېرىم رايون»نىڭ مۇقەددىمىسى، دەپ تەرىپلەنمەكتە.

كېيىنكى يېرىم مەيدان رايوندا بولسا   رۇمىنىيە بىلەن گوللاندىيە، ئاۋسترىيە بىلەن تۈركىيە،ئېنگىلاند بىلەن سىلوۋاكىيە، بۇ مۇسابىقىلەرنى ئوخشاشلا قولدىن بېرىپ قويۇشقا بولمايدۇ! يەنە 29-چىسلا كەچتىن باشلاپ   ھەممە كۆز تىكىۋاتقان شىۋېيتسارىيەبىلەن ئىتالىيەنىڭ ھايات-مامات جېڭىدىن باشلاپ ، ياۋروپادىكى كوماندىلارنىڭ شاللاش تىپىدىكى ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىلىرى رەسمىي باشلىنىدۇ.  

مۇسابىقە ئويناش   كۈنتەرتىپ ئەھۋالى ۋە ئەلكۈيىدە بىۋاستە تارقىتىش ۋاقتى تۆۋەندىكىچە بولىدۇ، بۇ مەزمۇننى ساقلىۋېلىپ   كۆڭلىڭىزدىكى كوماندىنىڭ قاچان مۇسابىقىگە چۈشىدىغانلىقىنى بىلىۋېلىڭ!

007N9ikngy1hr2ag95fdfj30iq0jcjul.jpg007N9ikngy1hr3g7jsvwbj30u00qags3.jpg

6-ئاينىڭ 30-كۈنى سائەت 0:00 دە:شۋېتسارىيە VS ئىتالىيە

- 6-ئاينىڭ 30-كۈنى سائەت 3:00 گېرمانىيە VS دانىيە

- 7-ئاينىڭ 1-كۈنى سائەت 0:00 دا:ئەنگىلىيە VS سىلوۋاكىيە

- 7-ئاينىڭ 1-كۈنى سائەت 3:00:ئىسپانىيە VS گىرۇزىيە

- 7-ئاينىڭ 2-كۈنى سائەت 0:00 دا:فىرانسىيە VS بېلگىيە

- 7-ئاينىڭ 2-كۈنى سائەت 3:00 پورتۇگالىيە VS سىلوۋېنىيە

- 7-ئاينىڭ 3-كۈنى سائەت 0:00:رۇمىنىيە VS گوللاندىيە

- 7-ئاينىڭ 3-كۈنى سائەت 3:00 دە:ئاۋسترىيە VS تۈركىيە

WX20240627-054236@2x.png

بارلىق مۇسابىقىلەر ئەلكۈيى كىنو ئەپ دىتالى ، ئەلكۈيى ئۈندىدار سالونىدا ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈلۈپ بىۋاستە تارقىتىلىدۇ،كۆرۈشنى ئونۇتماڭ !بۇ مەزمۇنغا يۈرەك بىرىپ دەرھال دوستلىرىڭىزغا تارقىتىپ قويۇڭ، ياۋروپا لوڭقىسى مۇسابىقىسىنىڭ شانلىق پەيتلىرىگە بىرلىكتە گۇۋاھ بولسۇن!