ئەسكەرتىش:بۈگۈندىن باشلاپ مۇسابىقە ۋاقتىدا ئۆزگىرىش بولىدۇ

ئەلكۈيى
2024-06-23
来源:爱酷艺

2024-يىللىق ياۋروپا لوڭقىسىنىڭ 3-ئايلانما مۇسابىقە كۈنتەرتىپى توغرىسىدا ئالدىن چۈشەنچە

توپ.jpg

ھۆرمەتلىك تورداشلار بۈگۈندىن باشلاپ ئەلكۈيى كىنو ئەپ دىتالى ۋە ئەلكۈيى سالونى ، ئەلكۈيى تەنتەربىيە قانىلىدا ياۋروپا لوڭقىسىنىڭ 3-ئايلانما مۇسابىقىلىرى ئۇيغۇرچە چۈشەندۈرۈلۈپ بىۋاستە تارقىتىلىدۇ. بىراق بۈگۈندىن باشلاپ مۇسابىقە ئۆتكۈزۈلۈش ۋاقتىدا ئۆزگىرىش بولىدۇ ، شۇڭا تورداشلارنىڭ ۋاقىپ بولىشىنى ، مۇسابىقە كۆرۈش ۋاقتىنى ئورگان تەرەپ ئۆتكۈزگەن مۇسابىقە ئويناش ۋاقتىدا ئۇدۇللاشتۇرىشىنى تەۋسىيە قىلىمىز.


ئۈچۈنچى ئايلانما بىرىنچى مەيدان مۇسابىقە (بۇنىڭدىن كىيىنكى گۇرۇپپا مۇسابىقىلىرى ئىككى مەيدان مۇسابىقە تەڭ ئۆتكۈزىلىدۇ)

مۇسابىقە ۋاقىتلىرى : (ھەر كۈنى سەھەر بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 3:00) مەسىلەن بۈگۈن:

6-ئاينىڭ 24-كۈنى

شىۋېتسارىيە vs گېرمانىيە ( بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 3:00)

شوتلاندىيە vs ۋېنگىرىيە ( بېيجىڭ ۋاقتى سائەت 3:00)

«بۇ مۇسابىقە جەدىۋىلىنى كۆرۈپ ھەيران قالدىڭىزمۇ؟ » ئۈچىنچى قېتىملىق مۇسابىقە سەھەر سائەت ئۈچتە بىرلا ۋاقىتتا باشلىنىدىكەن ئەمەسمۇ! نېمە ئۈچۈن؟ »

ئەمەلىيەتتە، بۇ ئورۇنلاشتۇرۇش دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى توپ مەستانىلىرىنى ئوخشاش بىر ۋاقىتتا مۇسابىقىنىڭ قىزغىنلىقى ۋە خۇشاللىقىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىش ئۈچۈندۇر.

. مەيلى سىز يېرىم كېچىدە مۇسابىقە كۆرۈشنى ياكى يېرىم كېچىدە پۇتبول ئويۇنلىرىنى ئويناشنى ياخشى كۆرىدىغان توپ مەستانىسى بولۇڭ، بۇ نۆۋەتلىك مۇسابىقىدە ئۆزىڭىزگە تەۋە قالتىسلىقنى تاپالايسىز.