پارتىيە 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 7 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشت

ئەلكۈيى تورى
2022-10-15
来源:شىنجاڭ گېزىتى

ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى يىغىن ئاچتى

پارتىيە 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 7 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى

ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى

ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى ياۋ تۇڭ، ليۇ شياڭ خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 10 ـ ئاينىڭ 13 ـ كۈنى كەچتە يىغىن ئاچتى، يىغىندا پارتىيە 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 7 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: پارتىيە 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 7 ـ ئومۇمىي يىغىنى پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى پات ئارىدا ئېچىلىدىغان ئاچقۇچلۇق پەيتتە ئېچىلغان بىر قېتىملىق مۇھىم يىغىن. ئومۇمىي يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن بەرگەن خىزمەت دوكلاتى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى ۋە مۇزاكىرە قىلىندى، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ تەكشۈرۈشى ۋە قاراپ چىقىشىغا سۇنۇلىدىغان ئۈچ ھۆججەت مۇزاكىرە قىلىندى ۋە ماقۇللاندى، ھازىرقى ۋەزىيەت ۋە ۋەزىپىلەر تەھلىل قىلىنىپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە جۇڭگوچە سوتسىيالىزمدا چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى راۋاجلاندۇرۇش، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇشقا دائىر بىرقانچە مۇھىم، زور مەسىلە چوڭقۇر مۇزاكىرە قىلىنىپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىدىيە بىرلىككە كەلتۈرۈلۈپ، ئورتاق تونۇش مۇجەسسەملىنىپ، كۈچ توپلىنىپ، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنى ئېچىش ئۈچۈن تولۇق تەييارلىق كۆرۈلدى. بىز پارتىيە 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 7 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ مۇھىم، زور ئەھمىيىتىنى تولۇق تونۇپ، ئومۇمىي يىغىننىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، قەتئىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم دوكلاتى، مۇھىم چۈشەندۈرۈشى ۋە مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى يەنىمۇ چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، سىياسىي ھۆكۈم قىلىش ئىقتىدارىمىز، سىياسىي ئۆزلەشتۈرۈش ئىقتىدارىمىز، سىياسىي ئىجرا قىلىش ئىقتىدارىمىزنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، «دۆلەتنىڭ چوڭ ئىشى»نى ئەستە چىڭ ساقلاپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىجتىمائىي مۇقىملىق ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك باش نىشانىنى زىچ چۆرىدەپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش بىلەن ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بىرتۇتاش پىلانلاپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش، تەرەققىياتنى بىخەتەر قىلىشنى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇپ، تىرىشىپ تەكشى، مۇقىم، ساغلام بولغان ئىقتىسادىي مۇھىت، دۆلەت تىنچ، خەلق خاتىرجەم بولغان جەمئىيەت مۇھىتى، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي مۇھىتنى ساقلاپ، ئەمەلىي ھەرىكىتىمىز ئارقىلىق پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى كۈتۈۋېلىشىمىز كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيە 19 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى بەش يىل ئىنتايىن پەۋقۇلئاددە، ئىنتايىن ئالاھىدە بەش يىل بولدى. بەش يىلدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ئەھۋالنى كۆزىتىپ، ۋەزىيەتنى مۆلچەرلەپ، توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىپ، دادىل كۈرەش قىلىپ، كۈرەش قىلىشقا ماھىر بولۇپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، كەسكىن، مۇرەككەپ خەلقئارا ۋەزىيەت ۋە كەينى ـ كەينىدىن كەلگەن غايەت زور خەۋپ ـ خەتەر، خىرىسلارغا ئۈنۈملۈك تاقابىل تۇرۇپ، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىش روھى ئارقىلىق يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، ئۇزاقتىن بۇيان ھەل قىلىنماي كەلگەن نۇرغۇن قىيىن مەسىلىنى ھەل قىلىپ، يىراق كەلگۈسىگە مۇناسىۋەتلىك نۇرغۇن زور ئىش، مۇھىم ئىشنى ۋۇجۇدقا چىقىرىپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتىدىغان مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى. پارتىيە 19 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى بەش يىلدا پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا قولغا كەلتۈرۈلگەن مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنىڭ يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچىلىكىدە، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىپ قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈش، پارتىيەنىڭ يولداش شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسىلىق، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق ئورنىنى تىكلىگەنلىكى، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنىڭ يېتەكچى ئورنىنى تىكلىگەنلىكىنىڭ پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئورتاق ئارزۇسىنى ئەكس ئەتتۈرگەنلىكىنى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىدا، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش تارىخىي مۇساپىسىنى ئالغا سىلجىتىشتا ھەل قىلغۇچ ئەھمىيەتكە ئىگە ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈشىمىز كېرەك.

يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: ئەمەلىيەت بىزگە شۇنى قايتا ـ قايتا ئۇقتۇردىكى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ رول تۇتۇپ يول باشلىغانلىقى پارتىيەنىڭ ئەڭ زور بەختى، مىللەتنىڭ ئەڭ زور بەختى، بىزنىڭ تۈرلۈك جاپا ـ مۇشەققەت، خەۋپ ـ خەتەر ۋە توسالغۇلارنى يېڭىپ، يېڭى تارىخىي ئۇلۇغ ئىشلارنى ۋۇجۇدقا چىقىرىشىمىزدىكى ئەڭ زور ئىشەنچىمىز ۋە كۈچ مەنبەيىمىز. ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ يادروسىلىق، پۈتۈن پارتىيەنىڭ يادروسىلىق، خەلقنىڭ داھىيسىلىق، ئارمىيەنىڭ باش قوماندانىلىق ئورنى ۋە نوپۇزىنى تېخىمۇ قەتئىي قوغداپ، پارتىيە 19 ـ نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 7 ـ ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، پات ئارىدا ئېچىلىدىغان پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ توغرىسىدىكى بىر قاتار مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، يەنىمۇ ئەتراپلىق ئىگىلەپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، خىزمەتلەرگە يېتەكچىلىك قىلىپ، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشىمىز كېرەك.

يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىغا مۇلازىمەت قىلىش ۋە كاپالەتلىك قىلىش ھازىرقى ھەممىنى بېسىپ چۈشىدىغان سىياسىي ۋەزىپە، تەيشەن تېغىدىنمۇ ئېغىر سىياسىي مەسئۇلىيەت. سىياسىي يۈكسەكلىكنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، «دائىم غېمىدە بولۇش» مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى، بۇرچ تۇيغۇسى، تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش، مۇقىملىقنى قوغداش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى خەۋپ ـ خەتەر، خىرىسلارنىڭ كۈچەپ ئالدىنى ئېلىش ۋە تۈگىتىش كېرەك. پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنى كۈتۈۋېلىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ئاساسىي لىنىيەنى چۆرىدەپ، 10 يىلدىن بۇيانقى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك تەدبىرلىرى، ئۆزگىرىش ياساش خاراكتېرلىك ئەمەلىيىتى، بۆسۈش خاراكتېرلىك ئىلگىرىلەشلىرى، بەلگە خاراكتېرلىك نەتىجىلىرىنى كەڭ تەشۋىق قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئىسلاھات، تەرەققىيات، مۇقىملىقى ۋە ھەر مىللەت خەلق خاتىرجەم ياشاپ خۇشال ـ خۇرام ئىشلەۋاتقان ياخشى ۋەزىيەتنى تەشۋىق قىلىپ، پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشى ئۈچۈن ياخشى كەيپىيات يارىتىشىمىز كېرەك.