قاتار دۇنيا لوڭقىسى E گۇرۇپپا مۇسابىقىسىنىڭ ئەڭ ئاخىرقى ئايلانمىسىدا، گېرمانىيە كوماندىسى 2:4 نەتىجە بىلەن كوستارىكا كوماندىسىنى يەڭگەن بولسىمۇ، لېكىن ياپونىيە ئىسپانىيەنى مەغلۇپ قىلغاچقا گۇرۇپپىدىن چىقالمىدى. مۇسابىقىدىن كېيىن، «توپ كىرگۈزۈش تورى» بۇ مەيدان مۇسابىقىدىكى بىر قانچە چوڭ مەغلۇبىيەتچىلەرنى باھالاپ چىقتى.
نويېر
ئۇنىڭ ئىككى قېتىملىق چوڭ سەۋەنلىكى گېرمانىيە كوماندىسىنىڭ ئۈستۈنلۈكىنى يوق قىلدى، ئۇنىڭ توسۇۋالغان توپى قولىدىن چىقىپ كەتتى، رەقىبى قايتقان توپنى تېپىپ كىرگۈزدى، ئارقىدىن ۋارگاسنىڭ قاپقا ئالدىدىكى تەپكەن توپىنى ئۆز قاپقىسىغا «خائىن» توپ قىلىپ كىرگۈزدى. ئەگەر ئالدىنقى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە نويېر فىرېرنىڭ يەكمۇ-يەك ھالەتتە تەپكەن توپىنى ئەڭ توسۇۋالمىغان بولسا، بۇ مەيدان مۇسابىقە ئۇنىڭغا ئاپەت بولغان بولاتتى.
رۇدىگېر
ئۇنى پۈتۈنلەي فىرېر بىر تەرەپ قىلدى، ئالدىنقى يېرىم مەيداندا كوستارىكانىڭ 4-نومۇرلۇق بۇ توپچىسى ئۇنىڭ مۇداپىئەسىدىن ئاسانلا قۇتۇلۇپ، يەكمۇيەك توپ تېپىش پۇرسىتىگە ئېرىشتى. كېيىنكى يېرىم مەيدان مۇسابىقىدە رۇدىگېرمۇ فىرېرنىڭ ياردەمچى پاس بېرىشىنى توسۇپ قالالمىدى، نەتىجىدە كوستارىكا كوماندىسى نەتىجىنى تەڭلەشتۈردى. بىر ئوتتۇرا بېكنىڭ ۋەزىپىسى مۇداپىئە سېپىنىڭ تەھدىتىنى سۈپۈرۈپ تاشلاش ئىدى، لېكىن رۇدىگېر روشەنكى ياخشى قىلالمىدى.
توماس مۇللېر
بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئۇنىڭ مەۋجۇتلۇق تۇيغۇسى يوق دىيەرلىك بولدى. سەپداشلىرى كوستارىكالىق توپچىلارنىڭ توپ كىرگۈزۈشىنى توسۇشقا ئامالسىز قالغاندا، مۇللېرمۇ بىر پېشقەدەم ماھىرنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرالمىدى. مۇللېر مۇسابىقىدە سەل كۆرۈنمەي قالدى، ئەمما ئۇنىڭ ئورنىغا چىققان خاۋېرتز مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا مۇسابىقىگە تەسىر كۆرسەتتى.
VAR
سىن ياردەمچى رېپىرى يەنە بىر قېتىم زور تالاش-تارتىش پەيدا قىلدى، بۇ گېرمانىيە كوماندىسىنى ناھايىتى بىئارام قىلدى. نۇرغۇن كىشىلەر ياپونىيە كوماندىسىنىڭ كىرگۈزگەن توپى ئاللىقاچان سىزىقتىن چىقىپ كەتتى دەپ قارىدى، ئاستا كۆرۈنۈش ئارقىلىق بۇ توپنىڭ سىزىقتىن كەتكەن-كەتمىگەنلىكىنى كۆرۈش تەس، ئەمما بۇ توپ گېرمانىيەلىكلەرنى دۇنيا لوڭقىسىدىن ئاساسىي جەھەتتىن شاللىۋەتتى.