ئەلكۈيى تورى پۈتۈن تاراتقۇ مەركىزى تەرجىمىسى:يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ نۇرغۇن جايلىرىدىكى پاختىكارلار دېھقانچىلىق ۋاقتىنى چىڭ تۇتۇپ، يېڭى پاختىنى تېرىش، سېتىشنى چىڭ تۇتتى، جايلاردىكى پاختا پىششىقلاش كارخانىلىرىمۇ تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەپ، جىڭلاپ سېتىۋالدى، بۇ يىللىق يېڭى پاختا سېتىۋېلىش خىزمىتىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق پاختىچىلىق كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى «پاختىچىلىق ئائىلىلىرىگە ئوچۇق خەت»نى ئالاھىدە ئېلان قىلدى
پاختىچىلىق ئائىلىسىدىكى دوستلار:
ياخشىمۇ سىز !
2022-يىللىق يېڭى پاختا سېتىۋېلىش خىزمىتى باشلاندى، ئاپتونوم رايونىمىزدىكى پاختىكارلارنىڭ كىرىمىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، دۆلەت شىنجاڭدا پاختىنىڭ نىشانلىق باھا ئىسلاھاتى ۋە ئەلا سۈپەتلىكلىرىگە يۇقىرى باھا قويۇشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى داۋاملىق يولغا قويدى، 2022-يىللىق پاختىنىڭ نىشانلىق باھاسى ھەر توننىسى 18 مىڭ 600 يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى كاپالەت سەۋىيەسى بىلەن بىردەك بولدى. ئەگەر بۇ يىل دۆلەت ئۆلچەپ تەكشۈرگەن پاختىنىڭ بازار باھاسى نىشانلىق باھا سەۋىيەسىدىن تۆۋەن بولسا، نىشانلىق باھا تولۇقلىمىسى ۋە تۈرلۈك نۇقتىدا سىناق قىلىش تولۇقلىمىسىنى نورمال ئالالايسىز. سىزنىڭ كېۋەز تېرىش تولۇقلىمىسىغا ئوڭۇشلۇق ئېرىشىشىڭىزگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئەستايىدىل ھالدا تۆۋەندىكىلەرنى ئىشقا ئاشۇرۇڭ :
بىرىنچى، كېچىدە يىغىۋېلىش، شەبنەمدە يىغىۋېلىش، باشقا نەرسىلەرنى ئارىلاشتۇرۇش ( سۈنئىي قۇم، توپا، تاش ئارىلاشتۇرۇش )، ساختا نەرسىلەرنى ئارىلاشتۇرۇش ( يالغاننى راست قىلىپ كۆرسىتىش، ناچىرىنى ياخشى قىلىپ كۆرسىتىش، سۈنئىي ئۇسۇلدا ساختا پاختا يۆگىمىسى ياساش ) قاتارلىق پاختا سۈپىتىگە ئېغىر تەسىر يەتكۈزىدىغان يىغىۋېلىش قىلمىشلىرىنى توسۇش كېرەك، ئەگەر سىز سېتىپ بەرگەن چىگىتلىك پاختا سۇدىن ئېشىپ كەتكەن، ئارىلاش پاختا بولسا، تولۇقلىمىنى ئالالماسلىقىڭىز مۇمكىن.
ئىككىنچى، پاختىنى سېتىشتىن بۇرۇن، كومپيۇتېر ياكى يان تېلېفون ئارقىلىق پاختىكارلارنىڭ تېرىقچىلىق، سېتىش ئىشلىرىنى سۈرۈشتۈرۈش سىستېمىسى غا تىزىملىتىڭ(ياكى ھۆججەت ئاخىرىدىكى ئىككى ئۆلچەملىك كودنى سىكانىرلاڭ )، كىملىك نومۇرىنى كىرگۈزۈپ، ئۆزىڭىزنىڭ تېرىقچىلىق ئۇچۇرىڭىزنى تەكشۈرۈپ ئېنىقلاڭ، ئەگەر سىستېمىدا سىزنىڭ تېرىقچىلىق ئۇچۇرىڭىز بولمىسا ياكى تېرىقچىلىق ئۇچۇرىڭىزدا خاتالىق بولسا، تولۇقلىمىنى ئالالماسلىقىڭىزنى كەلتۈرۈپ چىقىرىشى مۇمكىن، بۇ ۋاقىتتا سىز شۇ جايدىكى يېزا ئىگىلىكى، يېزا تارماقلىرى بىلەن ئالاقىلىشىپ، ئۇچۇرنى ئۆزگەرتىشنى ئىلتىماس قىلسىڭىز بولىدۇ. تالوننى ياخشى ساقلاڭ، تالون سىزنىڭ تولۇقلىما بېرىشىڭىزدىكى مۇھىم ئىسپات.
ئۈچىنچى، پاختا باھاسىدا ھەر كۈنى بىر قەدەر چوڭ ئۆزگىرىش بولىدۇ، قىمار ئوينىغاندەك بازار تېپىش پىسخىكىسىدا بولماي، پاختا يىغىش ۋاقتىغا ئاساسەن پاختىنى ۋاقتىدا تاپشۇرۇڭ، پاختا يىغىش ۋاقتى بەك ئۇزۇن بولۇپ كېتىپ، پاختىنىڭ سۈپىتىگە تەسىر يېتىشتىن ساقلىنىڭ. سىز چوقۇم 2023-يىلى 1-ئاينىڭ 31-كۈنىدىن بۇرۇن پاختىنى سېتىپ بېرىڭ، بولمىسا تولۇقلىما ئالالمايسىز.
تۆتىنچى، ئەگەر سىز سىياسەتنى چۈشىنىش ياكى پاختا سېتىش ۋە تولۇقلىما ئېلىش جەريانىدا مەسىلىگە يولۇقسىڭىز، شۇ جايدىكى ئالاقىدار تارماقلارغا ۋاقتىدا ئىنكاس قىلسىڭىز بولىدۇ. سىزنىڭ پاختا نىشان باھا سىياسىتىنى قوللىغىنىڭىزغا رەھمەت. بىز يەنىمۇ غەيرەتكە كېلىپ، سىياسەتلەرنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كېۋەز تېرىغۇچىلارنىڭ مەھسۇلاتنى، ئۈنۈمنى، كىرىمنى ئاشۇرۇشىغا ياخشى مۇلازىمەت قىلىمىز.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پاختىچىلىق تەرەققىياتىغا رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسى ئىشخانىسى
2022-يىل 10-ئاينىڭ 10-كۈنى
新疆维吾尔自治区棉花产业发展领导小组办公室
2022年10月10日
温馨提示:用微信扫描上方二维码,登录“棉农综合服务平台”,即可查看加工企业公示结果、查询您自己的棉花种植信息以及籽棉交售情况。
连日来,自治区多地棉农抢抓农时,加紧采摘销售新棉,各地棉花加工企业也做好各项工作,开秤收购,为确保今年新棉收购工作顺利进行,自治区棉花产业发展领导小组办公室特发布《致广大植棉户的公开信》:
植棉户朋友:
新疆维吾尔自治区棉花产业发展领导小组办公室
2022年10月10日
温馨提示:用微信扫描上方二维码,登录“棉农综合服务平台”,即可查看加工企业公示结果、查询您自己的棉花种植信息以及籽棉交售情况。